וזאת תורת האשם קדש קדשים הוא | 1 |
ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ [قۇربانلىق] «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. |
במקום אשר ישחטו את העלה ישחטו את האשם ואת דמו יזרק על המזבח סביב | 2 |
كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقىمۇ بوغۇزلىنىدۇ؛ [كاھىن] قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. |
ואת כל חלבו יקריב ממנו--את האליה ואת החלב המכסה את הקרב | 3 |
[قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى] بارلىق مېيىنى سۇنسۇن؛ يەنى مايلىق قۇيرۇقى بىلەن ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، |
ואת שתי הכלית ואת החלב אשר עליהן אשר על הכסלים ואת היתרת על הכבד על הכלית יסירנה | 4 |
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجرىتىپ سۇنسۇن. |
והקטיר אתם הכהן המזבחה אשה ליהוה אשם הוא | 5 |
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ. |
כל זכר בכהנים יאכלנו במקום קדוש יאכל קדש קדשים הוא | 6 |
كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. |
כחטאת כאשם--תורה אחת להם הכהן אשר יכפר בו לו יהיה | 7 |
گۇناھ قۇربانلىقى قانداق بولسا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى توغرىسىدكى قائىدە-نىزام ئوخشاش؛ بۇ قۇربانلىق كافارەت كەلتۈرۈشكە قۇربانلىق ئۆتكۈزگۈچى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن. |
והכהן--המקריב את עלת איש עור העלה אשר הקריב לכהן לו יהיה | 8 |
كاھىن بىرسىنىڭ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى شۇ كاھىننىڭ بولىدۇ. |
וכל מנחה אשר תאפה בתנור וכל נעשה במרחשת ועל מחבת--לכהן המקריב אתה לו תהיה | 9 |
تونۇردا پىشۇرۇلغان ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، شۇنداقلا قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنى ئۆتكۈزگەن كاھىننىڭ بولىدۇ، يەنى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. |
וכל מנחה בלולה בשמן וחרבה--לכל בני אהרן תהיה איש כאחיו | 10 |
ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، مەيلى زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن بولسۇن، بۇلار ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ. |
וזאת תורת זבח השלמים אשר יקריב ליהוה | 11 |
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ |
אם על תודה יקריבנו--והקריב על זבח התודה חלות מצות בלולת בשמן ורקיקי מצות משחים בשמן וסלת מרבכת חלת בלולת בשמן | 12 |
سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن. |
על חלת לחם חמץ יקריב קרבנו על זבח תודת שלמיו | 13 |
شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛ |
והקריב ממנו אחד מכל קרבן תרומה ליהוה לכהן הזרק את דם השלמים--לו יהיה | 14 |
ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن [قوش قوللاپ] سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى [قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە] سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن. |
ובשר זבח תודת שלמיו--ביום קרבנו יאכל לא יניח ממנו עד בקר | 15 |
تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ [قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى] تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن. |
ואם נדר או נדבה זבח קרבנו--ביום הקריבו את זבחו יאכל וממחרת והנותר ממנו יאכל | 16 |
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛ |
והנותר מבשר הזבח--ביום השלישי באש ישרף | 17 |
لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. |
ואם האכל יאכל מבשר זבח שלמיו ביום השלישי לא ירצה--המקריב אתו לא יחשב לו פגול יהיה והנפש האכלת ממנו עונה תשא | 18 |
ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. |
והבשר אשר יגע בכל טמא לא יאכל--באש ישרף והבשר--כל טהור יאכל בשר | 19 |
شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم [ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن] قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. |
והנפש אשר תאכל בשר מזבח השלמים אשר ליהוה וטמאתו עליו--ונכרתה הנפש ההוא מעמיה | 20 |
لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
ונפש כי תגע בכל טמא בטמאת אדם או בבהמה טמאה או בכל שקץ טמא ואכל מבשר זבח השלמים אשר ליהוה--ונכרתה הנפש ההוא מעמיה | 21 |
كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 22 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
דבר אל בני ישראל לאמר כל חלב שור וכשב ועז--לא תאכלו | 23 |
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار. |
וחלב נבלה וחלב טרפה יעשה לכל מלאכה ואכל לא תאכלהו | 24 |
ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. |
כי כל אכל חלב מן הבהמה אשר יקריב ממנה אשה ליהוה--ונכרתה הנפש האכלת מעמיה | 25 |
چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
וכל דם לא תאכלו בכל מושבתיכם לעוף ולבהמה | 26 |
سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار. |
כל נפש אשר תאכל כל דם--ונכרתה הנפש ההוא מעמיה | 27 |
كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
וידבר יהוה אל משה לאמר | 28 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
דבר אל בני ישראל לאמר המקריב את זבח שלמיו ליהוה--יביא את קרבנו ליהוה מזבח שלמיו | 29 |
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن. |
ידיו תביאינה את אשי יהוה את החלב על החזה יביאנו--את החזה להניף אתו תנופה לפני יהוה | 30 |
ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. |
והקטיר הכהן את החלב המזבחה והיה החזה לאהרן ולבניו | 31 |
كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن. |
ואת שוק הימין תתנו תרומה לכהן מזבחי שלמיכם | 32 |
ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار. |
המקריב את דם השלמים ואת החלב--מבני אהרן לו תהיה שוק הימין למנה | 33 |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن. |
כי את חזה התנופה ואת שוק התרומה לקחתי מאת בני ישראל מזבחי שלמיהם ואתן אתם לאהרן הכהן ולבניו לחק עולם מאת בני ישראל | 34 |
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم. |
זאת משחת אהרן ומשחת בניו מאשי יהוה ביום הקריב אתם לכהן ליהוה | 35 |
[مۇسا] ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر. |
אשר צוה יהוה לתת להם ביום משחו אתם מאת בני ישראל--חקת עולם לדרתם | 36 |
[مۇسا] ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ [ئىسرائىللارغا] دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. |
זאת התורה לעלה למנחה ולחטאת ולאשם ולמלואים--ולזבח השלמים | 37 |
كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا شۇدۇر. |
אשר צוה יהוה את משה בהר סיני ביום צותו את בני ישראל להקריב את קרבניהם ליהוה--במדבר סיני | 38 |
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇ سىناي باياۋىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى. |