מי יתן ראשי מים ועיני מקור דמעה ואבכה יומם ולילה את חללי בת עמי | 1 |
ئاھ، مېنىڭ بېشىم سۇنىڭ بېشى، كۆزۈم ياشنىڭ بۇلىقى بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنىڭ قىزى ئارىسىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يىغلايتتىم! |
מי יתנני במדבר מלון ארחים ואעזבה את עמי ואלכה מאתם כי כלם מנאפים עצרת בגדים | 2 |
ئاھ، مەن ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا يولۇچىلار چۈشكىدەك بىر تۇرالغۇ بولسىئىدى! ئۇنداقتا خەلقىمنى تاشلاپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان بولاتتىم! چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخورلار، مۇناپىقلارنىڭ بىر جامائىتىدۇر!» |
וידרכו את לשונם קשתם שקר ולא לאמונה גברו בארץ כי מרעה אל רעה יצאו ואתי לא ידעו נאם יהוה | 3 |
ــ ئۇلار ئوقياچى لەشكەرلەر ئوقيايىنى ئېگىلدۈرگەندەك تىلىنى يالغانچىلىققا ئېگىلدۈرۈشكە تەييارلىغان؛ ئۇلار زېمىندا ئۈستۈنلۈك قازانغان، بىراق بۇ سەمىمىيلىك بىلەن بولغان ئەمەس؛ ئۇلار رەزىللىك ئۈستىگە رەزىللىك قىلغان، مېنى ھېچ تونۇپ بىلمىگەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
איש מרעהו השמרו ועל כל אח אל תבטחו כי כל אח עקוב יעקב וכל רע רכיל יהלך | 4 |
ــ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلاردىن ھېزى بولۇڭلار، قېرىنداشلىرىڭلارغا ھېچ تايانماڭلار؛ چۈنكى ھەربىر قېرىنداش پەقەتلا ئالدىغۇچى، خالاس، ھەربىر يېقىنلىرىڭ بولسا تۆھمەتخورلۇقتا يۈرمەكتە. |
ואיש ברעהו יהתלו ואמת לא ידברו למדו לשונם דבר שקר העוה נלאו | 5 |
ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنلىرىغا ئالدامچىلىق قىلماقتا، ھېچكىم ھەقىقەتنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلار ئۆز تىلىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ، ئۇلار قەبىھلىكتە ئۆزلىرىنى ئۇپرىتىدۇ. |
שבתך בתוך מרמה במרמה מאנו דעת אותי נאם יהוה | 6 |
ئۇلار جەبىر-زۇلۇم ئۈستىگە جەبىر-زۇلۇم قىلماقتا، ئالدامچىلىقتىن يەنە بىر ئالدامچىلىققا ئۆتمەكتە؛ ئۇلار مېنى تونۇشنى رەت قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
לכן כה אמר יהוה צבאות הנני צורפם ובחנתים כי איך אעשה מפני בת עמי | 7 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئېرىتىپ تاۋلاپ سىنايمەن؛ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ رەزىللىكىگە ماڭا باشقا يول قالمىدىمۇ؟ |
חץ שוחט (שחוט) לשונם מרמה דבר בפיו שלום את רעהו ידבר ובקרבו ישים ארבו | 8 |
ئۇلارنىڭ تىلى ئەجەل ئوقىدۇر؛ ئۇ ئالدامچىلىقنى سۆزلەيدۇ؛ ھەربىر ئېغىز سۆزىدە يېقىنى بىلەن تىنچ-ئامانلىقنى سۆزلەيدۇ، لېكىن كۆڭلىدە قىلتاق تەييارلايدۇ. |
העל אלה לא אפקד בם נאם יהוה אם בגוי אשר כזה לא תתנקם נפשי | 9 |
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ |
על ההרים אשא בכי ונהי ועל נאות מדבר קינה--כי נצתו מבלי איש עבר ולא שמעו קול מקנה מעוף השמים ועד בהמה נדדו הלכו | 10 |
«تاغلاردىكى يايلاقلار ئۈچۈن يىغا ۋە نالە-پەرياد كۆتۈرىمەن، دالادىكى ئوتلاقلار ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇيمەن؛ چۈنكى ئۇلار كۆيۈپ كەتتىكى، ھېچكىم ئۇ يەردىن ئۆتمەيدۇ؛ كالىلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ؛ ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ھەم ھايۋاناتلارمۇ قېچىپ، شۇ يەردىن كەتتى!». |
ונתתי את ירושלם לגלים מעון תנים ואת ערי יהודה אתן שממה מבלי יושב | 11 |
ــ مەن يېرۇسالېمنى خارابلاشقان توپ-توپ دۆۋە، چىلبۆرىلەرنىڭ بىر تۇرالغۇسى قىلىمەن؛ يەھۇدا شەھەرلىرىنى ئادەم تۇرمايدىغان دەرىجىدە ۋايرانە قىلىمەن. |
מי האיש החכם ויבן את זאת ואשר דבר פי יהוה אליו ויגדה על מה אבדה הארץ נצתה כמדבר מבלי עבר | 12 |
ــ كىم بۇ ئىشلارنى چۈشىنىشكە دانىشمەن بولىدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئېلىپ بۇلارنى چۈشەندۈرەلەيدۇ؟ نېمىشقا زېمىن ۋەيرانە، ھېچكىم ئۆتمىگۈدەك، كۆيۈپ چۆل-باياۋاندەك بولۇپ كەتتى؟ |
ויאמר יהוה--על עזבם את תורתי אשר נתתי לפניהם ולא שמעו בקולי ולא הלכו בה | 13 |
پەرۋەردىگار دەيدۇ، ــ چۈنكى ئۇلار مەن ئۇلار ئالدىغا قويغان تەۋرات-قانۇننى تاشلىۋەتكەن، مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالمىغان ۋە ئۇنىڭدا ماڭمىغان، |
וילכו אחרי שררות לבם--ואחרי הבעלים אשר למדום אבותם | 14 |
