הדבר אשר היה על ירמיהו על כל עם יהודה בשנה הרבעית ליהויקים בן יאשיהו מלך יהודה היא השנה הראשנית לנבוכדראצר מלך בבל | 1 |
يوسىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلىدا (يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بىرىنچى يىلىدا) يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى توغرۇلۇق يەرەمىياغا كەلگەن سۆز، ــ |
אשר דבר ירמיהו הנביא על כל עם יהודה ואל כל ישבי ירושלם לאמר | 2 |
بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ |
מן שלש עשרה שנה ליאשיהו בן אמון מלך יהודה ועד היום הזה זה שלש ועשרים שנה היה דבר יהוה אלי ואדבר אליכם אשכים ודבר ולא שמעתם | 3 |
ئاموننىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، بۇ يىگىرمە ئۈچ يىل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ تۇرغان ۋە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ |
ושלח יהוה אליכם את כל עבדיו הנבאים השכם ושלח--ולא שמעתם ולא הטיתם את אזנכם לשמע | 4 |
ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار. |
לאמר שובו נא איש מדרכו הרעה ומרע מעלליכם ושבו על האדמה אשר נתן יהוה לכם ולאבותיכם--למן עולם ועד עולם | 5 |
ئۇلار: «سىلەر ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن ۋە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىدىن توۋا قىلىپ يانساڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر. |
ואל תלכו אחרי אלהים אחרים לעבדם ולהשתחות להם ולא תכעיסו אותי במעשה ידיכם ולא ארע לכם | 6 |
باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ چوقۇنماڭلار؛ مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرمەڭلار؛ مەن سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلتۈرمەيمەن» ــ دەپ جاكارلىغان. |
ולא שמעתם אלי נאם יהוה למען הכעסוני (הכעיסני) במעשה ידיכם לרע לכם | 7 |
لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا زىيان كەلتۈردۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
לכן כה אמר יהוה צבאות יען אשר לא שמעתם את דברי | 8 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان بولغاچقا، |
הנני שלח ולקחתי את כל משפחות צפון נאם יהוה ואל נבוכדראצר מלך בבל עבדי והבאתים על הארץ הזאת ועל ישביה ועל כל הגוים האלה סביב והחרמתים--ושמתים לשמה ולשרקה ולחרבות עולם | 9 |
مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن [مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى] پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛ |
והאבדתי מהם קול ששון וקול שמחה קול חתן וקול כלה--קול רחים ואור נר | 10 |
مەن ئۇلاردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى، تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى، تۈگمەن تېشىنىڭ ساداسىنى ۋە چىراغ نۇرىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ |
והיתה כל הארץ הזאת לחרבה לשמה ועבדו הגוים האלה את מלך בבל--שבעים שנה | 11 |
بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ. |
והיה כמלאות שבעים שנה אפקד על מלך בבל ועל הגוי ההוא נאם יהוה את עונם--ועל ארץ כשדים ושמתי אתו לשממות עולם | 12 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېلىنىڭ بېشىغا، شۇنداقلا كالدىيلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىگە ئۆز قەبىھلىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى مەڭگۈگە خارابىلىك قىلىمەن. |
והבאותי (והבאתי) על הארץ ההיא את כל דברי אשר דברתי עליה--את כל הכתוב בספר הזה אשר נבא ירמיהו על כל הגוים | 13 |
شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ زېمىن ئۈستىگە مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن بارلىق سۆزلىرىمنى، جۈملىدىن بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنى، يەنى يەرەمىيانىڭ بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن بېشارەتلىرىنى چۈشۈرىمەن. |
כי עבדו בם גם המה גוים רבים ומלכים גדולים ושלמתי להם כפעלם וכמעשה ידיהם | 14 |
چۈنكى كۆپ ئەللەر ھەم ئۇلۇغ پادىشاھلار [بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ] قۇل قىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە قوللىرى ياسىغانلىرى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن. |
כי כה אמר יהוה אלהי ישראל אלי קח את כוס היין החמה הזאת מידי והשקיתה אתו את כל הגוים אשר אנכי שלח אותך אליהם | 15 |
چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا [ئالامەت كۆرۈنۈشتە] مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ |
ושתו והתגעשו והתהללו מפני החרב אשר אנכי שלח בינתם | 16 |
ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ. |
ואקח את הכוס מיד יהוה ואשקה את כל הגוים אשר שלחני יהוה אליהם | 17 |
شۇڭا مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئالدىم ۋە پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزدۈم، |
את ירושלם ואת ערי יהודה ואת מלכיה את שריה לתת אתם לחרבה לשמה לשרקה ולקללה--כיום הזה | 18 |
ــ يەنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە، ئۇنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە ئەمىر-شاھزادىلىرىگە، يەنى ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بىر خارابە، ۋەھىمە، ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى بولۇشقا ھەم لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا قەدەھنى ئىچكۈزدۈم؛ |
