ויסעו בני ישראל ויחנו בערבות מואב מעבר לירדן ירחו | 1 |
ئىسرائىللار يەنە يولغا چىقىپ موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدە، يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا چېدىر تىكتى. |
וירא בלק בן צפור את כל אשר עשה ישראל לאמרי | 2 |
ئىسرائىللارنىڭ ئامورىيلارغا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق كۆرۈپ تۇرغانىدى. |
ויגר מואב מפני העם מאד--כי רב הוא ויקץ מואב מפני בני ישראל | 3 |
موئابلار خەلقتىن ئىنتايىن قورقۇشتى، چۈنكى ئۇلار بەك كۆپ ئىدى؛ موئابىيلار ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن بەك ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. |
ויאמר מואב אל זקני מדין עתה ילחכו הקהל את כל סביבתינו כלחך השור את ירק השדה ובלק בן צפור מלך למואב בעת ההוא | 4 |
موئابىيلار مىدىيان ئاقساقاللىرىغا: «بۇ بىر توپ ئادەم ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى، خۇددى كالا ئېتىزدىكى ئوتنى يالمىغاندەك يالماپ يەپ كېتىدىغان بولدى» — دېيىشتى. ئۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى. |
וישלח מלאכים אל בלעם בן בער פתורה אשר על הנהר ארץ בני עמו--לקרא לו לאמר הנה עם יצא ממצרים הנה כסה את עין הארץ והוא ישב ממלי | 5 |
ئۇ ئەلچىلەرنى بېئورنىڭ ئوغلى بالائامنىڭ ئالدىغا، بالائامنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇلۇغ دەريا بويىدىكى پېتور شەھىرىگە بېرىپ، بالائامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتىپ: پادىشاھىمىز: — «قارىسىلا، بىر خەلق مىسىردىن چىققانىدى؛ مانا، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى، مانا ئۇلار بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزغا كېلىپ چۈشتى. |
ועתה לכה נא ארה לי את העם הזה כי עצום הוא ממני--אולי אוכל נכה בו ואגרשנו מן הארץ כי ידעתי את אשר תברך מברך ואשר תאר יואר | 6 |
ئۇلار مېنىڭدىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمدى ئۆزلىرى كېلىپ بۇ خەلقنى مەن ئۈچۈن بىر قارغاپ بەرگەن بولسىلا؛ بەلكىم مەن ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىشىم مۇمكىن؛ چۈنكى ئۆزلىرى كىمگە بەخت تىلىسىلە شۇنىڭ بەخت قۇچىدىغانلىقىنى، كىمنى قارغىسىلا، شۇنىڭ قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى بىلىمەن» دەيدۇ، دەڭلار، — دېدى. |
וילכו זקני מואב וזקני מדין וקסמים בידם ויבאו אל בלעם וידברו אליו דברי בלק | 7 |
موئابنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مىدىياننىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىدا پال سېلىش ئىنئاملىرىنى ئېلىپ ماڭدى؛ ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ بالاقنىڭ گەپلىرىنى يەتكۈزدى. |
ויאמר אליהם לינו פה הלילה והשבתי אתכם דבר כאשר ידבר יהוה אלי וישבו שרי מואב עם בלעם | 8 |
بالائام ئۇلارغا: — بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى بويىچە سىلەرگە جاۋاپ يەتكۈزىمەن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن موئابنىڭ شۇ ئەمىرلىرى بالائامنىڭكىدە قونۇپ قالدى. |
ויבא אלהים אל בלעם ויאמר מי האנשים האלה עמך | 9 |
خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ: — سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان بۇ ئادەملەر كىم؟ — دېۋىدى، |
ויאמר בלעם אל האלהים בלק בן צפר מלך מואב שלח אלי | 10 |
بالائام خۇداغا: — موئاب پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ ماڭا: |
הנה העם היצא ממצרים ויכס את עין הארץ עתה לכה קבה לי אתו--אולי אוכל להלחם בו וגרשתיו | 11 |
«قارىسىلا، مىسىردىن بىر خەلق چىققانىدى، ئۇلار پۈتۈن زېمىنغا يامراپ كەتتى؛ بۇ يەرگە كېلىپ مېنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاپ بەرسىلە، شۇنداق قىلسىلا بەلكىم ئۇلارنى يېڭىپ، بۇ يەردىن قوغلىۋېتەلىشىم مۇمكىن» — دېدى، — دېدى. |
ויאמר אלהים אל בלעם לא תלך עמהם לא תאר את העם כי ברוך הוא | 12 |
خۇدا بالائامغا: سەن ئۇلار بىلەن بىللە بارساڭ بولمايدۇ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنغان، — دېدى. |
ויקם בלעם בבקר ויאמר אל שרי בלק לכו אל ארצכם כי מאן יהוה לתתי להלך עמכם | 13 |
بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرىغا: — سىلەر ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ سىلەر بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى، — دېدى. |
ויקומו שרי מואב ויבאו אל בלק ויאמרו מאן בלעם הלך עמנו | 14 |
موئابنىڭ ئەمەلدارلىرى قوپۇپ بالاقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بالائام بىز بىلەن بىللە كېلىشكە ئۇنىمىدى، — دېدى. |
ויסף עוד בלק שלח שרים רבים ונכבדים מאלה | 15 |
شۇنىڭ بىلەن بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ مۆتىۋەر ئەمەلدارلارنى ئەۋەتتى، |
ויבאו אל בלעם ויאמרו לו כה אמר בלק בן צפור אל נא תמנע מהלך אלי | 16 |
ئۇلار بالائامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — «زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق مۇنداق دەيدۇ: — «ھېچنېمە سىلىنىڭ يېنىمغا كېلىشلىرىنى توسۇمىغاي؛ |
כי כבד אכבדך מאד וכל אשר תאמר אלי אעשה ולכה נא קבה לי את העם הזה | 17 |
چۈنكى مەن ئۆزلىرىنى زور شان-شۆھرەتكە ئېگە قىلىمەن؛ نېمە دېسىلە ماقۇل دەيمەن؛ شۇڭا ماڭا ئەشۇ خەلقنى قارغاپ بەرسىلىلا بولىدۇ»، — دېدى. |
ויען בלעם ויאמר אל עבדי בלק אם יתן לי בלק מלא ביתו כסף וזהב--לא אוכל לעבר את פי יהוה אלהי לעשות קטנה או גדולה | 18 |
بالائام بالاقنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋابەن: — بالاق ماڭا ئۆزىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشكە لىق تولغان ئۆز ئۆيىنى بەرسىمۇ، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش قىلاي، خۇدايىم پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بۇيرۇغانلىرىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمەن. |
ועתה שבו נא בזה גם אתם--הלילה ואדעה מה יסף יהוה דבר עמי | 19 |
سىلەرمۇ بۈگۈن ئاخشام مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، پەرۋەردىگار يەنە شۇ ئىشلار توغرىسىدا ماڭا نېمە دەيدىكىن، شۇنى بىلەي، — دېدى. |
ויבא אלהים אל בלעם לילה ויאמר לו אם לקרא לך באו האנשים קום לך אתם ואך את הדבר אשר אדבר אליך--אתו תעשה | 20 |
شۇ كېچىسى خۇدا بالائامنىڭكىگە كېلىپ ئۇنىڭغا: — ئۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن، لېكىن سەن مېنىڭ ساڭا ئېيتىدىغانلىرىم بويىچە ئىش قىلىشىڭ كېرەك، — دېدى. |
