וישכם יהושע בבקר ויסעו מהשטים ויבאו עד הירדן--הוא וכל בני ישראל וילנו שם טרם יעברו | 1 |
يەشۇئا ئەتىسى تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل بىلەن شىتتىمدىن ئايرىلىپ ئىئوردان دەرياسىغا كەلدى؛ ئۇلار دەريادىن ئۆتكۈچە شۇ يەردە بارگاھ تىكىپ تۇردى. |
ויהי מקצה שלשת ימים ויעברו השטרים בקרב המחנה | 2 |
ئۈچ كۈن توشۇپ، سەردارلار چېدىرگاھتىن ئۆتۈپ، |
ויצוו את העם לאמר כראתכם את ארון ברית יהוה אלהיכם והכהנים הלוים נשאים אתו--ואתם תסעו ממקומכם והלכתם אחריו | 3 |
خەلققە ئەمر قىلىپ: ــ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، يەنى لاۋىيلارنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرگەن ھامان، تۇرغان ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىڭلار. |
אך רחוק יהיה ביניכם ובניו כאלפים אמה במדה אל תקרבו אליו למען אשר תדעו את הדרך אשר תלכו בה--כי לא עברתם בדרך מתמול שלשום | 4 |
لېكىن ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىڭلاردا ئىككى مىڭ گەز ئارىلىق قالسۇن؛ قايسى يول بىلەن ماڭىدىغىنىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار؛ چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مۇشۇ يول بىلەن مېڭىپ باقمىغانسىلەر، ــ دېدى. |
ויאמר יהושע אל העם התקדשו כי מחר יעשה יהוה בקרבכם--נפלאות | 5 |
يەشۇئا خەلققە: ــ ئۆزۈڭلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىڭلار، چۈنكى ئەتە پەرۋەردىگار ئاراڭلاردا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، ــ دېدى. |
ויאמר יהושע אל הכהנים לאמר שאו את ארון הברית ועברו לפני העם וישאו את ארון הברית וילכו לפני העם | 6 |
ئاندىن يەشۇئا كاھىنلارغا: ــ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈڭلار، دەپ بۇيرۇۋىدى، ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى. |
ויאמר יהוה אל יהושע היום הזה אחל גדלך בעיני כל ישראל אשר ידעון כי כאשר הייתי עם משה אהיה עמך | 7 |
پەرۋەردىگار يەشۇئاغا سۆز قىلىپ: ــ ھەممە ئىسرائىلنىڭ مېنىڭ مۇسا بىلەن بىللە بولغىنىمدەك، سېنىڭ بىلەنمۇ بىللە بولىدىغانلىقىمنى بىلىشى ئۈچۈن بۈگۈندىن ئېتىبارەن سېنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ قىلىمەن. |
ואתה תצוה את הכהנים נשאי ארון הברית לאמר כבאכם עד קצה מי הירדן בירדן תעמדו | 8 |
ئەمدى سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارغا: ــ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىنىڭ بويىغا يېتىپ كەلگەندە، ئىئوردان دەرياسى ئىچىدە تۇرۇڭلار، ــ دېگىن، ــ دېدى. |
ויאמר יהושע אל בני ישראל גשו הנה--ושמעו את דברי יהוה אלהיכם | 9 |
يەشۇئا ئىسرائىللارغا: ــ بۇ ياققا كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، دېدى. |
ויאמר יהושע--בזאת תדעון כי אל חי בקרבכם והורש יוריש מפניכם את הכנעני ואת החתי ואת החוי ואת הפרזי ואת הגרגשי והאמרי והיבוסי | 10 |
ئاندىن يەشۇئا: ــ مانا، سىلەر شۇ ئىش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھايات تەڭرىنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ھىتتىيلار، گىرگاشىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلار، ھىۋىيلار، يەبۇسىيلارنى ھەيدىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر ــ پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئىئوردان دەرياسى ئىچىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. |
הנה ארון הברית אדון כל הארץ עבר לפניכם בירדן | 11 |
ועתה קחו לכם שני עשר איש משבטי ישראל--איש אחד איש אחד לשבט | 12 |
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرىدىن ئون ئىككى ئادەمنى تاللاڭلار، ھەرقايسى قەبىلىدىن بىردىن بولسۇن؛ |
והיה כנוח כפות רגלי הכהנים נשאי ארון יהוה אדון כל הארץ במי הירדן מי הירדן יכרתון המים הירדים מלמעלה ויעמדו נד אחד | 13 |
شۇنداق بولىدۇكى، پۈتكۈل يەر-زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلارنىڭ تاپىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيىگە تەگكەندە، ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى، يەنى باش ئېقىنىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۈزۈپ تاشلىنىپ، دەريا كۆتۈرۈلۈپ دۆڭ بولىدۇ، ــ دېدى. |
ויהי בנסע העם מאהליהם לעבר את הירדן והכהנים נשאי הארון הברית--לפני העם | 14 |
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، خەلق چېدىرلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ |
וכבוא נשאי הארון עד הירדן ורגלי הכהנים נשאי הארון נטבלו בקצה המים והירדן מלא על כל גדותיו כל ימי קציר | 15 |
ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچىلەر ئىئوردان دەرياسىغا يېتىپ كېلىپ، پۇتلىرى سۇغا تېگىشى بىلەنلا (ئورما ۋاقتىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىن تېشىپ چىقىدۇ)، |
ויעמדו המים הירדים מלמעלה קמו נד אחד הרחק מאד באדם (מאדם) העיר אשר מצד צרתן והירדים על ים הערבה ים המלח תמו נכרתו והעם עברו נגד יריחו | 16 |
يۇقىرى ئېقىندىكى سۇلار خېلى يىراقتىلا، زارەتاننىڭ يېنىدىكى ئادەم شەھىرىنىڭ يېنىدا توختاپ، دۆڭ بولدى؛ ئاراباھ تۈزلەڭلىكى بويىدىكى دېڭىزغا، يەنى «شور دېڭىزى»غا ئېقىپ چۈشۈۋاتقان كېيىنكى ئېقىمى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ خەلق بولسا يېرىخو شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىن [دەريادىن] ئۆتۈپ ماڭدى. |
ויעמדו הכהנים נשאי הארון ברית יהוה בחרבה בתוך הירדן--הכן וכל ישראל עברים בחרבה עד אשר תמו כל הגוי לעבר את הירדן | 17 |
پۈتكۈل ئىسرائىل قۇرۇق يەرنى دەسسەپ، بارلىق خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغۇچىلىك، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن كاھىنلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇرۇق يەردە مەزمۇت تۇردى. |