שוטטו בחוצות ירושלם וראו נא ודעו ובקשו ברחובותיה אם תמצאו איש אם יש עשה משפט מבקש אמונה--ואסלח לה | 1 |
[پەرۋەردىگار]: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ [شەھەرنى] كەچۈرىمەن! |
ואם חי יהוה יאמרו לכן לשקר ישבעו | 2 |
گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، [دېدى]. |
יהוה עיניך הלוא לאמונה--הכיתה אתם ולא חלו כליתם מאנו קחת מוסר חזקו פניהם מסלע מאנו לשוב | 3 |
ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» |
ואני אמרתי אך דלים הם נואלו--כי לא ידעו דרך יהוה משפט אלהיהם | 4 |
ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم. |
אלכה לי אל הגדלים ואדברה אותם--כי המה ידעו דרך יהוה משפט אלהיהם אך המה יחדו שברו על נתקו מוסרות | 5 |
ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان. |
על כן הכם אריה מיער זאב ערבות ישדדם--נמר שקד על עריהם כל היוצא מהנה יטרף כי רבו פשעיהם עצמו משבותיהם | 6 |
ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ. |
אי לזאת אסלוח (אסלח) לך--בניך עזבוני וישבעו בלא אלהים ואשבע אותם וינאפו ובית זונה יתגודדו | 7 |
مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. |
סוסים מיזנים משכים היו איש אל אשת רעהו יצהלו | 8 |
ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ. |
העל אלה לוא אפקד נאם יהוה ואם בגוי אשר כזה לא תתנקם נפשי | 9 |
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ |
עלו בשרותיה ושחתו וכלה אל תעשו הסירו נטישותיה כי לוא ליהוה המה | 10 |
ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛ |
כי בגוד בגדו בי בית ישראל ובית יהודה--נאם יהוה | 11 |
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
כחשו ביהוה ויאמרו לוא הוא ולא תבוא עלינו רעה וחרב ורעב לוא נראה | 12 |
ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى. |
והנביאים יהיו לרוח והדבר אין בהם כה יעשה להם | 13 |
پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ [پەرۋەردىگارنىڭ] سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن! |
לכן כה אמר יהוה אלהי צבאות יען דברכם את הדבר הזה הנני נתן דברי בפיך לאש והעם הזה עצים--ואכלתם | 14 |
شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. |
הנני מביא עליכם גוי ממרחק בית ישראל נאם יהוה גוי איתן הוא גוי מעולם הוא--גוי לא תדע לשנו ולא תשמע מה ידבר | 15 |
ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ |
אשפתו כקבר פתוח כלם גבורים | 16 |
ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر. |
ואכל קצירך ולחמך יאכלו בניך ובנותיך--יאכל צאנך ובקרך יאכל גפנך ותאנתך ירשש ערי מבצריך אשר אתה בטח בהנה--בחרב | 17 |
ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. |
וגם בימים ההמה נאם יהוה לא אעשה אתכם כלה | 18 |
ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. |
והיה כי תאמרו תחת מה עשה יהוה אלהינו לנו את כל אלה ואמרת אליהם כאשר עזבתם אותי ותעבדו אלהי נכר בארצכם--כן תעבדו זרים בארץ לא לכם | 19 |
شۇ چاغدا [خەلقىڭ]: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن [يەرەمىيا] ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن. |
הגידו זאת בבית יעקב והשמיעוה ביהודה לאמר | 20 |
ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى، |
שמעו נא זאת עם סכל ואין לב עינים להם ולא יראו אזנים להם ולא ישמעו | 21 |
«بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ |
האותי לא תיראו נאם יהוה אם מפני לא תחילו אשר שמתי חול גבול לים חק עולם ולא יעברנהו ויתגעשו ולא יוכלו והמו גליו ולא יעברנהו | 22 |
مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. |
ולעם הזה היה לב סורר ומורה סרו וילכו | 23 |
لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى. |
ולוא אמרו בלבבם נירא נא את יהוה אלהינו הנתן גשם וירה (יורה) ומלקוש בעתו שבעת חקות קציר ישמר לנו | 24 |
ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ. |
עונותיכם הטו אלה וחטאותיכם מנעו הטוב מכם | 25 |
سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان. |
כי נמצאו בעמי רשעים ישור כשך יקושים הציבו משחית אנשים ילכדו | 26 |
چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ. |
ככלוב מלא עוף כן בתיהם מלאים מרמה על כן גדלו ויעשירו | 27 |
تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى. |
שמנו עשתו גם עברו דברי רע--דין לא דנו דין יתום ויצליחו ומשפט אביונים לא שפטו | 28 |
ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ. |
העל אלה לא אפקד נאם יהוה אם בגוי אשר כזה לא תתנקם נפשי | 29 |
بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ |
שמה ושערורה נהיתה בארץ | 30 |
زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ |
הנבאים נבאו בשקר והכהנים ירדו על ידיהם ועמי אהבו כן ומה תעשו לאחריתה | 31 |
پەيغەمبەرلەر يالغان-ساختا بېشارەتلەرنى بەرمەكتە؛ كاھىنلار بولسا ئۆز ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا؛ مېنىڭ خەلقىممۇ بۇ ئىشلارنى ياقتۇرىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدە قانداق قىلىسىلەر؟ |