ועתה אליכם המצוה הזאת--הכהנים | 1 |
ــ ئەمدى، ھەي كاھىنلار، بۇ ئەمر-پەرمان سىلەرگە چۈشتى: ــ |
אם לא תשמעו ואם לא תשימו על לב לתת כבוד לשמי אמר יהוה צבאות ושלחתי בכם את המארה וארותי את ברכותיכם וגם ארותיה כי אינכם שמים על לב | 2 |
سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر [شەرىپىمگە] كۆڭۈل قويمىدىڭلار. |
הנני גער לכם את הזרע וזריתי פרש על פניכם פרש חגיכם ונשא אתכם אליו | 3 |
مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. |
וידעתם--כי שלחתי אליכם את המצוה הזאת להיות בריתי את לוי אמר יהוה צבאות | 4 |
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بۇ ئەمرنى ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، مەقسەت، مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىۋېرىشى ئۈچۈندۇر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
בריתי היתה אתו החיים והשלום ואתנם לו מורא וייראני ומפני שמי נחת הוא | 5 |
ــ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ھەم ئارام-خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنى مەندىن قورقسۇن دەپ بۇلارنى ئۇنىڭغا بەردىم؛ ئۇ مەندىن قورقۇپ نامىم ئالدىدا تىترىگەنىدى. |
תורת אמת היתה בפיהו ועולה לא נמצא בשפתיו בשלום ובמישור הלך אתי ורבים השיב מעון | 6 |
ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان. |
כי שפתי כהן ישמרו דעת ותורה יבקשו מפיהו כי מלאך יהוה צבאות הוא | 7 |
چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر. |
ואתם סרתם מן הדרך הכשלתם רבים בתורה שחתם ברית הלוי אמר יהוה צבאות | 8 |
ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، |
וגם אני נתתי אתכם נבזים ושפלים--לכל העם כפי אשר אינכם שמרים את דרכי ונשאים פנים בתורה | 9 |
ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان. |
הלוא אב אחד לכלנו הלוא אל אחד בראנו מדוע נבגד איש באחיו--לחלל ברית אבתינו | 10 |
ــ بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقۇچى پەقەت بىرلا تەڭرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ھەربىرىمىز ئۆز قېرىندىشىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇلغايمىز؟ |
בגדה יהודה ותועבה נעשתה בישראל ובירושלם כי חלל יהודה קדש יהוה אשר אהב ובעל בת אל נכר | 11 |
يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى. |
יכרת יהוה לאיש אשר יעשנה ער וענה מאהלי יעקב ומגיש מנחה ליהוה צבאות | 12 |
ئۇنداق قىلغۇچى، يەنى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نى ئېلىپ كەلگۈچى بولسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ. |
וזאת שנית תעשו--כסות דמעה את מזבח יהוה בכי ואנקה מאין עוד פנות אל המנחה ולקחת רצון מידכם | 13 |
سىلەر شۇنىڭدەك شۇنداق قىلىسىلەركى، قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر ــ چۈنكى ئۇ قۇربانلىق-ھەدىيىلەرگە ھېچ قارىمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ رازى بولماي قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلمايدىغان بولدى. |
ואמרתם על מה על כי יהוה העיד בינך ובין אשת נעוריך אשר אתה בגדתה בה והיא חברתך ואשת בריתך | 14 |
بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ. |
ולא אחד עשה ושאר רוח לו ומה האחד מבקש זרע אלהים ונשמרתם ברוחכם ובאשת נעוריך אל יבגד | 15 |
خۇدا [ئەر-ئايالنى] بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ [خۇدا] نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن! |
כי שנא שלח אמר יהוה אלהי ישראל וכסה חמס על לבושו אמר יהוה צבאות ונשמרתם ברוחכם ולא תבגדו | 16 |
چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار! |
הוגעתם יהוה בדבריכם ואמרתם במה הוגענו באמרכם כל עשה רע טוב בעיני יהוה ובהם הוא חפץ או איה אלהי המשפט | 17 |
ــ سىلەر سۆزلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىدىڭلار، ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويماپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. سەۋر-تاقىتىنى قويمىغانلىقىڭلار بولسا دەل: «رەزىللىك قىلغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»؛ ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزگۈچى خۇدا زادى نەدىدۇر؟» ــ دېگىنىڭلەردە بولمامدۇ! |