ויקם בלעם בבקר ויחבש את אתנו וילך עם שרי מואב | 21 |
بالائام ئەتىگەن تۇرۇپ ئېشىكىنى توقۇپ موئابنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن بىللە ماڭدى. |
ויחר אף אלהים כי הולך הוא ויתיצב מלאך יהוה בדרך לשטן לו והוא רכב על אתנו ושני נעריו עמו | 22 |
خۇدا بالائامنىڭ ماڭغانلىقىدىن غەزەپلەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى توسۇشقا يولدا تۇراتتى. ئۇ شۇ چاغدا ئېشىكىگە مىنىپ ئىككى غۇلامى بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. |
ותרא האתון את מלאך יהוה נצב בדרך וחרבו שלופה בידו ותט האתון מן הדרך ותלך בשדה ויך בלעם את האתון להטתה הדרך | 23 |
مادا ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئالغان ھالدا يولدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چىقىپ ئېتىزلىق بىلەن مېڭىۋىدى، بالائام ئېشەكنى يولغا چىقىپ مېڭىشقا دۇمبالاپ ئۇردى. |
ויעמד מלאך יהוה במשעול הכרמים--גדר מזה וגדר מזה | 24 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى تەرىپى توسما تام بىلەن توسالغان ئۈزۈمزارلىقتىكى تار بىر يولدا تۇرۇۋالدى. |
ותרא האתון את מלאך יהוה ותלחץ אל הקיר ותלחץ את רגל בלעם אל הקיר ויסף להכתה | 25 |
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تامغا قىستىلىپ مېڭىپ، بالائامنىڭ پۇتىنى تامغا قىستاپ يارىلاندۇرۇپ قويدى؛ بالائام ئېشەكنى يەنە دۇمبالىدى. |
ויוסף מלאך יהוה עבור ויעמד במקום צר אשר אין דרך לנטות ימין ושמאול | 26 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بولسا يەنە ئالدىغىراق بېرىپ، ئوڭ يا سولغا بۇرۇلۇشقا بولمايدىغان تېخىمۇ تار بىر يەردە كۈتۈپ تۇردى. |
ותרא האתון את מלאך יהוה ותרבץ תחת בלעם ויחר אף בלעם ויך את האתון במקל | 27 |
ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ ماڭماي، بالائامنىڭ ئاستىدا يېتىۋالدى؛ بالائام قاتتىق خاپا بولۇپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن قاتتىق دۇمبالاپ كەتتى. |
ויפתח יהוה את פי האתון ותאמר לבלעם מה עשיתי לך כי הכיתני זה שלש רגלים | 28 |
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئېشەككە زۇۋان كىرگۈزۈۋىدى، ئېشەك بالائامغا: — مېنى ئۈچ قېتىم دۇمبالايدىغانغا ساڭا نېمە يامانلىق قىپتىمەن؟ — دېۋىدى، |
ויאמר בלעם לאתון כי התעללת בי לו יש חרב בידי כי עתה הרגתיך | 29 |
بالائام ئېشەككە: — سەن مېنى سەتلەشتۈردۈڭ، قولۇمدا قىلىچ بولغان بولسا ئىدى، سېنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم! — دېدى. |
ותאמר האתון אל בלעם הלוא אנכי אתנך אשר רכבת עלי מעודך עד היום הזה--ההסכן הסכנתי לעשות לך כה ויאמר לא | 30 |
ئېشەك بالائامغا: — مەن سېنىڭكى بولغىنىمدىن تارتىپ مىنىپ كەلگەن ئېشىكىڭ مەن ئەمەسمۇ؟ ئىلگىرى مەن ساڭا مۇشۇنداق قىلىش ئادىتىم بولۇپ باققانمۇ؟ — دېۋىدى، — ياق، — دېدى [بالائام]. |
ויגל יהוה את עיני בלעם וירא את מלאך יהוה נצב בדרך וחרבו שלפה בידו ויקד וישתחו לאפיו | 31 |
ئەنە شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بالائامنىڭ كۆزلىرىنى ئاچتى، بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقىرىپ، يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى؛ ئۇ يەرگە بېشىنى قويۇپ سەجدە قىلدى. |
