ויאמר יהוה אלי קח לך גליון גדול וכתב עליו בחרט אנוש למהר שלל חש בז | 1 |
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «چوڭ بىر تاختاينى قولۇڭغا ئېلىپ، ئېنىق ھەرپلەر بىلەن: ــ «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ يازغىن» ــ دېدى. |
ואעידה לי עדים נאמנים--את אוריה הכהן ואת זכריהו בן יברכיהו | 2 |
مەن شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە «ئىشەنچلىك گۇۋاھچىلار» سۈپىتىدە مۇشۇنى خاتىرىلەشكە كاھىن بولغان ئۇرىيا ۋە يەرەبەقىيانىڭ ئوغلى زەكەرىيانى چاقىرىۋالدىم. |
ואקרב אל הנביאה ותהר ותלד בן ויאמר יהוה אלי קרא שמו מהר שלל חש בז | 3 |
ئاندىن مەن ئايال پەيغەمبەر بىلەن بىللە ياتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «ئۇنىڭ ئىسمىنى «ماخار-شالال-خاش-باز» دەپ ئاتىغىن؛ |
כי בטרם ידע הנער קרא אבי ואמי--ישא את חיל דמשק ואת שלל שמרון לפני מלך אשור | 4 |
چۈنكى بالا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىشنى بىلگۈچە، دەمەشق بايلىقلىرى ۋە سامارىيەدىكى ئولجا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن بۇلاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ» ــ دېدى. |
ויסף יהוה דבר אלי עוד לאמר | 5 |
پەرۋەردىگار يەنە ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
יען כי מאס העם הזה את מי השלח ההלכים לאט ומשוש את רצין ובן רמליהו | 6 |
«مۇشۇ خەلق شىلوئاھ ئۆستىڭىدىكى لەرزان ئېقىۋاتقان سۇلارنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا رەزىن ۋە رەمالىيانىڭ ئوغلىدىن خۇرسەن بولغاچقا، |
ולכן הנה אדני מעלה עליהם את מי הנהר העצומים והרבים--את מלך אשור ואת כל כבודו ועלה על כל אפיקיו והלך על כל גדותיו | 7 |
شۇڭا مانا، رەب ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دولقۇنلاپ ئاقىدىغان، ئەلۋەك ئەفرات دەرياسىنىڭ سۇلىرىنى، ــ يەنى ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنى تولۇق ھەيۋە-شۆھرىتى بىلەن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇ دەريادەك بارلىق ئېرىق-ئۆستەڭلىرىدىن تېشىپ كېتىدۇ، ھەممە قىرغاقلىرىنى بۆسۈپ تاشلايدۇ؛ |
וחלף ביהודה שטף ועבר עד צואר יגיע והיה מטות כנפיו מלא רחב ארצך עמנו אל | 8 |
ئۇ تاكى يەھۇداغىچە شىددەت بىلەن تېشىپ، ھەتتا بوينىغىچە كېلىدۇ؛ ئۇ قاناتلىرىنى يايغاندا پۈتكۈل زېمىنىڭغا سايە بولۇپ چۈشىدۇ، ئى ئىممانۇئېل! |
רעו עמים וחתו והאזינו כל מרחקי ארץ התאזרו וחתו התאזרו וחתו | 9 |
ــ غەزەپلىنىۋېرىڭلار، ئى ئەللەر، بىراق سۇندۇرۇلىسىلەر! جاھاننىڭ بارلىق چەت جايلىرى قۇلاق سېلىڭلار! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! [جەڭ ئۈچۈن] بېلىڭلارنى باغلاۋېرىڭلار، سۇندۇرۇلىسىلەر! |
עצו עצה ותפר דברו דבר ולא יקום כי עמנו אל | 10 |
پىلانىڭلارنى تۈزىۋېرىڭلار، ئۇ بىكارغا كېتىدۇ؛ مەسلىھەتىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، ئۇمۇ ئاقمايدۇ؛ سەۋەبى ــ ئىممانۇئېل!». |
כי כה אמר יהוה אלי כחזקת היד ויסרני מלכת בדרך העם הזה לאמר | 11 |
چۈنكى پەرۋەردىگار كۈچلۈك قولىنى ماڭا تەگكۈزۈپ، مېنىڭ بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىقىمغا يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق سۆز قىلدى: ــ |
