ויאמרו אליו איש אפרים מה הדבר הזה עשית לנו לבלתי קראות לנו כי הלכת להלחם במדין ויריבון אתו בחזקה | 1 |
(كېيىن، ئەفرائىملار ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن، مىدىيانىيلار بىلەن سوقۇشقا چىققاندا، بىزنى چاقىرمىدىڭغۇ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېيىشىپ كەتتى. |
ויאמר אליהם מה עשיתי עתה ככם הלא טוב עללות אפרים--מבציר אביעזר | 2 |
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ئەفرائىمنىڭ ئۈزۈملەرنى پاساڭدىغىنى، ئابىئېەزەرلەرنىڭ ئۈزۈم ئۈزگىنىدىن ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ |
בידכם נתן אלהים את שרי מדין את ערב ואת זאב ומה יכלתי עשות ככם אז רפתה רוחם מעליו בדברו הדבר הזה | 3 |
خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى). |
ויבא גדעון הירדנה עבר הוא ושלש מאות האיש אשר אתו עיפים ורדפים | 4 |
ئەمدى گىدېئون ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ئۈچ يۈز ئادەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا مىدىيانىيلارنى قوغلاپ دەريادىن ئۆتتى. |
ויאמר לאנשי סכות תנו נא ככרות לחם לעם אשר ברגלי כי עיפים הם--ואנכי רדף אחרי זבח וצלמנע מלכי מדין | 5 |
گىدېئون سۇككوت شەھىرىدىكىلەرگە: ــ ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە نان بەرسەڭلار، چۈنكى ئۇلار ھېرىپ-چارچاپ كەتتى. بىز مىدىياننىڭ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى قوغلاپ كېتىپ بارىمىز، ــ دېدى. |
ויאמר שרי סכות הכף זבח וצלמנע עתה בידך כי נתן לצבאך לחם | 6 |
لېكىن سۇككوتنىڭ چوڭلىرى جاۋاب بېرىپ: ــ زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟! بىز سېنىڭ مۇشۇ لەشكەرلىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟! ــ دېدى. |
ויאמר גדעון--לכן בתת יהוה את זבח ואת צלמנע בידי ודשתי את בשרכם את קוצי המדבר ואת הברקנים | 7 |
گىدېئون: ــ خەپ! شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن پەرۋەردىگار زەباھ ۋە زالمۇننانى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغاندا، ئەتلىرىڭلارنى چۆلدىكى يانتاق ۋە شوخا بىلەن خاماندا تېپىمەن، ــ دېدى. |
ויעל משם פנואל וידבר אליהם כזאת ויענו אותו אנשי פנואל כאשר ענו אנשי סכות | 8 |
گىدېئون ئۇ يەردىن پەنۇئەلگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئادەملەرگىمۇ شۇنداق دېۋىدى، پەنۇئەلدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا سۇككوتتىكىلەردەك جاۋاب بەردى. |
ויאמר גם לאנשי פנואל לאמר בשובי בשלום אתץ את המגדל הזה | 9 |
ئۇ پەنۇئەلدىكىلەرگە: ــ مەن غەلىبە بىلەن يېنىپ كەلگىنىمدە، بۇ مۇنارىڭلارنى ئۆرۈۋېتىمەن، ــ دېدى. |
וזבח וצלמנע בקרקר ומחניהם עמם כחמשת עשר אלף--כל הנותרים מכל מחנה בני קדם והנפלים מאה ועשרים אלף איש שלף חרב | 10 |
ئۇ چاغدا زەباھ ۋە زالمۇننا كاركور دېگەن جايدا ئىدى؛ ئۇلار بىلەن ماڭغان قوشۇندا ئون بەش مىڭچە لەشكەر بار ئىدى. بۇلار بولسا مەشرىقلىقلەرنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى، چۈنكى ئۇلاردىن قىلىچ تۇتقانلىرىدىن بىر يۈز يىگىرمە مىڭى ئۆلتۈرۈلگەنىدى. |
ויעל גדעון דרך השכוני באהלים מקדם לנבח ויגבהה ויך את המחנה והמחנה היה בטח | 11 |
گىدېئون بولسا نوباھ ۋە يوگبىخاھنىڭ شەرقىدىكى كۆچمەنلەر يولى بىلەن چىقىپ مىدىياننىڭ لەشكەرگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تارمار قىلدى؛ چۈنكى لەشكەرگاھتىكىلەر تولىمۇ ئەندىشسىز تۇرغانىدى. |
וינסו זבח וצלמנע וירדף אחריהם וילכד את שני מלכי מדין את זבח ואת צלמנע וכל המחנה החריד | 12 |
