ויען אליהוא ויאמר | 1 |
ئېلىخۇ يەنە جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
שמעו חכמים מלי וידעים האזינו לי | 2 |
«ئى دانىشمەنلەر، سۆزلىرىمنى ئاڭلاڭلار، ئى تەجرىبە-ساۋاقلىق ئادەملەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار. |
כי-אזן מלין תבחן וחך יטעם לאכל | 3 |
ئېغىز تائام تېتىپ باققاندەك، قۇلاق سۆزنىڭ تەمىنى سىناپ باقىدۇ. |
משפט נבחרה-לנו נדעה בינינו מה-טוב | 4 |
ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ تاللايلى؛ ئارىمىزدا نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلەيلى! |
כי-אמר איוב צדקתי ואל הסיר משפטי | 5 |
چۈنكى ئايۇپ: «مەن ھەققانىيدۇرمەن»، ۋە: «تەڭرى مېنىڭ ھەققىمنى بۇلاپ كەتكەن» ــ دەيدۇ. |
על-משפטי אכזב אנוש חצי בלי-פשע | 6 |
يەنە ئۇ: «ھەققىمگە زىيان يەتكۈزىدىغان، يالغان گەپنى قىلىشىم توغرىمۇ؟ ھېچ ئاسىيلىقىم بولمىغىنى بىلەن، ماڭا سانجىلغان ئوق زەخمىگە داۋا يوق» ــ دەيدۇ، |
מי-גבר כאיוב ישתה-לעג כמים | 7 |
قېنى، ئايۇپقا ئوخشايدىغان كىم بار؟! ئۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىلارنى ھاقارەتلەش سۇ ئىچكەندەك ئاددىي ئىشتۇر. |
וארח לחברה עם-פעלי און וללכת עם-אנשי-רשע | 8 |
ئۇ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا ھەمراھ بولۇپ يۈرىدۇ، ئۇ رەزىللەر بىلەن بىللە ماڭىدۇ. |
כי-אמר לא יסכן-גבר-- ברצתו עם-אלהים | 9 |
چۈنكى ئۇ: «ئادەم خۇدادىن سۆيۈنسە، بۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېدى. |
לכן אנשי לבב-- שמעו-לי חללה לאל מרשע ושדי מעול | 10 |
شۇڭا، ئى دانىشمەنلەر، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ رەزىللىك تەڭرىدىن يىراقتا تۇرسۇن! يامانلىق ھەممىگە قادىردىن نېرى بولسۇن! |
כי פעל אדם ישלם-לו וכארח איש ימצאנו | 11 |
چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ، ھەر بىر ئادەمگە ئۆز يولى بويىچە تېگىشلىك نېسىۋە تاپقۇزىدۇ. |
אף-אמנם אל לא-ירשיע ושדי לא-יעות משפט | 12 |
دەرھەقىقەت، تەڭرى ھېچ ئەسكىلىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر ھۆكۈمنى ھەرگىز بۇرمىلىمايدۇ. |
מי-פקד עליו ארצה ומי שם תבל כלה | 13 |
كىم ئۇنىڭغا يەر-زېمىننى ئامانەت قىلغان؟ كىم ئۇنى پۈتكۈل جاھاننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى؟ |
אם-ישים אליו לבו רוחו ונשמתו אליו יאסף | 14 |
ئۇ پەقەت كۆڭلىدە شۇ نىيەتنى قىلسىلا، ئۆزىنىڭ روھىنى ھەم نەپىسىنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسىلا، |
יגוע כל-בשר יחד ואדם על-עפר ישוב | 15 |
شۇئان بارلىق ئەت ئىگىلىرى بىرگە نەپەستىن قالىدۇ، ئادەملەر توپا-چاڭغا قايتىدۇ. |
ואם-בינה שמעה-זאת האזינה לקול מלי | 16 |
سەن دانىشمەن بولساڭ، بۇنى ئاڭلا! سۆزلىرىمنىڭ ساداسىغا قۇلاق سال! |
האף שונא משפט יחבוש ואם-צדיק כביר תרשיע | 17 |
ئادالەتكە ئۆچ بولغۇچى ھۆكۈم سۈرەلەمدۇ؟ سەن «ھەممىدىن ئادىل بولغۇچى»نى گۇناھكار بېكىتەمسەن؟! |
האמר למלך בליעל-- רשע אל-נדיבים | 18 |
ئۇ بولسا پادىشاھنى: «يارىماس!»، مۆتىۋەرلەرنى: «رەزىللەر» دېگۈچىدۇر. |
אשר לא-נשא פני שרים ולא נכר-שוע לפני-דל כי-מעשה ידיו כלם | 19 |
ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر. |
רגע ימתו-- וחצות לילה יגעשו עם ויעברו ויסירו אביר לא ביד | 20 |
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا خەلقلەرمۇ تەۋرىنىپ دۇنيادىن كېتىدۇ؛ ئادەمنىڭ قولىسىز ئۇلۇغلار ئېلىپ كېتىلىدۇ. |
כי-עיניו על-דרכי-איש וכל-צעדיו יראה | 21 |
