ואלה תולדת אהרן ומשה ביום דבר יהוה את משה--בהר סיני | 1 |
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى. |
ואלה שמות בני אהרן הבכר נדב ואביהוא אלעזר ואיתמר | 2 |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ناداب ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. |
אלה שמות בני אהרן הכהנים המשחים--אשר מלא ידם לכהן | 3 |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئۇلار مەسىھلەنگەن كاھىنلار ئىدى؛ [مۇسا] ئۇلارنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە خۇداغا ئاتاپ ئايرىغانىدى. |
וימת נדב ואביהוא לפני יהוה בהקרבם אש זרה לפני יהוה במדבר סיני ובנים לא היו להם ויכהן אלעזר ואיתמר על פני אהרן אביהם | 4 |
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنغىنى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەسلى قالدۇرۇلمىدى؛ ئەلىئازار بىلەن ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇن ئالدىدا كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 5 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — |
הקרב את מטה לוי והעמדת אתו לפני אהרן הכהן ושרתו אתו | 6 |
سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل. |
ושמרו את משמרתו ואת משמרת כל העדה לפני אהל מועד--לעבד את עבדת המשכן | 7 |
ئۇلار ھارۇننىڭ ھاجىتى ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن. |
ושמרו את כל כלי אהל מועד ואת משמרת בני ישראל--לעבד את עבדת המשכן | 8 |
ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن. |
ונתתה את הלוים לאהרן ולבניו נתונם נתונם המה לו מאת בני ישראל | 9 |
سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن. |
ואת אהרן ואת בניו תפקד ושמרו את כהנתם והזר הקרב יומת | 10 |
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، — دېدى. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 11 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — |
ואני הנה לקחתי את הלוים מתוך בני ישראל תחת כל בכור פטר רחם מבני ישראל והיו לי הלוים | 12 |
— قارا، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. |
כי לי כל בכור--ביום הכתי כל בכור בארץ מצרים הקדשתי לי כל בכור בישראל מאדם עד בהמה לי יהיו אני יהוה | 13 |
چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
וידבר יהוה אל משה במדבר סיני לאמר | 14 |
ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا: — |
פקד את בני לוי לבית אבתם למשפחתם כל זכר מבן חדש ומעלה תפקדם | 15 |
— سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، — دېدى. |
ויפקד אתם משה על פי יהוה כאשר צוה | 16 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە دېيىلگەندەك لاۋىيلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. |
ויהיו אלה בני לוי בשמתם--גרשון וקהת ומררי | 17 |
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: — گەرشون، كوھات، مەرارى. |
ואלה שמות בני גרשון למשפחתם--לבני ושמעי | 18 |
گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئائىلىلىرى بويىچە لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. |
ובני קהת למשפחתם--עמרם ויצהר חברון ועזיאל | 19 |
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. |
ובני מררי למשפחתם--מחלי ומושי אלה הם משפחת הלוי לבית אבתם | 20 |
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتى بولدى. |
לגרשון--משפחת הלבני ומשפחת השמעי אלה הם משפחת הגרשני | 21 |
گەرشوندىن لىبنىلارنىڭ جەمەتى بىلەن شىمەيلەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. |
פקדיהם במספר כל זכר מבן חדש ומעלה פקדיהם שבעת אלפים וחמש מאות | 22 |
بارلىق ئەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلىرىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىرى جەمئىي يەتتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. |
משפחת הגרשני אחרי המשכן יחנו ימה | 23 |
گەرشوننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرەپتە بارگاھ قۇردى؛ |
ונשיא בית אב לגרשני אליסף בן לאל | 24 |
گەرشون جەمەتىنىڭ ئەمىرى لائەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. |
ומשמרת בני גרשון באהל מועד המשכן והאהל מכסהו--ומסך פתח אהל מועד | 25 |
گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە، |
וקלעי החצר ואת מסך פתח החצר אשר על המשכן ועל המזבח סביב ואת מיתריו לכל עבדתו | 26 |
شۇنداقلا ھويلا ئەتراپىدىكى پەردىلەر، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى ‹ھويلا پەردىلىرى ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تۇراتتى› ۋە ھويلىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تانىلارغاقاراش ئىدى. |
ולקהת משפחת העמרמי ומשפחת היצהרי ומשפחת החברני ומשפחת העזיאלי אלה הם משפחת הקהתי | 27 |
كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. |
במספר כל זכר מבן חדש ומעלה--שמנת אלפים ושש מאות שמרי משמרת הקדש | 28 |