زەباھ ۋە زالمۇننا قېچىپ كەتتى؛ گىدېئون كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، مىدىياننىڭ بۇ ئىككى پادىشاھى زەباھ ۋە زالمۇننانى تۇتۇۋالدى؛ ئۇ پۈتكۈل لەشكەرگاھتىكىلەرنى ئالاقزادە قىلىپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. |
וישב גדעון בן יואש מן המלחמה מלמעלה החרס | 13 |
ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ھەرەس داۋىنىدىن ئۆتۈپ، جەڭدىن قايتىپ كەلدى. |
וילכד נער מאנשי סכות וישאלהו ויכתב אליו את שרי סכות ואת זקניה--שבעים ושבעה איש | 14 |
ئۇ سۇككوتلۇق بىر ياش يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈشتە قىلىۋىدى، يىگىت ئۇنىڭغا سۇككوتنىڭ چوڭلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ بەردى؛ ئۇلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش يەتتە ئادەم ئىدى. |
ויבא אל אנשי סכות ויאמר הנה זבח וצלמנע אשר חרפתם אותי לאמר הכף זבח וצלמנע עתה בידך כי נתן לאנשיך היעפים לחם | 15 |
ئاندىن گىدېئون سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغاندا: ــ سىلەر مېنى زاڭلىق قىلىپ: «زەباھ ۋە زالمۇننا ھازىر سېنىڭ قولۇڭغا چۈشتىمۇ؟ بىز سېنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان مۇشۇ ھارغىن ئادەملىرىڭگە نان بېرەمدۇق؟» دېگەنىدىڭلار! مانا، ئۇ زەباھ ۋە زالمۇننا دېگەنلەر! ــ دېدى. |
ויקח את זקני העיר ואת קוצי המדבר ואת הברקנים וידע בהם את אנשי סכות | 16 |
شۇنى دەپ ئۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى يانتاق بىلەن شوخىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن سۇككوتنىڭ ئادەملىرىنى ئۇرۇپ ئەدىپىنى بەردى. |
ואת מגדל פנואל נתץ ויהרג את אנשי העיר | 17 |
ئاندىن ئۇ پەنۇئەلنىڭ مۇنارىنى ئۆرۈپ، شەھەردىكى ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. |
ויאמר אל זבח ואל צלמנע איפה האנשים אשר הרגתם בתבור ויאמרו כמוך כמוהם אחד כתאר בני המלך | 18 |
گىدېئون زەباھ ۋە زالمۇننانى سوراق قىلىپ: ــ سىلەر ئىككىڭلار تابوردا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار ساڭا ئىنتايىن ئوخشايتتى؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى شاھزادىدەك ئىدى، ــ دېدى. |
ויאמר אחי בני אמי הם חי יהוה לו החיתם אותם--לא הרגתי אתכם | 19 |
ئۇ بۇنى ئاڭلاپ: ــ ئۇلار مېنىڭ بىر تۇغقانلىرىمدۇر، بىز بىر ئانىنىڭ ئوغۇللىرىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى تىرىك قويغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيتتىم، ــ دېدى؛ |
ויאמר ליתר בכורו קום הרג אותם ולא שלף הנער חרבו כי ירא כי עודנו נער | 20 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: ــ سەن قوپۇپ بۇلارنى ئۆلتۈرگىن، ــ دېدى. لېكىن ئوغۇل كىچىك بولغاچقا قورقۇپ، قىلىچىنى سۇغۇرمىدى. |
ויאמר זבח וצלמנע קום אתה ופגע בנו--כי כאיש גבורתו ויקם גדעון ויהרג את זבח ואת צלמנע ויקח את השהרנים אשר בצוארי גמליהם | 21 |
شۇنىڭ بىلەن زەباھ ۋە زالمۇننا: ــ سەن ئۆزۈڭ قوپۇپ بىزنى ئۆلتۈرگىن؛ چۈنكى ئادەم قانداق بولسا كۈچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، گىدېئون قوپۇپ زەباھ ۋە زالمۇننانى ئۆلتۈردى. ئۇ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكىللىك بېزەكلەرنى ئېلىۋالدى. |
ויאמרו איש ישראל אל גדעון משל בנו גם אתה גם בנך גם בן בנך כי הושעתנו מיד מדין | 22 |
ئاندىن ئىسرائىللار گىدېئونغا: ــ سەن بىزنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانىكەنسەن، ئۆزۈڭ بىزگە پادىشاھ بولغىن؛ ئوغلۇڭ ۋە ئوغلۇڭنىڭ ئوغلىمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ھۆكۈم سۈرسۇن، ــ دېدى. |
ויאמר אלהם גדעון לא אמשל אני בכם ולא ימשל בני בכם יהוה ימשל בכם | 23 |
