< שופטים 2 >

ויעל מלאך יהוה מן הגלגל אל הבכים ויאמר אעלה אתכם ממצרים ואביא אתכם אל הארץ אשר נשבעתי לאבתיכם ואמר לא אפר בריתי אתכם לעולם 1
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگالدىن بوكىمغا كېلىپ: ــ مەن سىلەرنى مىسىردىن چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ئېلىپ كېلىپ: «مەن سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدەمنى ئەبەدگىچە بىكار قىلمايمەن؛
ואתם לא תכרתו ברית ליושבי הארץ הזאת--מזבחותיהם תתצון ולא שמעתם בקולי מה זאת עשיתם 2
لېكىن سىلەر بۇ زېمىننىڭ خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئەھدە باغلىماڭلار، بەلكى ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرىنى بۇزۇپ تاشلىشىڭلار كېرەك» ــ دېگەنىدىم؛ لېكىن سىلەر مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟!
וגם אמרתי לא אגרש אותם מפניכם והיו לכם לצדים ואלהיהם יהיו לכם למוקש 3
شۇڭا مەن [شۇ چاغدا] سىلەرگە: «[شۇنداق قىلساڭلار] ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن قوغلىۋەتمەيمەن؛ ئۇلار بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرگە تور-تۇزاق بولىدۇ» ــ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم، ــ دېدى.
ויהי כדבר מלאך יהוה את הדברים האלה אל כל בני ישראל וישאו העם את קולם ויבכו 4
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بارلىق ئىسرائىللارغا بۇلارنى دېگەندە، ئۇلار ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى.
ויקראו שם המקום ההוא בכים ויזבחו שם ליהוה 5
شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينىڭ نامى «بوكىم» دەپ قويۇلدى؛ ئۇلار شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى سۇندى.
וישלח יהושע את העם וילכו בני ישראל איש לנחלתו לרשת את הארץ 6
يەشۇئا خەلقنى تارقىتىۋېتىۋىدى، ئىسرائىللار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىگە مىراس قىلىنغان زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن قايتىپ كېتىشتى.
ויעבדו העם את יהוה כל ימי יהושע וכל ימי הזקנים אשר האריכו ימים אחרי יהושוע אשר ראו את כל מעשה יהוה הגדול אשר עשה לישראל 7
يەشۇئانىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدە، شۇنداقلا يەشۇئادىن كېيىن قالغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە كارامەت ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ پۈتكۈل ھايات كۈنلىرىدىمۇ [ئىسرائىل] خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇپ تۇردى.
וימת יהושע בן נון עבד יהוה בן מאה ועשר שנים 8
ئەمدى نۇننىڭ ئوغلى، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى يەشۇئا بىر يۈز ئون يېشىدا ۋاپات بولدى.
ויקברו אותו בגבול נחלתו בתמנת חרס בהר אפרים מצפון להר געש 9
ئۇلار ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، ئەفرائىم تاغلىق رايونىدا، گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئۆز مىراس ئۈلۈشى بولغان تىمنات-سېراھ دېگەن جايدا دەپنە قىلدى.
וגם כל הדור ההוא נאספו אל אבותיו ויקם דור אחר אחריהם אשר לא ידעו את יהוה וגם את המעשה אשר עשה לישראל 10
بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ ھەممىسى [ئۆلۈپ] ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ئۇلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىمۇ تونۇمايدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنى بىلمىگەن بىر دەۋر پەيدا بولدى.
ויעשו בני ישראל את הרע בעיני יהוה ויעבדו את הבעלים 11
شۇنىڭدىن تارتىپ ئىسرائىل پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ بائال-بۇتلارنىڭ ئىبادىتىگە كىرىشتى.
ויעזבו את יהוה אלהי אבותם המוציא אותם מארץ מצרים וילכו אחרי אלהים אחרים מאלהי העמים אשר סביבותיהם וישתחוו להם ויכעסו את יהוה 12
ئۇلار ئۆزلىرىنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئېلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، ئەتراپىدىكى تائىپىلەرنىڭ ئىلاھلىرىدىن بولغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
ויעזבו את יהוה ויעבדו לבעל ולעשתרות 13
ئۇلار پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشەراھلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىشتى.
ויחר אף יהוה בישראל ויתנם ביד שסים וישסו אותם וימכרם ביד אויביהם מסביב ולא יכלו עוד לעמד לפני אויביהם 14
بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا تۇتىشىپ، خاراب قىلىنسۇن دەپ، ئۇ ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، يەنە ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىدى.
בכל אשר יצאו יד יהוה היתה בם לרעה כאשר דבר יהוה וכאשר נשבע יהוה להם ויצר להם מאד 15
ئۇلار قەيەرگە بارمىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۇلارنى ئاپەت بىلەن ئۇردى، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قەسەم قىلغىنىدەك، ئۇلار تولىمۇ ئازابلىق ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
ויקם יהוה שפטים ויושיעום מיד שסיהם 16
ئاندىن پەرۋەردىگار [ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن] باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزدى، ئۇلار [ئىسرائىللارنى] تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.
וגם אל שפטיהם לא שמעו--כי זנו אחרי אלהים אחרים וישתחוו להם סרו מהר מן הדרך אשר הלכו אבותם לשמע מצות יהוה--לא עשו כן 17
شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۆز ھاكىملىرىغا قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە ئۇلار يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇپ چوقۇندى؛ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماڭغان يولىدىن، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىش يولىدىن تېزلا چىقىپ كەتتى؛ ئۇلار ھېچ ئىتائەت قىلمىدى.
וכי הקים יהוה להם שפטים והיה יהוה עם השפט והושיעם מיד איביהם כל ימי השופט כי ינחם יהוה מנאקתם מפני לחציהם ודחקיהם 18
پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى.
והיה במות השופט ישבו והשחיתו מאבותם ללכת אחרי אלהים אחרים לעבדם ולהשתחות להם לא הפילו ממעלליהם ומדרכם הקשה 19
لېكىن باتۇر ھاكىم ئۆلۈپ كېتىشى بىلەنلا، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ، يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىپ، ئۇلارغا باش ئۇرۇشۇپ، ئۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىدىنمۇ زىيادە بۇلغايتتى؛ ئۇلار نە شۇ قىلمىشلىرىدىن توختىمايتتى، نە ئۆز جاھىل يولىدىن ھېچ يانمايتتى.
ויחר אף יהוה בישראל ויאמר יען אשר עברו הגוי הזה את בריתי אשר צויתי את אבותם ולא שמעו לקולי 20
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئىسرائىلغا قاتتىق تۇتاشتى، ئۇ: ــ «بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا تاپىلىغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغىنى ئۈچۈن،
גם אני לא אוסיף להוריש איש מפניהם מן הגוים אשר עזב יהושע וימת 21
بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەشۇئا ئۆلگەندە بۇ يۇرتتا قالدۇرغان تائىپىلەردىن ھېچبىرىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتمەيمەن؛
למען נסות בם את ישראל השמרים הם את דרך יהוה ללכת בם כאשר שמרו אבותם--אם לא 22
بۇنىڭدىكى مەقسەت، مەن شۇلار ئارقىلىق ئىسرائىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى تۇتقاندەك، مەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن» ــ دېدى.
וינח יהוה את הגוים האלה לבלתי הורישם מהר ולא נתנם ביד יהושע 23
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شۇ تائىپىلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى نە دەرھاللا زېمىنىدىن مەھرۇم قىلىپ قوغلىۋەتمىدى نە يەشۇئانىڭ قولىغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمىگەنىدى.

< שופטים 2 >