ויען איוב ויאמר | 1 |
ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
לו--שקול ישקל כעשי והיתי (והותי) במאזנים ישאו-יחד | 2 |
«ئاھ، مېنىڭ دەردلىك زارلىرىم تارازىدا ئۆلچەنسە! ئاھ، بېشىمغا چۈشكەن بارلىق بالايىقازا بۇلار بىلەن بىللە تارازىلانسا! |
כי-עתה--מחול ימים יכבד על-כן דברי לעו | 3 |
شۇنداق قىلىنسا ئۇ ھازىر دېڭىزدىكى قۇمدىن ئېغىر بولۇپ چىقىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىم تەلۋىلەرچە بولۇۋاتىدۇ. |
כי חצי שדי עמדי--אשר חמתם שתה רוחי בעותי אלוה יערכוני | 4 |
چۈنكى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوقلىرى ماڭا سانجىلىپ ئىچىمدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى روھىم ئىچمەكتە، تەڭرىنىڭ ۋەھىمىلىرى ماڭا قارشى سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. |
הינהק-פרא עלי-דשא אם יגעה-שור על-בלילו | 5 |
ياۋا ئېشەك ئوت-چۆپ تاپقاندا ھاڭرامدۇ؟ كالا بولسا يەم-خەشەك ئۈستىدە مۆرەمدۇ؟ |
היאכל תפל מבלי-מלח אם-יש-טעם בריר חלמות | 6 |
تۇز بولمىسا تەمسىز نەرسىنى يېگىلى بولامدۇ؟ خام تۇخۇمنىڭ ئېقىنىڭ تەمى بارمۇ؟ |
מאנה לנגוע נפשי המה כדוי לחמי | 7 |
جېنىم ئۇلارغا تەگسىمۇ سەسكىنىپ كېتىدۇ، ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك تاماق بولۇپ تۇيۇلىدۇ. |
מי-יתן תבוא שאלתי ותקותי יתן אלוה | 8 |
ئاھ، مېنىڭ تەشنا بولغىنىم كەلسىدى! تەڭرى ئىنتىزارىمنى ئىجابەت قىلسىدى! |
ויאל אלוה וידכאני יתר ידו ויבצעני | 9 |
ئاھ، تەڭرى مېنى يانجىپ تاشلىسۇن! ئۇ قولىنى قويۇۋېتىپ جېنىمنى ئۈزۈپ تاشلاشقا مۇۋاپىق كۆرسىدى! |
ותהי-עוד נחמתי-- ואסלדה בחילה לא יחמול כי-לא כחדתי אמרי קדוש | 10 |
شۇنداق بولسا، ماڭا تەسەللى بولاتتى، ھەتتا رەھىمسىز ئاغرىقلاردا قىينالساممۇ، شادلىناتتىم؛ چۈنكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن تانمىغان بولاتتىم! |
מה-כחי כי-איחל ומה-קצי כי-אאריך נפשי | 11 |
مەندە ئۆلۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانچىلىك ماغدۇر قالدى؟ مېنىڭ سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ ھاياتىمنى ئۇزارتىشىمنىڭ نېمە نەتىجىسى بولار؟ |
אם-כח אבנים כחי אם-בשרי נחוש | 12 |
مېنىڭ كۈچۈم تاشتەك چىڭمۇ؟ مېنىڭ ئەتلىرىم مىستىن ياسالغانمىدى؟ |
האם אין עזרתי בי ותשיה נדחה ממני | 13 |
ئۆزۈمگە ياردەم بەرگۈدەك ماغدۇرۇم قالمىدى ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق ئەقىل-تەدبىر مەندىن قوغلىۋېتىلگەن ئەمەسمۇ؟ |
למס מרעהו חסד ויראת שדי יעזוב | 14 |
ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىۋاتقان كىشىگە دوستى مېھرىبانلىق كۆرسەتمىكى زۆرۈردۇر؛ بولمىسا ئۇ ھەممىگە قادىردىن قورقۇشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن. |
אחי בגדו כמו-נחל כאפיק נחלים יעברו | 15 |
بىراق بۇرادەرلىرىم ۋاقىتلىق «ئالدامچى ئېرىق» سۈيىدەك، ماڭا ھېلىگەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا؛ ئۇلار سۇلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئېرىققا ئوخشايدۇ. |
