כי לא מועף לאשר מוצק לה כעת הראשון הקל ארצה זבלון וארצה נפתלי והאחרון הכביד--דרך הים עבר הירדן גליל הגוים | 1 |
بىراق، ھەسرەت-نادامەتكە قالغانلارغا زۇلمەت بولىۋەرمەيدۇ؛ ئۇ ئۆتكەن زامانلاردا زەبۇلۇن زېمىنىنى ۋە نافتالى زېمىنىنى خار قىلدۇرغان؛ بىراق كەلگۈسىدە ئۇ مۇشۇ يەرنى، يەنى «يات ئەللەرنىڭ ماكانى» گالىلىيەگە، جۈملىدىن «دېڭىز يولى» بويىدىكى جايلار ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىغا شان-شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ |
העם ההלכים בחשך ראו אור גדול ישבי בארץ צלמות אור נגה עליהם | 2 |
قاراڭغۇلۇقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر زور بىر نۇرنى كۆردى؛ ئۆلۈم سايىسىنىڭ يۇرتىدا تۇرغۇچىلارغا بولسا، دەل ئۇلارنىڭ ئۈستىگە نۇر پارلىدى. |
הרבית הגוי לא (לו) הגדלת השמחה שמחו לפניך כשמחת בקציר כאשר יגילו בחלקם שלל | 3 |
ــ سەن ئەلنى ئاۋۇتتۇڭ، ئۇلارنىڭ شادلىقىنى زىيادە قىلدىڭ؛ خەلقلەر ھوسۇل ۋاقتىدا شادلانغاندەك، جەڭ ئولجىسىنى ئۈلەشتۈرگەن ۋاقىتتا خۇشاللىققا چۆمگەندەك، ئۇلار ئالدىڭدا شادلىنىپ كېتىدۇ. |
כי את על סבלו ואת מטה שכמו שבט הנגש בו--החתת כיום מדין | 4 |
چۈنكى مىدىياننىڭ [ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان] كۈنگە ئوخشاش، سەن ئۇنىڭغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقنى، مۈرىسىگە چۈشكەن ئەپكەشنى، ئۇلارنى ئەزگۈچىنىڭ تايىقىنى سۇندۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭ. |
כי כל סאון סאן ברעש ושמלה מגוללה בדמים והיתה לשרפה מאכלת אש | 5 |
چۈنكى [لەشكەرلەرنىڭ] ئۇرۇشتا كىيگەن ھەربىر ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن ھەربىر تونلىرى بولسا پەقەتلا ئوت ئۈچۈن يېقىلغۇ بولىدۇ. |
כי ילד ילד לנו בן נתן לנו ותהי המשרה על שכמו ויקרא שמו פלא יועץ אל גבור אבי עד שר שלום | 6 |
چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ. |
לם רבה (למרבה) המשרה ולשלום אין קץ על כסא דוד ועל ממלכתו להכין אתה ולסעדה במשפט ובצדקה מעתה ועד עולם קנאת יהוה צבאות תעשה זאת | 7 |
ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغاندا ۋە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا، شۇ چاغدىن باشلاپ تا ئەبەدىلئەبەدگىچە، ئۇنى ئادالەت ھەم ھەققانىيلىق بىلەن تىكلەيدۇ، شۇنداقلا مەزمۇت ساقلايدۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ھۆكۈمرانلىق ۋە ئامان-خاتىرجەملىكنىڭ ئېشىشى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى مۇشۇلارنى ئادا قىلىدۇ. |
דבר שלח אדני ביעקב ונפל בישראל | 8 |
رەب ياقۇپ جەمەتىگە بىر سۆز ئەۋەتتى، ئۇ پات ئارىدا ئىسرائىلغا چۈشىدۇ، |
וידעו העם כלו אפרים ויושב שמרון בגאוה ובגדל לבב לאמר | 9 |
بارلىق خەلق، يەنى ئەفرائىم ۋە سامارىيەدىكىلەر شۇ [سۆزنىڭ] توغرىلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ،: ــ لېكىن كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ يوغىنلىق قىلىپ، ئۇلار: ــ |
לבנים נפלו וגזית נבנה שקמים גדעו וארזים נחליף | 10 |