بەلكى ئۆز قەلبىدىكى جاھىللىققا ئەگەشكەن، ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا ئۆگەتكەندەك بائاللارنىڭ كەينىگە ئەگىشىپ كەتكەن، |
לכן כה אמר יהוה צבאות אלהי ישראל הנני מאכילם את העם הזה לענה והשקיתים מי ראש | 15 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ خەلققە كەكرىنى يېگۈزىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن، |
והפצותים בגוים אשר לא ידעו המה ואבותם ושלחתי אחריהם את החרב עד כלותי אותם | 16 |
ئۇلارنى ئۇلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرى ئىلگىرى ھېچ تونۇمايدىغان ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن؛ مەن ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا قىلىچنى ئەۋەتىمەن. |
כה אמר יהוה צבאות התבוננו וקראו למקוננות ותבואינה ואל החכמות שלחו ותבואנה | 17 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆڭۈل قويۇڭلار، ماتەمچى ئاياللارنى كېلىشكە چاقىرىڭلار، يىغلاشقا ئەڭ ئۇستا بولغان قىز-ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭلار! |
ותמהרנה ותשנה עלינו נהי ותרדנה עינינו דמעה ועפעפינו יזלו מים | 18 |
ــ بەرھەق، ئۇلار تېز كەلسۇن، بىز ئۈچۈن زور يىغا كۆتۈرسۇنكى، بىزنىڭ كۆزلىرىمىزدىنمۇ ياشلار تاراملاپ تۆكۈلسۇن، چاناقلىرىمىزدىنمۇ ياش تامچىلىرى ئاقسۇن ــ |
כי קול נהי נשמע מציון איך שדדנו בשנו מאד כי עזבנו ארץ כי השליכו משכנותינו | 19 |
چۈنكى زىئوندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ: ــ «بىز قانچىلىك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندۇق! قانچىلىك شەرمەندە بولدۇق! ئۇلار تۇرالغۇلىرىمىزنى ئۆرۈۋەتتى، بىز زېمىنىمىزنى تاشلىدۇق!» ــ دېيىلىدۇ. |
כי שמענה נשים דבר יהוה ותקח אזנכם דבר פיו ולמדנה בנותיכם נהי ואשה רעותה קינה | 20 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئاياللار، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭلار؛ قىزىڭلارغا يىغلاشنى ئۆگىتىڭلار، ھەربىرىڭلار يېقىنىڭلارغا مەرسىيە ئوقۇتۇڭلار؛ |
כי עלה מות בחלונינו בא בארמנותינו--להכרית עולל מחוץ בחורים מרחבות | 21 |
چۈنكى ئۆلۈم بولسا دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ كىرگەن، ئوردا-ئىستىھكاملىرىمىزغىمۇ كىرگەن؛ ئۇ بالىلارنى كوچىلاردىن، يىگىتلەرنى رەستە-مەيدانلاردىن يۇلۇپ تاشلىغان. |
דבר כה נאם יהוה ונפלה נבלת האדם כדמן על פני השדה וכעמיר מאחרי הקצר ואין מאסף | 22 |
[يېقىنلىرىڭلارغا] ئۇقتۇرۇپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، جەسەتلەر دالادا تېزەكتەك يىقىلىدۇ؛ ئۇلار ئورمىچىنىڭ ئورغىقىنىڭ ئاستىغا يىقىلغان، لېكىن ھېچكىم يىغمايدىغان باشاقتەك يەرگە چېچىلىدۇ!» ــ دەڭلار! |
כה אמר יהוה אל יתהלל חכם בחכמתו ואל יתהלל הגבור בגבורתו אל יתהלל עשיר בעשרו | 23 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دانا كىشى دانالىقى بىلەن، كۈچلۈك كىشى كۈچلۈكلىكى بىلەن، باي بايلىقلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ماختانمىسۇن؛ |
כי אם בזאת יתהלל המתהלל השכל וידע אותי--כי אני יהוה עשה חסד משפט וצדקה בארץ כי באלה חפצתי נאם יהוה | 24 |
پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا شۇنىڭدىن، يەنى مېنى، يەر يۈزىدە مېھىر-مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزگۈچى مەن پەرۋەردىگارنى تونۇپ يەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ماختانسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ خۇرسەنلىكىم دەل مۇشۇ ئىشلاردىندۇر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
הנה ימים באים נאם יהוה ופקדתי על כל מול בערלה | 25 |
مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەتنە قىلمىغانلارنى خەتنە قىلىنغانلار بىلەن بىللە جازالايمەن؛ |
על מצרים ועל יהודה ועל אדום ועל בני עמון ועל מואב ועל כל קצוצי פאה הישבים במדבר--כי כל הגוים ערלים וכל בית ישראל ערלי לב | 26 |
يەنى مىسىر، يەھۇدا، ئېدوم، ئاممونىيلار ۋە موئابىيلار، جۈملىدىن چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان، چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەرنى جازالايمەن؛ چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسى خەتنىسىزدۇر؛ ئىسرائىلنىڭ بارلىق جەمەتىمۇ كۆڭلىدە خەتنىسىزدۇر. |