לא תאמרון קשר לכל אשר יאמר העם הזה קשר ואת מוראו לא תיראו ולא תעריצו | 12 |
«مۇشۇ كىشىلەر كۆپ ئىشلاردا «سۇيىقەست بار» دېسە، سىلەر بولساڭلار «سۇيىقەست بار» دەپ يۈرمەڭلار؛ ئۇلارنىڭ قورققىنىدىن سىلەر قورقماڭلار، ياكى ھېچ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ |
את יהוה צבאות אתו תקדישו והוא מוראכם והוא מערצכם | 13 |
پەقەت ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىلا ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ قورقىدىغىنىڭلار بولسۇن، سىلەرنىڭ ۋەھىمەڭلار بولسۇن! |
והיה למקדש ולאבן נגף ולצור מכשול לשני בתי ישראל לפח ולמוקש--ליושב ירושלם | 14 |
ئۇ بىر مۇقەددەس پاناھگاھ بولىدۇ، ھەمدە ئىسرائىلدىكى ئىككى جەمەت ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ تاش، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاش، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۈچۈنمۇ قىلتاق ۋە تاپانتۇزاق بولىدۇ؛ |
וכשלו בם רבים ונפלו ונשברו ונוקשו ונלכדו | 15 |
ئۇلاردىن كۆپلەر [ئۇنىڭغا] پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، يانجىلىپ، قىلتاققا چۈشۈپ، ئەسىرگە ئېلىنىدۇ». |
צור תעודה חתום תורה בלמדי | 16 |
ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن. |
וחכיתי ליהוה המסתיר פניו מבית יעקב וקויתי לו | 17 |
مەن بولسام، يۈزىنى ياقۇپ جەمەتىدىن يوشۇرۇۋاتقان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن؛ ۋە مەن ئۇنى تەلمۈرۈپ ساقلايمەن. |
הנה אנכי והילדים אשר נתן לי יהוה לאתות ולמופתים בישראל--מעם יהוה צבאות השכן בהר ציון | 18 |
قاراڭلار، ماڭا ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بەرگەن بالىلارغا، بىز زىئون تېغىنى ئۆز ماكانى قىلغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئىسرائىلدا نامايان قىلغان بېشارەت ۋە كارامەتلەرنىڭ سۈپىتىدۇرمىز». |
וכי יאמרו אליכם דרשו אל האבות ואל הידענים המצפצפים והמהגים הלוא עם אל אלהיו ידרש בעד החיים אל המתים | 19 |
ــ باشقىلار سىلەرگە: ــ «بىز ۋىچىر-ۋىچىر، گۇدۇڭ-گۇدۇڭ قىلىدىغان «ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى»لار ۋە داخانلاردىن يول سورايلى» ــ دېسە، سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ «بىر خەلقنىڭ ئۆز خۇداسىنى ئىزدەپ يول سورىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ تىرىكلەرنىڭ ئۆلۈكلەردىن يول سورىشى توغرىمۇ؟!» ــ دەڭلار. |
לתורה ולתעודה אם לא יאמרו כדבר הזה אשר אין לו שחר | 20 |
ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ! |
ועבר בה נקשה ורעב והיה כי ירעב והתקצף וקלל במלכו ובאלהיו--ופנה למעלה | 21 |
ئەكسىچە، ئۇلار قىسىلغان، ئاچ ھالدا زېمىننى كېزىپ يۈرىشىدۇ؛ ئاچ قالغان چاغدا، ئۇلار غەزەپلىنىپ ئاسمانغا قاراپ، پادىشاھىنى ھەم خۇداسىنى قارغاپ تىللايدۇ؛ |
ואל ארץ יביט והנה צרה וחשכה מעוף צוקה ואפלה מנדח | 22 |
ئۇلار يەرگە قارىسا، مانا، جاپا-مۇشەققەت، قاراڭغۇ-زۇلمەت، ھەسرەت-نادامەت ۋە پاراكەندىچىلىك تۇرىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇققا ھەيدىۋېتىلىدۇ. |