< מיכה 3 >

ואמר שמעו נא ראשי יעקב וקציני בית ישראל הלוא לכם לדעת את המשפט 1
مەن مۇنداق دېدىم: «ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمنى بىلىش سىلەرگە خاس ئەمەسمۇ؟
שנאי טוב ואהבי רעה (רע) גזלי עורם מעליהם ושארם מעל עצמותם 2
ئى ياخشىلىقنى ئۆچ كۆرگۈچى، يامانلىقنى ياخشى كۆرگۈچىلەر ــ سىلەر ئۆز خەلقىمدىن تېرىسىنى، ئۇستىخانلىرىدىن گۆشىنى يۇلىدىغان، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيدىغان، تېرىسى سويۇلغۇچە ئۈستىدىن ساۋايدىغان، ئۇستىخانلىرىنى چاقىدىغان، ئۇلارنى قازانغا تەييارلىغاندەك، داشقازاندىكى گۆشنى توغرىغاندەك توغرايسىلەر!
ואשר אכלו שאר עמי ועורם מעליהם הפשיטו ואת עצמתיהם פצחו ופרשו כאשר בסיר וכבשר בתוך קלחת 3
אז יזעקו אל יהוה ולא יענה אותם ויסתר פניו מהם בעת ההיא כאשר הרעו מעלליהם 4
بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىدۇ، بىراق ئۇ ئۇلارنى ئاڭلىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك قەبىھلىكى ئۈچۈن، ئۇ چاغدا ئۇ يۈزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ يوشۇرىدۇ!».
כה אמר יהוה על הנביאים המתעים את עמי--הנשכים בשניהם וקראו שלום ואשר לא יתן על פיהם וקדשו עליו מלחמה 5
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى ئازدۇرغۇچى پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئۇلار چىشلىرى بىلەن چىشلەيدۇ، «ئامان-تىنچلىق!» دەپ ۋارقىرايدۇ، كىمەركىم ئۇلارنىڭ گېلىنى مايلىمىسا، شۇلارغا قارشى ئۇرۇش ھازىرلايدۇ!)
לכן לילה לכם מחזון וחשכה לכם מקסם ובאה השמש על הנביאים וקדר עליהם היום 6
ــ شۇڭا سىلەرنى «ئالامەت كۆرۈنۈش»نى كۆرمەيدىغان بىر كېچە، پال سالغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇلۇق باسىدۇ؛ پەيغەمبەرلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈن ئۇلار ئۈستىدە قارا بولىدۇ؛
ובשו החזים וחפרו הקסמים ועטו על שפם כלם כי אין מענה אלהים 7
«ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگۈچىلەر» شەرمەندە بولىدۇ، پالچىلار يەرگە قارىتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كالپۇكلىرىنى توسۇپ يۈرىدۇ؛ چۈنكى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمەيدۇ.
ואולם אנכי מלאתי כח את רוח יהוה ומשפט וגבורה--להגיד ליעקב פשעו ולישראל חטאתו 8
بىراق مەن بەرھەق پەرۋەردىگارنىڭ روھىدىن كۈچكە تولغانمەن، ياقۇپقا ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى، ئىسرائىلغا ئۇنىڭ گۇناھىنى جاكارلاش ئۈچۈن، توغرا ھۆكۈملەرگە ھەم قۇدرەتكە تولغانمەن.
שמעו נא זאת ראשי בית יעקב וקציני בית ישראל--המתעבים משפט ואת כל הישרה יעקשו 9
بۇنى ئاڭلاڭلار، ئۆتۈنىمەن، ئى ياقۇپ جەمەتىنىڭ ھاكىملىرى، ئىسرائىل جەمەتىنىڭ ئەمىرلىرى! ئادىل ھۆكۈمگە ئۆچ بولغانلار، بارلىق ئادالەتنى بۇرمىلايدىغانلار،
בנה ציון בדמים וירושלם בעולה 10
زىئوننى قان تۆكۈش بىلەن، يېرۇسالېمنى ھەققانىيەتسىزلىك بىلەن قۇرىدىغانلار!
ראשיה בשחד ישפטו וכהניה במחיר יורו ונביאיה בכסף יקסמו ועל יהוה ישענו לאמר הלוא יהוה בקרבנו לא תבוא עלינו רעה 11
[زىئوننىڭ] ھاكىملىرى پارىلار ئۈچۈن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، كاھىنلار «ئىش ھەققى» ئۈچۈن تەلىم بېرىدۇ؛ «پەيغەمبەرلەر» پۇل ئۈچۈن پالچىلىق قىلىدۇ؛ بىراق ئۇلار «پەرۋەردىگارغا تايىنار»مىش تېخى، ۋە: ــ «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا ئەمەسمۇ؟ بىزگە ھېچ يامانلىق چۈشمەيدۇ» ــ دېيىشىدۇ.
לכן בגללכם ציון שדה תחרש וירושלם עיין תהיה והר הבית לבמות יער 12
شۇڭا سىلەرنىڭ ۋەجەڭلاردىن زىئون تېغى ئېتىزدەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم دۆڭ-تۆپىلىك بولۇپ قالىدۇ، «ئۆي جايلاشقان تاغ» بولسا ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى جايلاردەكلا بولىدۇ، خالاس.

< מיכה 3 >