< יהושע 6 >

ויריחו סגרת ומסגרת מפני בני ישראל אין יוצא ואין בא 1
يېرىخو سېپىلىنىڭ قوۋۇق-دەرۋازىلىرى ئىسرائىللارنىڭ سەۋەبىدىن مەھكەم ئېتىلىپ، ھېچكىم چىقالمايتتى، ھېچكىم كىرەلمەيتتى.
ויאמר יהוה אל יהושע ראה נתתי בידך את יריחו ואת מלכה--גבורי החיל 2
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ مانا، مەن يېرىخو شەھىرىنى، پادىشاھىنى ھەمدە باتۇر جەڭچىلىرىنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم.
וסבתם את העיר כל אנשי המלחמה--הקיף את העיר פעם אחת כה תעשה ששת ימים 3
ئەمدى سىلەر، يەنى بارلىق جەڭچىلەر شەھەرنى بىر قېتىم ئايلىنىپ مېڭىڭلار؛ ئالتە كۈنگىچە ھەر كۈنى شۇنداق قىلىڭلار.
ושבעה כהנים ישאו שבעה שופרות היובלים לפני הארון וביום השביעי תסבו את העיר שבע פעמים והכהנים יתקעו בשופרות 4
ھەمدە يەتتە كاھىن ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا قوچقار مۈڭگۈزىدىن ئېتىلگەن يەتتە بۇرغىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن؛ يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە سىلەر شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلىنىسىلەر؛ كاھىنلار بۇرغىلارنى چالسۇن.
והיה במשך בקרן היובל בשמעכם (כשמעכם) את קול השופר יריעו כל העם תרועה גדולה ונפלה חומת העיר תחתיה ועלו העם איש נגדו 5
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قوچقار بۇرغىلىرى بىلەن سوزۇپ بىر ئاۋاز چىقارغىنىدا، بارلىق كىشىلەر بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قاتتىق تەنتەنە قىلىپ توۋلىسۇن؛ بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ سېپىللىرى تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ھەربىر ئادەم ئالدىغا قاراپ ئېتىلىپ كىرىدۇ، ــ دېدى.
ויקרא יהושע בן נון אל הכהנים ויאמר אלהם שאו את ארון הברית ושבעה כהנים ישאו שבעה שופרות יובלים לפני ארון יהוה 6
شۇنىڭ بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا كاھىنلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ مېڭىڭلار؛ يەتتە كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭسۇن، دېدى.
ויאמרו (ויאמר) אל העם עברו וסבו את העיר והחלוץ--יעבר לפני ארון יהוה 7
ئۇ خەلققە: ــ چىقىپ شەھەرنى ئايلىنىڭلار؛ قوراللىق لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، دېدى.
ויהי כאמר יהושע אל העם ושבעה הכהנים נשאים שבעה שופרות היובלים לפני יהוה עברו ותקעו בשופרות וארון ברית יהוה הלך אחריהם 8
يەشۇئا بۇنى خەلققە بۇيرۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ بۇرغىلارنى چالدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئېلىپ مېڭىلدى.
והחלוץ הלך--לפני הכהנים תקעו (תקעי) השופרות והמאסף הלך אחרי הארון הלוך ותקוע בשופרות 9
قوراللىق لەشكەرلەر بۇرغا چېلىۋاتقان كاھىنلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى. كاھىنلار ماڭغاچ بۇرغا چالاتتى.
ואת העם צוה יהושע לאמר לא תריעו ולא תשמיעו את קולכם ולא יצא מפיכם דבר עד יום אמרי אליכם הריעו--והריעתם 10
يەشۇئا خەلققە بۇيرۇپ: ــ مەن سىلەرگە: «توۋلاڭلار» دېمىگۈچە نە توۋلىماڭلار، نە ئاۋازىڭلارنى چىقارماڭلار، نە ئاغزىڭلاردىن ھېچبىر سۆزمۇ چىقمىسۇن؛ لېكىن سىلەرگە «توۋلاڭلار» دېگەن كۈنىدە، شۇ چاغدا توۋلاڭلار، ــ دېگەنىدى.
ויסב ארון יהוה את העיר הקף פעם אחת ויבאו המחנה וילינו במחנה 11
شۇ تەرىقىدە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ شەھەرنى بىر ئايلاندى. خالايىق چېدىرگاھقا قايتىپ كېلىپ، چېدىرگاھدا قوندى.
וישכם יהושע בבקר וישאו הכהנים את ארון יהוה 12
ئەتىسى يەشۇئا تاڭ سەھەردە قوپتى، كاھىنلارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەنە كۆتۈردى؛
ושבעה הכהנים נשאים שבעה שופרות היבלים לפני ארון יהוה הלכים הלוך ותקעו בשופרות והחלוץ הלך לפניהם והמאסף הלך אחרי ארון יהוה הולך (הלוך) ותקוע בשופרות 13
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە قوچقار بۇرغىسىنى كۆتۈرگەن يەتتە كاھىن ئالدىغا مېڭىپ توختىماي چېلىپ ماڭاتتى؛ [كاھىنلار] ماڭغاچ بۇرغا چالغاندا، قوراللىق لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، ئارقىدىن قوغدىغۇچى قوشۇن ئەگىشىپ ماڭدى.
ויסבו את העיר ביום השני פעם אחת וישבו המחנה כה עשו ששת ימים 14
ئىككىنچى كۈنىمۇ ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ، يەنە چېدىرگاھقا يېنىپ كەلدى. ئۇلار ئالتە كۈنگىچە شۇنداق قىلىپ تۇردى.