ויאמר אליו מלאך יהוה על מה הכית את אתנך זה שלוש רגלים הנה אנכי יצאתי לשטן כי ירט הדרך לנגדי | 32 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: — سەن ئېشىكىڭنى نېمە ئۈچۈن ئۈچ قېتىم دۇمبالايسەن؟ قارىغىنا، ماڭغان يولۇڭ مېنىڭ نەزىرىمدە تەتۈر بولغاچقا،سېنى توسۇشقا چىققۇچى مەن ئۆزۈم ئىدىم. |
ותראני האתון ותט לפני זה שלש רגלים אולי נטתה מפני כי עתה גם אתכה הרגתי ואותה החייתי | 33 |
ئېشەك مېنى كۆرۈپ ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتتى؛ ئەگەر ئېشەك مېنىڭ ئالدىمدىن بۇرۇلۇپ كەتمىگەن بولسا، مەن ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ ئېشەكنى تىرىك قالدۇرغان بولاتتىم، — دېدى. |
ויאמר בלעם אל מלאך יהוה חטאתי--כי לא ידעתי כי אתה נצב לקראתי בדרך ועתה אם רע בעיניך אשובה לי | 34 |
بالائام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: — مەن گۇناھكارمەن، ئۆزلىرىنىڭ يولدا مېنى توسۇپ تۇرغانلىقلىرىنى كۆرمەپتىمەن؛ مۇبادا ئەمدى مېنىڭ بېرىشىم نەزەرلىرىدە رەزىل كۆرۈنسە، مەن قايتىپ كېتەي، — دېدى. |
ויאמר מלאך יהוה אל בלעם לך עם האנשים ואפס את הדבר אשר אדבר אליך אתו תדבר וילך בלעם עם שרי בלק | 35 |
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بالائامغا يەنە: — بوپتۇ، بۇ كىشىلەر بىلەن بىللە بارغىن، بىراق پەقەت مەن ساڭا دېگەن سۆزنىلا دېگىن، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن بالائام بالاقنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ماڭدى. |
וישמע בלק כי בא בלעם ויצא לקראתו אל עיר מואב אשר על גבול ארנן אשר בקצה הגבול | 36 |
بالاق بالائامنى كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، قارشى ئېلىش ئۈچۈن موئابنىڭ ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدىكى، چېگرىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى شەھىرىگە كەلدى: |
ויאמר בלק אל בלעם הלא שלח שלחתי אליך לקרא לך--למה לא הלכת אלי האמנם לא אוכל כבדך | 37 |
— مەن سىلىنى چاقىرىشقا شۇنچە جىددىي ئەلچى ئەۋەتكەنىدىم، نېمە ئۈچۈن كېلىشكە ئۇنىمىدىلا؟ مەن سىلىنى شان-شۆھرەتكە ئىگە قىلالمايتتىممۇ؟ — دېدى بالاق بالائامغا. |
ויאמר בלעם אל בלק הנה באתי אליך--עתה היכל אוכל דבר מאומה הדבר אשר ישים אלהים בפי--אתו אדבר | 38 |
— قارىسىلا، مانا كەلدىمغۇ، ئەمدى مەن ئۆز ئالدىمغا بىرنېمە دېيەلەيتتىممۇ؟ — دېدى بالائام، — خۇدا ئاغزىمغا نېمە گەپنى سالسا، مەن شۇنىلا دەيمەن. |
וילך בלעם עם בלק ויבאו קרית חצות | 39 |
بالائام بالاق بىلەن بىللە يولغا چىقىپ كىرىئات-خۇزوتقا كەلدى. |
ויזבח בלק בקר וצאן וישלח לבלעם ולשרים אשר אתו | 40 |
بالاق كالا، قويلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۆشىدىن بالائام ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئەمىرلەرگە ئەۋەتىپ بەردى. |
ויהי בבקר--ויקח בלק את בלעם ויעלהו במות בעל וירא משם קצה העם | 41 |
ئاندىن بالاق ئەتىسى سەھەردە بالائامنى بائالنىڭ ئېگىز جايلىرىغا ئېلىپ چىقتى؛ ئۇ شۇ يەردىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر قىسمىنى كۆردى. |