ויהי דבר יהוה אל יונה שנית לאמר | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم يۇنۇسقا يېتىپ مۇنداق دېيىلدى: |
קום לך אל נינוה העיר הגדולה וקרא אליה את הקריאה אשר אנכי דבר אליך | 2 |
«ئورنىڭدىن تۇر، نىنەۋە دېگەن ئاشۇ بۈيۈك شەھەرگە بېرىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان خەۋەرنى ئۇلارغا جاكارلا». |
ויקם יונה וילך אל נינוה--כדבר יהוה ונינוה היתה עיר גדולה לאלהים--מהלך שלשת ימים | 3 |
يۇنۇس ئورنىدىن تۇرۇپ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە نىنەۋە شەھىرىگە باردى. نىنەۋە بولسا ناھايىتى بۈيۈك بىر شەھەر بولۇپ، شەھەرنىڭ ئۆزىلا ئۈچ كۈنلۈك يول ئىدى. |
ויחל יונה לבוא בעיר מהלך יום אחד ויקרא ויאמר עוד ארבעים יום ונינוה נהפכת | 4 |
يۇنۇس شەھەر ئىچىگە كىرىپ بىر كۈن ماڭدى، ئۇ: قىرىق كۈندىن كېيىن، نىنەۋە شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ! — دەپ جاكارلىدى. |
ויאמינו אנשי נינוה באלהים ויקראו צום וילבשו שקים מגדולם ועד קטנם | 5 |
نىنەۋەدىكىلەر خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەندى. ئۇلار روزا تۇتۇلسۇن دەپ ئېلان قىلىپ، مۆتىۋەرلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىكىگىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۆز كىيىم كىيدى. |
ויגע הדבר אל מלך נינוה ויקם מכסאו ויעבר אדרתו מעליו ויכס שק וישב על האפר | 6 |
بۇ سۆز پادىشاھقا يەتكەندە، ئۇمۇ تەختىدىن تۇرۇپ، تونىنى تاشلاپ بۆز كىيىم كىيىپ كۈللۈككە كىرىپ ئولتۇردى. |
ויזעק ויאמר בנינוה מטעם המלך וגדליו לאמר האדם והבהמה הבקר והצאן אל יטעמו מאומה--אל ירעו ומים אל ישתו | 7 |
ئۇ يەنە ئەمرى ئارقىلىق پۈتكۈل نىنەۋە شەھىرىگە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ــ «پادىشاھ ھەم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يارلىقى بويىچە، نىنەۋە شەھىرىدىكى ھېچقانداق ئادەم، ئات-ئۇلاغ، كالا، قوي پادىلىرى ھېچنەرسىگە ئېغىز تەگمىسۇن؛ ھېچنەرسىنى يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. |
ויתכסו שקים האדם והבהמה ויקראו אל אלהים בחזקה וישבו איש מדרכו הרעה ומן החמס אשר בכפיהם | 8 |
ھەربىر ئادەم ۋە ھايۋان بۆز كىيسۇن، ھەربىرى خۇداغا قاتتىق پەرياد كۆتۈرسۇن؛ ھەربىرى يامان يولدىن يانسۇن، ھەربىرى قولىنى زوراۋانلىقتىن ئۈزسۇن؛ |
מי יודע ישוב ונחם האלהים ושב מחרון אפו ולא נאבד | 9 |
كىم بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن خۇدا قاتتىق غەزىپىدىن يېنىپ بىزنى ھالاك قىلماسمىكىن؟». |
וירא האלהים את מעשיהם כי שבו מדרכם הרעה וינחם האלהים על הרעה אשר דבר לעשות להם--ולא עשה | 10 |
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى، يەنى يامان يوللاردىن يانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاراتقان بالايىقازانى چۈشۈرۈشتىن يېنىپ، شۇ بالىياقازانى چۈشۈرمىدى. |