ויהי ביום השביעי וישכמו כעלות השחר ויסבו את העיר כמשפט הזה שבע פעמים רק ביום ההוא סבבו את העיר שבע פעמים 15
يەتتىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە قوپۇپ، ئوخشاش ھالەتتە يەتتە قېتىم شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئايلاندى؛ پەقەت شۇ كۈنىلا ئۇلار شەھەرنىڭ ئەتراپىنى يەتتە قېتىم ئايلاندى.
ויהי בפעם השביעית תקעו הכהנים בשופרות ויאמר יהושע אל העם הריעו כי נתן יהוה לכם את העיר 16
يەتتىنچى قېتىم ئايلىنىپ بولۇپ، كاھىنلار بۇرغا چالغاندا يەشۇئا خەلققە: ــ ئەمدى توۋلاڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى!
והיתה העיר חרם היא וכל אשר בה ליהוה רק רחב הזונה תחיה היא וכל אשר אתה בבית--כי החבאתה את המלאכים אשר שלחנו 17
لېكىن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغانلىقى ئۈچۈن [سىلەرگە] «ھارام»دۇر؛ پەقەت پاھىشە ئايال راھاب بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆيىدىكىلەرلا ئامان قالسۇن؛ چۈنكى ئۇ بىز ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.
ורק אתם שמרו מן החרם פן תחרימו ולקחתם מן החרם ושמתם את מחנה ישראל לחרם ועכרתם אותו 18
لېكىن سىلەر قانداقلا بولمىسۇن «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن نەرسىلەردىن ئۆزۈڭلارنى تارتىڭلار؛ بولمىسا، «ھارام» قىلىنغان نەرسىلەردىن ئېلىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ھارام قىلىپ، ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىمۇ ھارام قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىسىلەر.
וכל כסף וזהב וכלי נחשת וברזל--קדש הוא ליהוה אוצר יהוה יבוא 19
ئەمما بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان نەرسىلەر بولسا پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنسۇن؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە كىرگۈزۇلسۇن، ــ دېدى.
וירע העם ויתקעו בשפרות ויהי כשמע העם את קול השופר ויריעו העם תרועה גדולה ותפל החומה תחתיה ויעל העם העירה איש נגדו וילכדו את העיר 20
شۇنىڭ بىلەن خەلق توۋلىشىپ، كاھىنلار بۇرغا چالدى. شۇنداق بولدىكى، خەلق بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىدا ئىنتايىن قاتتىق توۋلىۋىدى، سېپىل تېگىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشتى؛ خەلق ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ، ھەربىرى ئۆز ئالدىغا ئاتلىنىپ كىرىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى.
ויחרימו את כל אשר בעיר מאיש ועד אשה מנער ועד זקן ועד שור ושה וחמור לפי חרב 21
ئۇلار ئەر-ئايال بولسۇن، قېرى-ياش بولسۇن، قوي-كالا ۋە ئېشەكلەر بولسۇن شەھەر ئىچىدىكى ھەممىنى قىلىچلاپ يوقاتتى.
ולשנים האנשים המרגלים את הארץ אמר יהושע באו בית האשה הזונה והוציאו משם את האשה ואת כל אשר לה כאשר נשבעתם לה 22
يەشۇئا ئۇ زېمىننى چارلاپ كەلگەن ئىككى ئادەمگە: ــ سىلەر ئۇ پاھىشە خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ چىقىڭلار، دېدى.
ויבאו הנערים המרגלים ויציאו את רחב ואת אביה ואת אמה ואת אחיה ואת כל אשר לה ואת כל משפחותיה הוציאו ויניחום--מחוץ למחנה ישראל 23
شۇنىڭ بىلەن ئىككى چارلىغۇچى ياش يىگىت كىرىپ، راھابنى ئاتا-ئانىسى بىلەن قېرىنداشلىرىغا قوشۇپ ھەممە نەرسىلىرى بىلەن ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلار ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىلنىڭ چېدىرگاھىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.
והעיר שרפו באש וכל אשר בה רק הכסף והזהב וכלי הנחשת והברזל--נתנו אוצר בית יהוה 24
خالايىق شەھەرنى ۋە شەھەر ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، مىس ۋە تۆمۈردىن بولغان قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يىغىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.
ואת רחב הזונה ואת בית אביה ואת כל אשר לה החיה יהושע ותשב בקרב ישראל עד היום הזה כי החביאה את המלאכים אשר שלח יהושע לרגל את יריחו 25
لېكىن يەشۇئا پاھىشە ئايال راھابنى، ئاتا جەمەتىدىكىلەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىك ساقلاپ قالدى؛ ئۇ بۈگۈنگىچە ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەشۇئا يېرىخونى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى يوشۇرۇپ قويغانىدى.
וישבע יהושע בעת ההיא לאמר ארור האיש לפני יהוה אשר יקום ובנה את העיר הזאת את יריחו--בבכרו ייסדנה ובצעירו יציב דלתיה 26
ئۇ چاغدا يەشۇئا ئاگاھ-بېشارەت بېرىپ: ــ بۇ يېرىخو شەھىرىنى قايتىدىن ياساشقا قوپقان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قارغىش ئاستىدا بولىدۇ؛ ئۇ شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالغاندا تۇنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ، شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان چاغدا كىچىك ئوغلىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، ــ دېدى.
ויהי יהוה את יהושע ויהי שמעו בכל הארץ 27
پەرۋەردىگار يەشۇئا بىلەن بىللە ئىدى؛ ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا كەڭ تارقالدى.

< יהושע 6 >