ئەمما گىدېئون ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايمەن، ئوغلۇممۇ ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلمايدۇ؛ بەلكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۈستۈڭلەرگە سەلتەنەت قىلىدۇ، دېدى. |
ויאמר אלהם גדעון אשאלה מכם שאלה ותנו לי איש נזם שללו כי נזמי זהב להם כי ישמעאלים הם | 24 |
ئاندىن گىدېئون ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە پەقەت بىرلا ئىلتىماسىم بار: ــ ھەر بىرىڭلار ئۆز ئولجاڭلاردىن ھالقا-زېرىلەرنى ماڭا بېرىڭلار، دېدى (مىدىيانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ھەربىرى ئالتۇن زىرە-ھالقىلارنى تاقايتتى). |
ויאמרו נתון נתן ויפרשו את השמלה וישליכו שמה איש נזם שללו | 25 |
ئۇلار جاۋابەن: ــ بېرىشكە رازىمىز، دەپ يەرگە بىر يېپىنچىنى سېلىپ، ھەربىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولجىسىدىن زىرە-ھالقىلارنى ئېلىپ تاشلىدى. |
ויהי משקל נזמי הזהב אשר שאל אלף ושבע מאות זהב--לבד מן השהרנים והנטיפות ובגדי הארגמן שעל מלכי מדין ולבד מן הענקות אשר בצוארי גמליהם | 26 |
ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى. |
ויעש אותו גדעון לאפוד ויצג אותו בעירו בעפרה ויזנו כל ישראל אחריו שם ויהי לגדעון ולביתו למוקש | 27 |
گىدېئون بۇ نەرسىلەردىن بىر ئەفود ياسىتىپ، ئۆز شەھىرى ئوفراھتا قويۇپ قويدى. نەتىجىدە، پۈتكۈل ئىسرائىل ئۇنى ئىزدەپ بۇزۇقچىلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسە گىدېئون ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە بىر تور-تۇزاق بولدى. |
ויכנע מדין לפני בני ישראל ולא יספו לשאת ראשם ותשקט הארץ ארבעים שנה בימי גדעון | 28 |
مىدىيانىيلار شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ، ئىككىنچى باش كۆتۈرەلمىدى؛ زېمىن گىدېئوننىڭ كۈنلىرىدە قىرىق يىلغىچە تىنچ-ئاراملىق تاپتى. |
וילך ירבעל בן יואש וישב בביתו | 29 |
يوئاشنىڭ ئوغلى يەرۇببائال قايتىپ بېرىپ، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇردى. |
ולגדעון היו שבעים בנים יצאי ירכו כי נשים רבות היו לו | 30 |
گىدېئوننىڭ ئاياللىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن يەتمىش ئوغۇل تۆرەلدى. |
ופילגשו אשר בשכם ילדה לו גם היא בן וישם את שמו אבימלך | 31 |
شەكەمدە ئۇنىڭ بىر كېنىزىكىمۇ بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى، گىدېئون ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئابىمەلەك» دەپ قويدى. |
וימת גדעון בן יואש בשיבה טובה ויקבר בקבר יואש אביו בעפרה אבי העזרי | 32 |
يوئاشنىڭ ئوغلى گىدېئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، قېرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئابىئېزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھدا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىندى. |
ויהי כאשר מת גדעון וישובו בני ישראל ויזנו אחרי הבעלים וישימו להם בעל ברית לאלהים | 33 |
گىدېئون ئۆلگەندىن كېيىن ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلدى ۋە «بائال-بېرىت»نى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلىپ بېكىتتى. |
ולא זכרו בני ישראל את יהוה אלהיהם המציל אותם מיד כל איביהם מסביב | 34 |
شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان ئۆز خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇدى |
ולא עשו חסד עם בית ירבעל גדעון ככל הטובה--אשר עשה עם ישראל | 35 |
ۋە شۇنىڭدەك گىدېئوننىڭ ئىسرائىلغا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلىرىنى ھېچ ئەسلىمەي، يەرۇببائال (يەنى گىدېئون)نىڭ جەمەتىگە ھېچبىر مېھرىبانلىق كۆرسەتمىدى. |