ויאמר יהוה אל אהרן אתה ובניך ובית אביך אתך תשאו את עון המקדש ואתה ובניך אתך תשאו את עון כהנתכם | 1 |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭدىكىلەر سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى، شۇنىڭدەك سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى ئۈستۈڭلەرگە ئالىسىلەر. |
וגם את אחיך מטה לוי שבט אביך הקרב אתך וילוו עליך וישרתוך ואתה ובניך אתך לפני אהל העדת | 2 |
سەن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەرنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشتۈر ھەم ئۇلارنى خىزمىتىڭنى قىلىشى ئۈچۈن باشلاپ ئېلىپ كەل؛ بىراق سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئالدىدا خىزمەتلەرنى قىلسۇن. |
ושמרו משמרתך ומשמרת כל האהל אך אל כלי הקדש ואל המזבח לא יקרבו ולא ימתו גם הם גם אתם | 3 |
ئۇلار سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭغا تەييار تۇرۇپ، شۇنداقلا چېدىردىكى بارلىق خىزمەت-ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ پەقەت مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا ۋە قۇربانگاھقا يېقىنلاشمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلارمۇ، سىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىسىلەر. |
ונלוו עליך--ושמרו את משמרת אהל מועד לכל עבדת האהל וזר לא יקרב אליכם | 4 |
ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەپ، قىلىدىغان ھەربىر ئىشىنى قىلسۇن؛ پەقەتلا ھېچ يات كىشىلەر سىلەرگە يېقىنلاشمىسۇن. |
ושמרתם את משמרת הקדש ואת משמרת המזבח ולא יהיה עוד קצף על בני ישראל | 5 |
قەھر-غەزەپ يەنە ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس جايدىكى ۋەزىپە بىلەن قۇربانگاھدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مەسئۇل بولۇڭلار. |
ואני הנה לקחתי את אחיכם הלוים מתוך בני ישראל--לכם מתנה נתנים ליהוה לעבד את עבדת אהל מועד | 6 |
مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان. |
ואתה ובניך אתך תשמרו את כהנתכם לכל דבר המזבח ולמבית לפרכת--ועבדתם עבדת מתנה אתן את כהנתכם והזר הקרב יומת | 7 |
لېكىن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپەڭلەردە تۇرۇپ، قۇربانگاھتىكى بارلىق ئىشلارنى ھەم پەردە ئىچىدىكى ئىشلارنى بېجىرىڭلار؛ سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلەر شۇنداق بولسۇن. كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى، خىزمىتىمدە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە سوۋغا قىلىپ بەردىم؛ يات ئادەملەر يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈۋېتىلسۇن. |
וידבר יהוה אל אהרן ואני הנה נתתי לך את משמרת תרומתי לכל קדשי בני ישראל לך נתתים למשחה ולבניך--לחק עולם | 8 |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — مەن ماڭا سۇنۇلغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، يەنى ئىسرائىللار ماڭا مۇقەددەس دەپ ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈلۈشۈڭلار بولسۇن دەپ، مانا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. |
זה יהיה לך מקדש הקדשים מן האש כל קרבנם לכל מנחתם ולכל חטאתם ולכל אשמם אשר ישיבו לי--קדש קדשים לך הוא ולבניך | 9 |
ئىسرائىللار ئوتتا سۇنىدىغان، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلەردىن سىلەرگە مۇنۇلار قالدۇرۇپ بېرىلىدۇ: — ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان بارلىق نەرسىلىرى، يەنى بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلەردىن، بارلىق گۇناھ قۇربانلىقلىرىدىن، بارلىق ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغانلىرى، ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىنىدۇ. |
בקדש הקדשים תאכלנו כל זכר יאכל אתו קדש יהיה לך | 10 |
سەن شۇ [ئۈلۈشۈڭنى] «ئەڭ مۇقەددەس» سۈپىتىدە يېگىن، سىلەردىن بولغان ھەربىر ئەر كىشى ئۇنى يېسۇن؛ ئۇ ساڭا «ئەڭ مۇقەددەس» دەپ بىلىنسۇن. |
וזה לך תרומת מתנם לכל תנופת בני ישראל--לך נתתים ולבניך ולבנתיך אתך לחק עולם כל טהור בביתך יאכל אתו | 11 |
مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ: — ئىسرائىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. |
כל חלב יצהר וכל חלב תירוש ודגן--ראשיתם אשר יתנו ליהוה לך נתתים | 12 |
زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم. |
בכורי כל אשר בארצם אשר יביאו ליהוה--לך יהיה כל טהור בביתך יאכלנו | 13 |
ئۇلار يەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەكەلگەن دەسلەپكى پىشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن؛ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. |
כל חרם בישראל לך יהיה | 14 |
ئىسرائىلدا خۇداغا مۇتلەق ئاتىلىدىغان ھەربىر نەرسە سېنىڭ بولىدۇ. |
כל פטר רחם לכל בשר אשר יקריבו ליהוה באדם ובבהמה--יהיה לך אך פדה תפדה את בכור האדם ואת בכור הבהמה הטמאה תפדה | 15 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرىدىغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى، مەيلى ئىنسان ياكى ئۇلاغ-چارپاي بولسۇن سېنىڭ بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى بولسا ئۇلارنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن ۋە ناپاك ھايۋانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن. |
ופדויו מבן חדש תפדה בערכך כסף חמשת שקלים בשקל הקדש עשרים גרה הוא | 16 |
تۆلەم تۆلەش كېرەك بولغانلار ئۈچۈن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقاندا تۆلەم پۇلى تۆلەنسۇن؛ ئۇلارغا سەن توختاتقان باھا بويىچە، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر› باھا قويۇپ، بەش كۈمۈش شەكەل ئال. |
אך בכור שור או בכור כשב או בכור עז לא תפדה--קדש הם את דמם תזרק על המזבח ואת חלבם תקטיר--אשה לריח ניחח ליהוה | 17 |
پەقەت تۇنجى كالا، تۇنجى قوي ياكى تۇنجى ئوغلاققا تۆلەم ئالساڭ بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر. سەن ئۇلارنىڭ قېنىنى قۇربانگاھقا چېچىپ، مېيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرگىن. |
ובשרם יהיה לך כחזה התנופה וכשוק הימין לך יהיה | 18 |
ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ. |
כל תרומת הקדשים אשר ירימו בני ישראל ליהוה--נתתי לך ולבניך ולבנתיך אתך לחק עולם ברית מלח עולם הוא לפני יהוה לך ולזרעך אתך | 19 |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ. |
ויאמר יהוה אל אהרן בארצם לא תנחל וחלק לא יהיה לך בתוכם אני חלקך ונחלתך בתוך בני ישראל | 20 |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — [ئىسرائىل] زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن. |
ולבני לוי הנה נתתי כל מעשר בישראל לנחלה חלף עבדתם אשר הם עבדים את עבדת אהל מועד | 21 |
لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. |
ולא יקרבו עוד בני ישראל אל אהל מועד לשאת חטא למות | 22 |
بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. |
ועבד הלוי הוא את עבדת אהל מועד והם ישאו עונם חקת עולם לדרתיכם ובתוך בני ישראל לא ינחלו נחלה | 23 |
جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ. |
כי את מעשר בני ישראל אשר ירימו ליהוה תרומה נתתי ללוים לנחלה על כן אמרתי להם בתוך בני ישראל לא ינחלו נחלה | 24 |
چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 25 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — |
ואל הלוים תדבר ואמרת אלהם כי תקחו מאת בני ישראל את המעשר אשר נתתי לכם מאתם בנחלתכם--והרמתם ממנו תרומת יהוה מעשר מן המעשר | 26 |
سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. |
ונחשב לכם תרומתכם--כדגן מן הגרן וכמלאה מן היקב | 27 |
بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ. |
כן תרימו גם אתם תרומת יהוה מכל מעשרתיכם אשר תקחו מאת בני ישראל ונתתם ממנו את תרומת יהוה לאהרן הכהן | 28 |
بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار. |
מכל מתנתיכם תרימו את כל תרומת יהוה מכל חלבו--את מקדשו ממנו | 29 |
سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار». |
ואמרת אלהם בהרימכם את חלבו ממנו ונחשב ללוים כתבואת גרן וכתבואת יקב | 30 |
شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. |
ואכלתם אתו בכל מקום אתם וביתכם כי שכר הוא לכם חלף עבדתכם באהל מועד | 31 |
شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛ |
ולא תשאו עליו חטא בהרימכם את חלבו ממנו ואת קדשי בני ישראל לא תחללו ולא תמותו | 32 |
سىلەر [شۇ ئۈلۈشلەردىن] ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر». |