ויקח קרח בן יצהר בן קהת בן לוי ודתן ואבירם בני אליאב ואון בן פלת--בני ראובן | 1 |
لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون |
ויקמו לפני משה ואנשים מבני ישראל חמשים ומאתים נשיאי עדה קראי מועד אנשי שם | 2 |
ئىسرائىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. |
ויקהלו על משה ועל אהרן ויאמרו אלהם רב לכם--כי כל העדה כלם קדשים ובתוכם יהוה ומדוע תתנשאו על קהל יהוה | 3 |
ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى. |
וישמע משה ויפל על פניו | 4 |
مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: — ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. |
וידבר אל קרח ואל כל עדתו לאמר בקר וידע יהוה את אשר לו ואת הקדוש והקריב אליו ואת אשר יבחר בו יקריב אליו | 5 |
זאת עשו קחו לכם מחתות קרח וכל עדתו | 6 |
سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ |
ותנו בהן אש ושימו עליהן קטרת לפני יהוה מחר והיה האיש אשר יבחר יהוה הוא הקדוש רב לכם בני לוי | 7 |
ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى. |
ויאמר משה אל קרח שמעו נא בני לוי | 8 |
مۇسا يەنە كوراھقا: — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار. |
המעט מכם כי הבדיל אלהי ישראל אתכם מעדת ישראל להקריב אתכם אליו--לעבד את עבדת משכן יהוה ולעמד לפני העדה לשרתם | 9 |
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟ |
ויקרב אתך ואת כל אחיך בני לוי אתך ובקשתם גם כהנה | 10 |
לכן אתה וכל עדתך--הנעדים על יהוה ואהרן מה הוא כי תלונו (תלינו) עליו | 11 |
شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. |
וישלח משה לקרא לדתן ולאבירם בני אליאב ויאמרו לא נעלה | 12 |
مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: — بارمايمىز! |
המעט כי העליתנו מארץ זבת חלב ודבש להמיתנו במדבר כי תשתרר עלינו גם השתרר | 13 |
سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ |
אף לא אל ארץ זבת חלב ודבש הביאתנו ותתן לנו נחלת שדה וכרם העיני האנשים ההם תנקר--לא נעלה | 14 |
ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى. |
ויחר למשה מאד ויאמר אל יהוה אל תפן אל מנחתם לא חמור אחד מהם נשאתי ולא הרעתי את אחד מהם | 15 |
بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى. |
ויאמר משה אל קרח אתה וכל עדתך היו לפני יהוה אתה והם ואהרן מחר | 16 |
مۇسا كوراھقا: — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. |
וקחו איש מחתתו ונתתם עליהם קטרת והקרבתם לפני יהוה איש מחתתו חמשים ומאתים מחתת ואתה ואהרן איש מחתתו | 17 |
ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى. |
ויקחו איש מחתתו ויתנו עליהם אש וישימו עליהם קטרת ויעמדו פתח אהל מועד--ומשה ואהרן | 18 |
شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. |
ויקהל עליהם קרח את כל העדה אל פתח אהל מועד וירא כבוד יהוה אל כל העדה | 19 |
كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. |
וידבר יהוה אל משה ואל אהרן לאמר | 20 |
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: — |
הבדלו מתוך העדה הזאת ואכלה אתם כרגע | 21 |
سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، |
ויפלו על פניהם ויאמרו אל אלהי הרוחת לכל בשר האיש אחד יחטא ועל כל העדה תקצף | 22 |
مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 23 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — |
דבר אל העדה לאמר העלו מסביב למשכן קרח דתן ואבירם | 24 |
سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى. |
ויקם משה וילך אל דתן ואבירם וילכו אחריו זקני ישראל | 25 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. |
וידבר אל העדה לאמר סורו נא מעל אהלי האנשים הרשעים האלה ואל תגעו בכל אשר להם פן תספו בכל חטאתם | 26 |
مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى. |
ויעלו מעל משכן קרח דתן ואבירם--מסביב ודתן ואבירם יצאו נצבים פתח אהליהם ונשיהם ובניהם וטפם | 27 |
شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى. |
ויאמר משה בזאת תדעון כי יהוה שלחני לעשות את כל המעשים האלה כי לא מלבי | 28 |
مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: |
אם כמות כל האדם ימתון אלה ופקדת כל האדם יפקד עליהם--לא יהוה שלחני | 29 |
— ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. |
ואם בריאה יברא יהוה ופצתה האדמה את פיה ובלעה אתם ואת כל אשר להם וירדו חיים שאלה--וידעתם כי נאצו האנשים האלה את יהוה (Sheol h7585) | 30 |
ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. (Sheol h7585) |
ויהי ככלתו לדבר את כל הדברים האלה ותבקע האדמה אשר תחתיהם | 31 |
مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى. |
ותפתח הארץ את פיה ותבלע אתם ואת בתיהם ואת כל האדם אשר לקרח ואת כל הרכוש | 32 |
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى. |
וירדו הם וכל אשר להם חיים--שאלה ותכס עליהם הארץ ויאבדו מתוך הקהל (Sheol h7585) | 33 |
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. (Sheol h7585) |
וכל ישראל אשר סביבתיהם--נסו לקלם כי אמרו פן תבלענו הארץ | 34 |
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. |
ואש יצאה מאת יהוה ותאכל את החמשים ומאתים איש מקריבי הקטרת | 35 |
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 36 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — |
אמר אל אלעזר בן אהרן הכהן וירם את המחתת מבין השרפה ואת האש זרה הלאה כי קדשו | 37 |
سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ |
את מחתות החטאים האלה בנפשתם ועשו אתם רקעי פחים צפוי למזבח--כי הקריבם לפני יהוה ויקדשו ויהיו לאות לבני ישראל | 38 |
شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ. |
ויקח אלעזר הכהן את מחתות הנחשת אשר הקריבו השרפים וירקעום צפוי למזבח | 39 |
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى. |
זכרון לבני ישראל למען אשר לא יקרב איש זר אשר לא מזרע אהרן הוא להקטיר קטרת לפני יהוה ולא יהיה כקרח וכעדתו כאשר דבר יהוה ביד משה לו | 40 |
شۇنىڭ بىلەن [قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. |
וילנו כל עדת בני ישראל ממחרת על משה ועל אהרן לאמר אתם המתם את עם יהוה | 41 |
ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. |
ויהי בהקהל העדה על משה ועל אהרן ויפנו אל אהל מועד והנה כסהו הענן וירא כבוד יהוה | 42 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى. |
ויבא משה ואהרן אל פני אהל מועד | 43 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 44 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — |
הרמו מתוך העדה הזאת ואכלה אתם כרגע ויפלו על פניהם | 45 |
مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. |
ויאמר משה אל אהרן קח את המחתה ותן עליה אש מעל המזבח ושים קטרת והולך מהרה אל העדה וכפר עליהם כי יצא הקצף מלפני יהוה החל הנגף | 46 |
مۇسا ھارۇنغا: — سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. |
ויקח אהרן כאשר דבר משה וירץ אל תוך הקהל והנה החל הנגף בעם ויתן את הקטרת ויכפר על העם | 47 |
ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى. |
ויעמד בין המתים ובין החיים ותעצר המגפה | 48 |
ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. |
ויהיו המתים במגפה ארבעה עשר אלף ושבע מאות--מלבד המתים על דבר קרח | 49 |
كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. |
וישב אהרן אל משה אל פתח אהל מועד והמגפה נעצרה | 50 |
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى. |