چۈنكى ئۇنىڭ نەزەرى ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئىنساننىڭ بار قەدەملىرىنى كۆرۈپ يۈرىدۇ. |
אין-חשך ואין צלמות-- להסתר שם פעלי און | 22 |
شۇڭا قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچ قاراڭغۇلۇق يوقتۇر، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ سايىسىدىمۇ ئۇلار يوشۇرۇنالمايدۇ. |
כי לא על-איש ישים עוד-- להלך אל-אל במשפט | 23 |
چۈنكى تەڭرى ئادەملەرنى ئالدىغا ھۆكۈم قىلىشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە كۆزىتىپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. |
ירע כבירים לא-חקר ויעמד אחרים תחתם | 24 |
ئۇ كۈچلۈكلەرنى تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ، ھەم باشقىلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويىدۇ؛ |
לכן--יכיר מעבדיהם והפך לילה וידכאו | 25 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ئۇنىڭغا ئېنىق تۇرىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى كېچىدە ئۆرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يانجىلىدۇ. |
תחת-רשעים ספקם-- במקום ראים | 26 |
ئۇ يامانلارنى خالايىق ئالدىدا كاچاتلىغاندەك ئۇلارنى ئۇرىدۇ، |
אשר על-כן סרו מאחריו וכל-דרכיו לא השכילו | 27 |
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن باش تارتقان، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچبىرىنى ھېچ ئەتىۋارلىمىغان. |
להביא עליו צעקת-דל וצעקת עניים ישמע | 28 |
ئۇلار شۇنداق قىلىپ مىسكىنلەرنىڭ نالە-پەريادىنى ئۇنىڭ ئالدىغا كىرگۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ يالۋۇرۇشىنى ئاڭلايدۇ. |
והוא ישקט ומי ירשע-- ויסתר פנים ומי ישורנו ועל-גוי ועל-אדם יחד | 29 |
ئۇ سۈكۈتتە تۇرسا، كىم ئاغرىنىپ قاقشىسۇن. مەيلى ئەلدىن، مەيلى شەخستىن بولسۇن، ئەگەر ئۇ [شەپقىتىنى كۆرسەتمەي] يۈزىنى يوشۇرۇۋالسا، كىم ئۇنى كۆرەلىسۇن؟ |
ממלך אדם חנף-- ממקשי עם | 30 |
ئۇنىڭ مەقسىتى ئىپلاسلار ھۆكۈمرانلىق قىلمىسۇن، ئۇلار ئەل-ئەھلىنى دامىغا چۈشۈرمىسۇن دېگەنلىكتۇر. |
כי-אל-אל האמר נשאתי-- לא אחבל | 31 |
چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛ |
בלעדי אחזה אתה הרני אם-עול פעלתי לא אסיף | 32 |
ئۆزۈم بىلمىگىنىمنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن؛ مەن يامانلىق قىلغان بولسام، مەن قايتا قىلمايمەن» ــ دېسە، |
המעמך ישלמנה כי-מאסת--כי-אתה תבחר ולא-אני ומה-ידעת דבר | 33 |
سەن ئۇنىڭ بېكىتكىنىنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇ پەقەت سېنىڭ پىكرىڭ بويىچىلا ئىنساننىڭ قىلغانلىرىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەكمۇ. مەن ئەمەس، سەن قارار قىلىشىڭ كېرەكتۇر؛ ئەمدى بىلگەنلىرىڭنى بايان قىلساڭچۇ! |
אנשי לבב יאמרו לי וגבר חכם שמע לי | 34 |
ئەقلى بار ئادەملەر بولسا، گېپىمنى ئاڭلىغان دانا كىشى بولسا: ــ |
איוב לא-בדעת ידבר ודבריו לא בהשכיל | 35 |
«ئايۇپ ساۋاتسىزدەك گەپ قىلدى؛ ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوق» ــ دەيدۇ. |
אבי--יבחן איוב עד-נצח על-תשבת באנשי-און | 36 |
ئايۇپ رەزىل ئادەملەردەك جاۋاب بەرگەنلىكىدىن، ئاخىرغىچە سىنالسۇن! |
כי יסיף על-חטאתו פשע בינינו יספוק וירב אמריו לאל | 37 |
چۈنكى ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاسىيلىقنى قوشىدۇ؛ ئۇ ئارىمىزدا [ئاھانەت بىلەن] چاۋاك چېلىپ، تەڭرىگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتمەكتە». |