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانى بويىچە، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلار جەمئىي سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئادەم بولۇپ چىقتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولدى. |
משפחת בני קהת יחנו על ירך המשכן תימנה | 29 |
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى جامائەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. |
ונשיא בית אב למשפחת הקהתי אליצפן בן עזיאל | 30 |
كوھات جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. |
ומשמרתם הארן והשלחן והמנרה והמזבחת וכלי הקדש אשר ישרתו בהם והמסך--וכל עבדתו | 31 |
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى. |
ונשיא נשיאי הלוי אלעזר בן אהרן הכהן פקדת שמרי משמרת הקדש | 32 |
لاۋىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولسا كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئۇ مۇقەددەسخانىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان بولدى. |
למררי--משפחת המחלי ומשפחת המושי אלה הם משפחת מררי | 33 |
مەرارىدىن ماھلى جەمەتى بىلەن مۇشى جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار مەرارىنىڭ جەمەتلىرى بولدى. |
ופקדיהם במספר כל זכר מבן חדש ומעלה--ששת אלפים ומאתים | 34 |
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئالتە مىڭ ئىككى يۈز كىشى چىقتى. |
ונשיא בית אב למשפחת מררי צוריאל בן אביחיל על ירך המשכן יחנו צפנה | 35 |
مەرارىنىڭ جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئابىھايىلنىڭ ئوغلى زۇرىيەل بولدى؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بارگاھ قۇردى. |
ופקדת משמרת בני מררי--קרשי המשכן ובריחיו ועמדיו ואדניו וכל כליו--וכל עבדתו | 36 |
مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرىغا، تەگلىكلىرى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلىرىغا قاراش، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، |
ועמדי החצר סביב ואדניהם ויתדתם ומיתריהם | 37 |
شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇق ۋە تانىلارغا مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلەنىدى. |
והחנים לפני המשכן קדמה לפני אהל מועד מזרחה משה ואהרן ובניו שמרים משמרת המקדש למשמרת בני ישראל והזר הקרב יומת | 38 |
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم [مۇقەددەس] جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى. |
כל פקודי הלוים אשר פקד משה ואהרן על פי יהוה--למשפחתם כל זכר מבן חדש ומעלה שנים ועשרים אלף | 39 |
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق لاۋىيلار، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى بىر ئايلىقتىن يۇقىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركەكلەر جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ چىقتى. |
ויאמר יהוה אל משה פקד כל בכר זכר לבני ישראל מבן חדש ומעלה ושא את מספר שמתם | 40 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق. |
ולקחת את הלוים לי אני יהוה תחת כל בכר בבני ישראל ואת בהמת הלוים תחת כל בכור בבהמת בני ישראל | 41 |
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى. |
ויפקד משה כאשר צוה יהוה אתו את כל בכור בבני ישראל | 42 |
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى. |
ויהי כל בכור זכר במספר שמת מבן חדש ומעלה--לפקדיהם שנים ועשרים אלף שלשה ושבעים ומאתים | 43 |
بىر ئايلىقتىن يۇقىرى تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى چىقتى. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 44 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — |
קח את הלוים תחת כל בכור בבני ישראל ואת בהמת הלוים תחת בהמתם והיו לי הלוים אני יהוה | 45 |
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
ואת פדויי השלשה והשבעים והמאתים--העדפים על הלוים מבכור בני ישראל | 46 |
ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛ |
ולקחת חמשת חמשת שקלים--לגלגלת בשקל הקדש תקח עשרים גרה השקל | 47 |
شۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بەش شەكەل كۈمۈش ئال، كىشى سانىغا قاراپ بولسۇن؛ مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچەۇلاردىن ئالغىن ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر›. |
ונתתה הכסף לאהרן ולבניו--פדויי העדפים בהם | 48 |
ئارتۇق چىققان ئادەملەرنىڭ، يەنى ھۆرلۈك ھەققىنى تۆلىشى كېرەك بولغانلارنىڭ كۈمۈشىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەر. |
ויקח משה את כסף הפדיום--מאת העדפים על פדויי הלוים | 49 |
ئەمدى لاۋىيلار تەرىپىدىن «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان» دەپ ھېسابلانغان تۇنجى ئوغۇللاردىن ئارتۇق چىققانلاردىن بولسا، مۇسا ئۇلاردىن شۇ ھۆرلۈك ھەققىنى ئالدى؛ |
מאת בכור בני ישראל--לקח את הכסף חמשה וששים ושלש מאות ואלף--בשקל הקדש | 50 |
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى. |
ויתן משה את כסף הפדים לאהרן ולבניו--על פי יהוה כאשר צוה יהוה את משה | 51 |
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان»لارنىڭ كۈمۈشىنى دەل پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردى. |