את פרעה מלך מצרים ואת עבדיו ואת שריו ואת כל עמו | 19 |
مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە، خىزمەتكارلىرىغا، ئەمىر-شاھزادىلىرىغا ھەم خەلقىگە ئىچكۈزدۈم؛ |
ואת כל הערב ואת כל מלכי ארץ העוץ ואת כל מלכי ארץ פלשתים ואת אשקלון ואת עזה ואת עקרון ואת שארית אשדוד | 20 |
بارلىق شالغۇت ئەللەر، ئۇز زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئاشكېلوندىكىلەر، گازادىكىلەر، ئەكروندىكىلەرگە ۋە ئاشدودنىڭ قالدۇقلىرىغا ئىچكۈزدۈم؛ |
את אדום ואת מואב ואת בני עמון | 21 |
ئېدومدىكىلەر، موئابدىكىلەر ۋە ئاممونىيلار، |
ואת כל מלכי צר ואת כל מלכי צידון ואת מלכי האי אשר בעבר הים | 22 |
تۇرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ھەم زىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار، |
ואת דדן ואת תימא ואת בוז ואת כל קצוצי פאה | 23 |
دېداندىكىلەر، تېمادىكىلەر، بۇزدىكىلەر ۋە چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەر، |
ואת כל מלכי ערב ואת כל מלכי הערב השכנים במדבר | 24 |
ئەرەبىيەدىكى بارلىق پادىشاھلار ۋە چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان شالغۇت ئەللەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، |
ואת כל מלכי זמרי ואת כל מלכי עילם ואת כל מלכי מדי | 25 |
زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، |
ואת כל מלכי הצפון הקרבים והרחקים איש אל אחיו ואת כל הממלכות הארץ אשר על פני האדמה ומלך ששך ישתה אחריהם | 26 |
شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلارغا، يىراقتىكى بولسۇن، يېقىندىكى بولسۇن، بىر-بىرلەپ ئىچكۈزدۇم؛ جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ئىچكۈزدۈم؛ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن شېشاقنىڭ پادىشاھىمۇ [قەدەھنى] ئىچىدۇ. |
ואמרת אליהם כה אמר יהוה צבאות אלהי ישראל שתו ושכרו וקיו ונפלו ולא תקומו--מפני החרב אשר אנכי שלח ביניכם | 27 |
ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» ــ دېگىن. |
והיה כי ימאנו לקחת הכוס מידך--לשתות ואמרת אליהם כה אמר יהוה צבאות--שתו תשתו | 28 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر چوقۇم ئىچىسىلەر!» ــ دېگىن. |
כי הנה בעיר אשר נקרא שמי עליה אנכי מחל להרע ואתם הנקה תנקו לא תנקו--כי חרב אני קרא על כל ישבי הארץ נאם יהוה צבאות | 29 |
چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
ואתה תנבא אליהם את כל הדברים האלה ואמרת אליהם יהוה ממרום ישאג וממעון קדשו יתן קולו--שאג ישאג על נוהו הידד כדרכים יענה אל כל ישבי הארץ | 30 |
ئەمدى سەن [يەرەمىيا]، ئۇلارغا مۇشۇ بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاكارلىغىن: ــ پەرۋەردىگار يۇقىرىدىن شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۆز مۇقەددەس تۇرالغۇسىدىن ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ؛ ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايى ئۈستىگە ھۆركىرەيدۇ؛ ئۇ ئۈزۈم چەيلىگۈچىلەر توۋلىغاندەك يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئەيىبلەپ توۋلايدۇ. |
בא שאון עד קצה הארץ--כי ריב ליהוה בגוים נשפט הוא לכל בשר הרשעים נתנם לחרב נאם יהוה | 31 |
ساداسى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەللەر بىلەن دەۋاسى بار؛ ئۇ ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ رەزىللەرنى بولسا، ئۇلارنى قىلىچقا تاپشۇرىدۇ؛ ــ پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ. |
כה אמר יהוה צבאות הנה רעה יצאת מגוי אל גוי וסער גדול יעור מירכתי ארץ | 32 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە ھەممىسى ئۈستىگە چىقىپ تارقىلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇن چىقىدۇ. |
והיו חללי יהוה ביום ההוא מקצה הארץ ועד קצה הארץ לא יספדו ולא יאספו ולא יקברו--לדמן על פני האדמה יהיו | 33 |
پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ؛ ئۇلارغا ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار يەر يۈزىدە تېزەكتەك ياتىدۇ. |
הילילו הרעים וזעקו והתפלשו אדירי הצאן--כי מלאו ימיכם לטבוח ותפוצותיכם ונפלתם ככלי חמדה | 34 |
ئى باققۇچىلار، زارلاڭلار، نالە كۆتۈرۈڭلار! توپا-چاڭ ئىچىدە ئېغىنىڭلار، ئى پادا يېتەكچىلىرى! چۈنكى قىرغىن قىلىنىش كۈنلىرىڭلار يېتىپ كەلدى، مەن سىلەرنى تارقىتىۋېتىمەن؛ سىلەر ئۆرۈلگەن ئېسىل چىنىدەك پارچە-پارچە چېقىلىسىلەر. |
ואבד מנוס מן הרעים ופליטה מאדירי הצאן | 35 |
پادا باققۇچىلىرىنىڭ باشپاناھى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ قاچار يولى يوقاپ كېتىدۇ. |
קול צעקת הרעים ויללת אדירי הצאן--כי שדד יהוה את מרעיתם | 36 |
باققۇچىلارنىڭ ئازابلىق پەريادى، پادا يېتەكچىلىرىنىڭ زارلاشلىرى ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىنى ۋەيران قىلاي دەۋاتىدۇ؛ |
ונדמו נאות השלום מפני חרון אף יהוה | 37 |
پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، تىنچلىق قوتانلىرى خارابە بولىدۇ. |
עזב ככפיר סכו--כי היתה ארצם לשמה מפני חרון היונה ומפני חרון אפו | 38 |
پەرۋەردىگار ئۆز ئۇۋىسىنى تاشلاپ چىققان شىردەكتۇر؛ ئەزگۈچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە [پەرۋەردىگارنىڭ] دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋەيرانە بولماي قالمايدۇ. |