ותקרבנה בנות צלפחד בן חפר בן גלעד בן מכיר בן מנשה למשפחת מנשה בן יוסף ואלה שמות בנתיו--מחלה נעה וחגלה ומלכה ותרצה | 1 |
يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ نەسلىدىن بولغان جەمەتلەر ئىچىدە ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، ۋە تىرزاھ ئىدى. |
ותעמדנה לפני משה ולפני אלעזר הכהן ולפני הנשיאם וכל העדה--פתח אהל מועד לאמר | 2 |
ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ۋە ئەمىرلەر بىلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: |
אבינו מת במדבר והוא לא היה בתוך העדה הנועדים על יהוה בעדת קרח כי בחטאו מת ובנים לא היו לו | 3 |
— بىزنىڭ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ھۇجۇم قىلغىلى يىغىلغانلاردىن ئەمەس، يەنى كوراھ گۇرۇھىدىكىلەردىن ئەمەس؛ ئۇ بەلكى ئۆز گۇناھى ئىچىدە ئۆلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىدى. |
למה יגרע שם אבינו מתוך משפחתו כי אין לו בן תנה לנו אחזה בתוך אחי אבינו | 4 |
نېمە ئۈچۈن ئاتىمىزنىڭ ئوغلى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نامى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بۆلۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، — دېدى. |
ויקרב משה את משפטן לפני יהוה | 5 |
مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. |
ויאמר יהוה אל משה לאמר | 6 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — |
כן בנות צלפחד דברת--נתן תתן להם אחזת נחלה בתוך אחי אביהם והעברת את נחלת אביהן להן | 7 |
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن. |
ואל בני ישראל תדבר לאמר איש כי ימות ובן אין לו--והעברתם את נחלתו לבתו | 8 |
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار. |
ואם אין לו בת--ונתתם את נחלתו לאחיו | 9 |
قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار. |
ואם אין לו אחים--ונתתם את נחלתו לאחי אביו | 10 |
قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار. |
ואם אין אחים לאביו--ונתתם את נחלתו לשארו הקרב אליו ממשפחתו וירש אתה והיתה לבני ישראל לחקת משפט כאשר צוה יהוה את משה | 11 |
ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن». |
ויאמר יהוה אל משה עלה אל הר העברים הזה וראה את הארץ אשר נתתי לבני ישראל | 12 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ماۋۇ ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قاراپ باق. |
וראיתה אתה ונאספת אל עמיך גם אתה כאשר נאסף אהרן אחיך | 13 |
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەنمۇ ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن. |
כאשר מריתם פי במדבר צן במריבת העדה להקדישני במים לעיניהם הם מי מריבת קדש מדבר צן | 14 |
چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى. |
וידבר משה אל יהוה לאמר | 15 |
مۇسا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلىپ: |
יפקד יהוה אלהי הרוחת לכל בשר איש על העדה | 16 |
— ئى پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، ئۆز جامائىتىنىڭ پادىچىسىز پادىدەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جامائەتنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئۇلارنى باشلاپ ماڭالايدىغان بىر ئادەمنى تىكلەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن، — دېدى. |
אשר יצא לפניהם ואשר יבא לפניהם ואשר יוציאם ואשר יביאם ולא תהיה עדת יהוה כצאן אשר אין להם רעה | 17 |
ויאמר יהוה אל משה קח לך את יהושע בן נון--איש אשר רוח בו וסמכת את ידך עליו | 18 |
سەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى تاللىغىن، — دېدى پەرۋەردىگار مۇساغا، — ئۇنىڭدا روھىم بار، سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قوي، |
והעמדת אתו לפני אלעזר הכהן ולפני כל העדה וצויתה אתו לעיניהם | 19 |
ئۇنى كاھىن ئەلىئازار ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەزىپىگە قوي. |
ונתתה מהודך עליו--למען ישמעו כל עדת בני ישראל | 20 |
سەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت-شۆھرىتىڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن. |
ולפני אלעזר הכהן יעמד ושאל לו במשפט האורים לפני יהוה על פיו יצאו ועל פיו יבאו הוא וכל בני ישראל אתו--וכל העדה | 21 |
ئۇ كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن، [ئەلىئازار] ئۇرىمنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يول سورىسۇن؛ ئىسرائىل خەلقى، يەنى پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىرىشى كېرەك. |
ויעש משה כאשר צוה יהוה אתו ויקח את יהושע ויעמדהו לפני אלעזר הכהן ולפני כל העדה | 22 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يەشۇئانى باشلاپ كېلىپ، كاھىن ئەلىئازارنىڭ ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى؛ |
ויסמך את ידיו עליו ויצוהו כאשר דבר יהוה ביד משה | 23 |
[ئەلىئازار] قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ۋەزىپىگە قويدى. |