הן-כל ראתה עיני שמעה אזני ותבן לה | 1 |
مانا، مېنىڭ كۆزۈم بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىققان؛ مېنىڭ قۇلىقىم بۇلارنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن. |
כדעתכם ידעתי גם-אני לא-נפל אנכי מכם | 2 |
سىلەرنىڭ بىلگەنلىرىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن؛ مېنىڭ سىلەردىن قېلىشقۇچىلىكىم يوق. |
אולם--אני אל-שדי אדבר והוכח אל-אל אחפץ | 3 |
بىراق مېنىڭ ئارزۇيۇم ھەممىگە قادىر بىلەن سۆزلىشىشتۇر، مېنىڭ خۇدا بىلەن مۇنازىرە قىلغۇم كېلىدۇ. |
ואולם אתם טפלי-שקר רפאי אלל כלכם | 4 |
سىلەر بولساڭلار تۆھمەت چاپلىغۇچىلار، ھەممىڭلار يارامسىز تېۋىپسىلەر. |
מי-יתן החרש תחרישון ותהי לכם לחכמה | 5 |
سىلەر پەقەتلا سۈكۈتتە تۇرغان بولساڭلارئىدى! بۇ سىلەر ئۈچۈن دانالىق بولاتتى! |
שמעו-נא תוכחתי ורבות שפתי הקשיבו | 6 |
مېنىڭ مۇنازىرەمگە قۇلاق سېلىڭلار، لەۋلىرىمدىكى مۇھاكىمىلەرنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. |
הלאל תדברו עולה ולו תדברו רמיה | 7 |
سىلەر خۇدانىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بولۇۋېلىپ بىئادىل سۆز قىلامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھىيلە-مىكىرلىك گەپ قىلماقچىمۇسىلەر؟ |
הפניו תשאון אם-לאל תריבון | 8 |
ئۇنىڭغا يۈز-خاتىرە قىلىپ [خۇشامەت] قىلماقچىمۇسىلەر؟! ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن دەۋا سورىماقچىمۇسىلەر؟ |
הטוב כי-יחקר אתכם אם-כהתל באנוש תהתלו בו | 9 |
ئۇ ئىچ-باغرىڭلارنى ئاختۇرۇپ چىقسا، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولاتتىمۇ؟ ئىنسان بالىسىنى ئالدىغاندەك ئۇنى ئالدىماقچىمۇسىلەر؟ |
הוכח יוכיח אתכם-- אם-בסתר פנים תשאון | 10 |
سىلەر يۈز-خاتىرە قىلىپ يوشۇرۇنچە خۇشامەت قىلساڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ. |
הלא שאתו תבעת אתכם ופחדו יפל עליכם | 11 |
بۇنىڭدىن كۆرە ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سىلەرنى قورقاتقىنى، ئۇنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ سىلەرگە چۈشكىنى تۈزۈك ئەمەسمۇ؟ |
זכרניכם משלי-אפר לגבי-חמר גביכם | 12 |
پەند-نەسىھەتىڭلار پەقەت كۈلگە ئوخشاش سۆزلەر، خالاس؛ سىلەر [ئىشەنچ باغلىغان] ئىستىھكامىڭلار پەقەت لاي ئىستىھكاملار، خالاس. |
החרישו ממני ואדברה-אני ויעבר עלי מה | 13 |
مېنى ئىختىيارىمغا قويۇۋېتىپ زۇۋان سۈرمەڭلار، مېنى گەپ قىلغىلى قويۇڭلار. بېشىمغا ھەرنېمە كەلسە كەلسۇن! |
על-מה אשא בשרי בשני ונפשי אשים בכפי | 14 |
قانداقلا بولمىسۇن، جېنىم بىلەن تەۋەككۇل قىلىمەن، مەن جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويىمەن! |
הן יקטלני לא (לו) איחל אך-דרכי אל-פניו אוכיח | 15 |
ئۇ جېنىمنى ئالسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى كۈتىمەن، ئۇنىڭغا تايىنىمەن؛ بىراق قانداقلا بولمىسۇن مەن تۇتقان يوللىرىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئاقلىماقچىمەن؛ |
גם-הוא-לי לישועה כי-לא לפניו חנף יבוא | 16 |
بۇنداق قىلىشىم ماڭا نىجاتلىق بولىدۇ؛ چۈنكى ئىپلاس بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ. |
שמעו שמוע מלתי ואחותי באזניכם | 17 |
سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا ئوبدان قۇلاق سېلىڭلار. |
הנה-נא ערכתי משפט ידעתי כי-אני אצדק | 18 |
مانا، مەن ئۆز دەۋايىمنى تەرتىپلىق قىلىپ تەييار قىلدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن ئاقلىنىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. |
מי-הוא יריב עמדי כי-עתה אחריש ואגוע | 19 |
مەن بىلەن بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان قېنى كىم باركىن؟ ھازىر سۈكۈت قىلغان بولسام، تىنىقتىن توختىغان بولاتتىم! |
אך-שתים אל-תעש עמדי אז מפניך לא אסתר | 20 |
[ئاھ خۇدا]! ماڭا پەقەت ئىككى ئىشنىلا قىلىپ بەرگىن؛ شۇنداق بولغاندىلا، مەن ئۆزۈمنى سەندىن قاچۇرمايمەن: |
כפך מעלי הרחק ואמתך אל-תבעתני | 21 |
ــ قولۇڭنى مەندىن يىراق قىلغىن؛ ــ ۋەھىمەڭ مېنى قورقاتمىسۇن. |
וקרא ואנכי אענה או-אדבר והשיבני | 22 |
ئاندىن مېنى سوت قىلىشقا چاقىر، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن؛ ياكى مەن ساڭا [دەۋايىمدىن] سۆز قىلسام، سەنمۇ ماڭا جاۋاب بېرىسەن. |
כמה לי עונות וחטאות-- פשעי וחטאתי הדיעני | 23 |
مېنىڭ قەبىھلىكلىرىم ھەم گۇناھلىرىم زادى قانچىلىك؟ ئىتائەتسىزلىكىم ھەم گۇناھىمنى ماڭا كۆرسىتىپ بەر! |
למה-פניך תסתיר ותחשבני לאויב לך | 24 |
نېمىشقا دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى ئۆز دۈشمىنىڭ دەپ بىلدىڭ؟ |
העלה נדף תערוץ ואת-קש יבש תרדף | 25 |
ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇرۇۋېتىلىدىغان ئانچىكى بىر يوپۇرماقنى ۋەھىمىگە سالماقچىمۇسەن؟ قۇرۇپ كەتكەن پاخالنى قوغلىماقچىمۇسەن؟ |
כי-תכתב עלי מררות ותורישני עונות נעורי | 26 |
چۈنكى سەن مېنىڭ ئۈستۈمدىن زەھەردەك ئەرزلەرنى يازىسەن، سەن ياشلىقىمدىكى قەبىھلىكلىرىمنى ماڭا قايتۇرۇۋاتىسەن. |
ותשם בסד רגלי-- ותשמור כל-ארחתי על-שרשי רגלי תתחקה | 27 |
مەن چىرىپ كەتكەن بىر نەرسە، مەن پەقەت كۈيە يېگەن بىر كىيىملا بولغىنىم بىلەن، لېكىن سەن مېنىڭ پۇتلىرىمنى كىشەنلەيسەن، ھەممە يوللىرىمنى كۆزىتىپ يۈرىسەن؛ تاپانلىرىمغا ماڭماسلىق ئۈچۈن چەك سىزىپ قويغانسەن. |
והוא כרקב יבלה כבגד אכלו עש | 28 |