הקדרים מני-קרח עלימו יתעלם-שלג | 16 |
ئېرىگەن مۇز سۇلىرى ئېرىققا كىرگەندە ئۇلار قارىداپ كېتىدۇ، قارلار ئۇلارنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كېتىدۇ، |
בעת יזרבו נצמתו בחמו נדעכו ממקומם | 17 |
ئۇلار پەسىلنىڭ ئىللىشى بىلەن قۇرۇپ كېتىدۇ؛ ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە، ئىزىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. |
ילפתו ארחות דרכם יעלו בתהו ויאבדו | 18 |
سەپەرداشلار ماڭغان يولىدىن چىقىپ، ئېرىققا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئېرىقنى بويلاپ مېڭىپ، چۆلدە ئېزىپ ئۆلىدۇ. |
הביטו ארחות תמא הליכת שבא קוו-למו | 19 |
تېمالىق كارۋانلارمۇ ئېرىق ئىزدەپ ماڭدى؛ شېبالىق سودىگەرلەرمۇ ئۇلارغا ئۈمىد بىلەن قارىدى؛ |
בשו כי-בטח באו עדיה ויחפרו | 20 |
بىراق ئۇلار ئىشەنگىنىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ نومۇستا قالدى؛ ئۇلار ئاشۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. |
כי-עתה הייתם לא תראו חתת ותיראו | 21 |
مانا سىلەر ئۇلارغا ئوخشاش [ماڭا تايىنى] يوق بولۇپ قالدىڭلار؛ سىلەر قورقۇنچلۇق بىر ۋەھىمىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر. |
הכי-אמרתי הבו לי ומכחכם שחדו בעדי | 22 |
مەن سىلەرگە: «ماڭا بېرىڭلار»، ياكى: «ماڭا مال-مۈلۈكلىرىڭلاردىن ھەدىيە قىلىڭلار؟» ــ دېگەننى قاچان دەپ باققان؟ |
ומלטוני מיד-צר ומיד עריצים תפדוני | 23 |
ياكى: «مېنى ئېزىتقۇچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار!» ياكى «زوراۋانلارنىڭ قولىدىن گۆرۈگە پۇل بەرسەڭلار!» دەپ باققانمۇ؟ |
הורוני ואני אחריש ומה-שגיתי הבינו לי | 24 |
ماڭا ئۆگىتىپ قويۇڭلار، سۈكۈت قىلىمەن؛ نەدە يولدىن چىققانلىقىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىڭلار. |
מה-נמרצו אמרי-ישר ומה-יוכיח הוכח מכם | 25 |
توغرا سۆزلەر نېمىدېگەن ئۆتكۈر-ھە! بىراق ئەيىبلىرىڭلار زادى نېمىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟! |
הלהוכח מלים תחשבו ולרוח אמרי נואש | 26 |
ئۈمىدسىزلەنگەن كىشىنىڭ گەپلىرى ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالدەك تۇرسا، پەقەت سۆزلەرنىلا ئەيىبلىمەكچىمۇسىلەر؟ |
אף-על-יתום תפילו ותכרו על-ריעכם | 27 |
سىلەر يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئۈستىدە چەك تاشلىشىسىلەر! دوست-بۇرادىرىڭلار ئۈستىدە سودىلىشىسىلەر! |
ועתה הואילו פנו-בי ועל-פניכם אם-אכזב | 28 |
ئەمدى ماڭا يۈز تۇرانە قاراپ بېقىڭلار؛ ئالدىڭلاردىلا يالغان سۆز قىلالامدىم؟ |
שובו-נא אל-תהי עולה ושבי (ושבו) עוד צדקי-בה | 29 |
ئۆتۈنىمەن، بولدى قىلىڭلار، گۇناھ بولمىسۇن؛ راست، قايتىدىن ئويلاپ بېقىڭلار، چۈنكى ئۆزۈمنىڭ توغرىلىقىم [تارازىدا] تۇرىدۇ. |
היש-בלשוני עולה אם-חכי לא-יבין הוות | 30 |
تىلىمدا خاتالىق بارمۇ؟ تىلىم يامانلىقنى زادى تېتىيالماسمۇ؟ |