רוחי חבלה ימי נזעכו קברים לי | 1 |
مېنىڭ روھىم سۇنۇق، كۈنلىرىم تۈگەي دەيدۇ، گۆرلەر مېنى كۈتمەكتە. |
אם-לא התלים עמדי ובהמרותם תלן עיני | 2 |
ئەتراپىمدا ئالدامچى مازاق قىلغۇچىلار بار ئەمەسمۇ؟ كۆزۈمنىڭ ئۇلارنىڭ ئېچىتقۇلۇقىغا تىكىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوقتۇر. |
שימה-נא ערבני עמך מי הוא לידי יתקע | 3 |
ئاھ، جېنىم ئۈچۈن ئۆزۈڭ خالىغان كاپالەتنى ئېلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالدىدا ماڭا بورۇن بولغايسەن؛ سەندىن باشقا كىم مېنى قوللاپ بورۇن بولسۇن؟ |
כי-לבם צפנת משכל על-כן לא תרמם | 4 |
چۈنكى سەن [دوستلىرىمنىڭ] كۆڭلىنى يورۇقلۇقتىن قالدۇرغانسەن؛ شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىدىنمۇ مەھرۇم قىلىسەن! |
לחלק יגיד רעים ועיני בניו תכלנה | 5 |
غەنىيمەت ئالاي دەپ دوستلىرىغا پەشۋا ئاتقان كىشىنىڭ بولسا، ھەتتا بالىلىرىنىڭ كۆزلىرىمۇ كور بولىدۇ. |
והציגני למשל עמים ותפת לפנים אהיה | 6 |
ئۇ مېنى ئەل-يۇرتلارنىڭ ئالدىدا سۆز-چۆچەككە قويدى؛ مەن كىشىلەر يۈزۈمگە تۈكۈرىدىغان ئادەم بولۇپ قالدىم. |
ותכה מכעש עיני ויצרי כצל כלם | 7 |
دەرد-ئەلەمدىن كۆزۈم تورلىشىپ كەتتى، بارلىق ئەزالىرىم كۆلەڭگىدەك بولۇپ قالدى. |
ישמו ישרים על-זאת ונקי על-חנף יתערר | 8 |
بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ دۇرۇسلار ھەيرانۇھەس بولىدۇ؛ بىگۇناھلار ئىپلاسلارغا قارشى تۇرۇشقا قوزغىلىدۇ. |
ויאחז צדיק דרכו וטהר-ידים יסיף אמץ | 9 |
بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك يۈرىدىغان ئادەمنىڭ كۈچى توختاۋسىز ئۇلغىيىدۇ. |
ואולם--כלם תשבו ובאו נא ולא-אמצא בכם חכם | 10 |
ئەمدى قېنى، ھەممىڭلار، يەنە كېلىڭلار؛ ئاراڭلاردىن بىرمۇ دانا ئادەم تاپالمايمەن. |
ימי עברו זמתי נתקו-- מורשי לבבי | 11 |
كۈنلىرىم ئاخىرلىشاي دەپ قاپتۇ، مۇددىئالىرىم، كۆڭلۈمدىكى ئىنتىزارلار ئۈزۈلدى. |
לילה ליום ישימו אור קרוב מפני-חשך | 12 |
بۇ ئادەملەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرماقچى؛ ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قاراپ: «نۇر يېقىنلىشىۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ. |
אם-אקוה שאול ביתי בחשך רפדתי יצועי (Sheol h7585) | 13 |
ئەگەر كۈتسەم، ئۆيۈم تەھتىسارا بولىدۇ؛ مەن قاراڭغۇلۇققا ئورنۇمنى راسلايمەن. (Sheol h7585) |
לשחת קראתי אבי אתה אמי ואחתי לרמה | 14 |
«چىرىپ كېتىشنى: «سەن مېنىڭ ئاتام!»، قۇرتلارنى: «ئاپا! ئاچا!» دەپ چاقىرىمەن! |
ואיה אפו תקותי ותקותי מי ישורנה | 15 |
ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە؟ شۇنداق، ئۈمىدىمنى كىم كۆرەلىسۇن؟ |