ــ «خىشلار چۈشۈپ كەتتى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىغا يونۇلغان تاشلار بىلەن قايتا ياسايمىز؛ ئېرەن دەرەخلىرى كېسىلىپ بولدى، بىراق ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېدىر دەرەخلىرىنى ئىشلىتىمىز» ــ دېيىشىدۇ؛ |
וישגב יהוה את צרי רצין עליו ואת איביו יסכסך | 11 |
شۇڭا پەرۋەردىگار رەزىننىڭ كۈشەندىلىرىنى [ئىسرائىلغا] قارشى كۈچلەندۈردى، [ياقۇپنىڭ] دۈشمەنلىرىنى قوزغىدى. |
ארם מקדם ופלשתים מאחור ויאכלו את ישראל בכל פה בכל זאת לא שב אפו ועוד ידו נטויה | 12 |
شەرقتىن سۇرىيەلىكلەر، غەرەبتە فىلىستىيلەر، ئۇلار ئاغزىنى ھاڭدەك ئېچىپ ئىسرائىلنى يۇتۇۋالىدۇ. ئىشلار شۇنداق دېيىلگەندەك بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. |
והעם לא שב עד המכהו ואת יהוה צבאות לא דרשו | 13 |
بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى، ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ. |
ויכרת יהוה מישראל ראש וזנב כפה ואגמון--יום אחד | 14 |
شۇڭا پەرۋەردىگار بىر كۈن ئىچىدە ئىسرائىلنىڭ بېشى ۋە قۇيرۇقىنى، پالما شېخى ۋە قومۇشىنى كېسىپ تاشلايدۇ؛ |
זקן ונשוא פנים הוא הראש ונביא מורה שקר הוא הזנב | 15 |
مويسىپىت ۋە مۆھتەرەملەر بولسا باشتۇر؛ يالغانچىلىق ئۆگىتىدىغان پەيغەمبەر ــ قۇيرۇقتۇر. |
ויהיו מאשרי העם הזה מתעים ומאשריו מבלעים | 16 |
چۈنكى مۇشۇ خەلقنىڭ يېتەكچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، يېتەكلەنگۈچىلەر بولسا يۇتۇۋېلىنىپ يوقىلىدۇ. |
על כן על בחוריו לא ישמח אדני ואת יתמיו ואת אלמנותיו לא ירחם--כי כלו חנף ומרע וכל פה דבר נבלה בכל זאת לא שב אפו ועוד ידו נטויה | 17 |
شۇڭا رەب ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەنلىك تاپمايدۇ، يېتىم-يېسىرلىرى ۋە تۇل خوتۇنلىرىغا رەھىم قىلمايدۇ؛ چۈنكى ھەربىرى ئىپلاس ۋە رەزىللىك قىلغۇچى، ھەممە ئېغىزدىن چىققىنى پاسىقلىقتۇر. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. |
כי בערה כאש רשעה שמיר ושית תאכל ותצת בסבכי היער ויתאבכו גאות עשן | 18 |
چۈنكى رەزىللىك ئوتتەك كۆيىدۇ، ئۇ جىغان ۋە تىكەنلەرنى يۇتۇۋالىدۇ؛ ئۇ ئورماننىڭ باراقسان جايلىرى ئارىسىدا تۇتىشىدۇ، ئۇلار ئىس-تۈتەكلىك تۈۋرۈك بولۇپ پۇرقىراپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛ |
בעברת יהוה צבאות נעתם ארץ ויהי העם כמאכלת אש איש אל אחיו לא יחמלו | 19 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ دەرغەزىپى بىلەن زېمىن كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ، خەلق بولسا ئوتنىڭ يېقىلغۇسى بولىدۇ، خالاس؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىنى ئاياپ رەھىم قىلمايدۇ. |
ויגזר על ימין ורעב ויאכל על שמאול ולא שבעו איש בשר זרעו יאכלו | 20 |
بىرسى ئوڭ تەرەپتە گۆش كېسىپ يەپ، تويمايدۇ، سول تەرەپتىن يالماپ يەپمۇ، قانائەتلەنمەيدۇ؛ ھەركىم ئۆز بىلىكىنى يەيدۇ؛ |
מנשה את אפרים ואפרים את מנשה--יחדו המה על יהודה בכל זאת לא שב אפו ועוד ידו נטויה | 21 |
مەناسسەھ ئەفرائىمنى، ئەفرائىم بولسا مەناسسەھنى يەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىمۇ يەھۇداغا قارشى تۇرىدۇ. ھەممىسى شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. |