וירע אל יונה רעה גדולה ויחר לו | 1 |
ئەمما بۇ ئىش يۇنۇسنى ئىنتايىن نارازى قىلىپ، ئۇنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. |
ויתפלל אל יהוה ויאמר אנה יהוה הלוא זה דברי עד היותי על אדמתי--על כן קדמתי לברח תרשישה כי ידעתי כי אתה אל חנון ורחום ארך אפים ורב חסד ונחם על הרעה | 2 |
ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن. |
ועתה יהוה קח נא את נפשי ממני כי טוב מותי מחיי | 3 |
ئەمدى پەرۋەردىگار، جېنىمنى مەندىن ئېلىپ كەت، ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل» — دېدى. |
ויאמר יהוה ההיטב חרה לך | 4 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: — بۇنداق ئاچچىقلانغىنىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. |
ויצא יונה מן העיר וישב מקדם לעיר ויעש לו שם סכה וישב תחתיה בצל עד אשר יראה מה יהיה בעיר | 5 |
ئاندىن كېيىن يۇنۇس شەھەردىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىگە بىر چەللە ياساپ، شەھەردە زادى نېمە ئىشلار بولاركىن دەپ ئۇنىڭ سايىسىدە ئولتۇردى. |
וימן יהוה אלהים קיקיון ויעל מעל ליונה להיות צל על ראשו להציל לו מרעתו וישמח יונה על הקיקיון שמחה גדולה | 6 |
پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى ئۆز پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېشىغا سايە چۈشسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر كىچىك دەرەخنى ئۆستۈرۈپ تەييارلىدى. يۇنۇس كىچىك دەرەختىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. |
וימן האלהים תולעת בעלות השחר למחרת ותך את הקיקיון וייבש | 7 |
بىراق ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا خۇدا بىر قۇرتنى تەييارلاپ ئەۋەتتى. قۇرت بۇ كىچىك دەرەخنى پىلىكىگە زەربە قىلىپ ئۇنى قۇرۇتۇۋەتتى. |
ויהי כזרח השמש וימן אלהים רוח קדים חרישית ותך השמש על ראש יונה ויתעלף וישאל את נפשו למות ויאמר טוב מותי מחיי | 8 |
كۈن قىزارغاندا، خۇدا ئىنتايىن ئىسسىق بىر شەرق شامىلىنى تەييارلىدى؛ كۈن تەپتىنى يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈردى، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. ئۇ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپ: — ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياشاشتىن ئەۋزەل، — دېدى. |
ויאמר אלהים אל יונה ההיטב חרה לך על הקיקיון ויאמר היטב חרה לי עד מות | 9 |
بىراق خۇدا ئۇنىڭدىن: — سېنىڭ ئاشۇ كىچىك دەرەخ سەۋەبىدىن شۇنداق ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: — ھەئە، ھەتتا ئۆلگۈدەك ئاچچىقىم كەلگىنى توغرىدۇر، — دېدى. |
ויאמר יהוה--אתה חסת על הקיקיון אשר לא עמלת בו ולא גדלתו שבן לילה היה ובן לילה אבד | 10 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: — «سەن ھېچ ئەجرىڭنى سىڭدۈرمىگەن ھەم ئۆزۈڭ ئۆستۈرمىگەن بۇ كىچىك دەرەخكە ئىچىڭنى ئاغرىتتىڭ؛ بىراق ئۇ بىر كېچىدىلا ئۆزى ئۆسۈپ، بىر كېچىدىلا قۇرۇپ كەتتى؛ |
ואני לא אחוס על נינוה העיר הגדולה--אשר יש בה הרבה משתים עשרה רבו אדם אשר לא ידע בין ימינו לשמאלו ובהמה רבה | 11 |
ئەمدى مېنىڭ ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان يۈز يىگىرمە مىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشقان، شۇنداقلا نۇرغۇن مال-ۋارانلىرىمۇ بولغان نىنەۋەدەك بۇنداق بۈيۈك شەھەردىكىلەرگە ئىچىمنى ئاغرىتىپ رەھىم قىلىشىمغا توغرا كەلمەمدۇ؟». |