כה אמר יהוה השמים כסאי והארץ הדם רגלי אי זה בית אשר תבנו לי ואי זה מקום מנוחתי | 1 |
«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟ |
ואת כל אלה ידי עשתה ויהיו כל אלה נאם יהוה ואל זה אביט--אל עני ונכה רוח וחרד על דברי | 2 |
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان، ئۇلار شۇنداق بولغاچقىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن مەن نەزىرىمنى شۇنداق بىر ئادەمگە سالىمەن: ــ مۆمىن-كەمتەر، روھى سۇنۇق، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغاندا قورقۇپ تىترەك باسىدىغان بىر ئادەمگە نەزىرىمنى سالىمەن. |
שוחט השור מכה איש זובח השה ערף כלב מעלה מנחה דם חזיר מזכיר לבנה מברך און--גם המה בחרו בדרכיהם ובשקוציהם נפשם חפצה | 3 |
كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، قوزىنى قۇربانلىق قىلغان كىشى ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ ئۆلتۈرىدۇ؛ ماڭا ھەدىيە تۇتقۇچى چوشقا قېنىنىمۇ تۇتۇپ بەرمەكچىدۇر؛ دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ. |
גם אני אבחר בתעלליהם ומגורתם אביא להם--יען קראתי ואין עונה דברתי ולא שמעו ויעשו הרע בעיני ובאשר לא חפצתי בחרו | 4 |
شۇڭا مەنمۇ ئۇلارنىڭ كۈلپەتلىرىنى تاللايمەن؛ ئۇلار دەل قورقىدىغان ۋەھىمىلەرنى بېشىغا چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى مەن چاقىرغىنىمدا، ئۇلار جاۋاب بەرمىدى؛ مەن سۆز قىلغىنىمدا، ئۇلار قۇلاق سالمىدى؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلدى، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىدى». |
שמעו דבר יהוה החרדים אל דברו אמרו אחיכם שנאיכם מנדיכם למען שמי יכבד יהוה--ונראה בשמחתכם והם יבשו | 5 |
«ئى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئالدىدا قورقۇپ تىترەيدىغانلار، ئۇنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭلار: ــ «سىلەرنى نامىمغا [سادىق بولغانلىقىڭلار] تۈپەيلىدىن چەتكە قاققانلار بولسا، يەنى سىلەردىن نەپرەتلىنىدىغان قېرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە: ــ «قېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان قىلىنسۇن، شۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلارنى كۆرەلەيدىغان بولىمىز!» ــ دېدى؛ بىراق شەرمەندىلىكتە قالغانلار ئۆزلىرى بولىدۇ. |
קול שאון מעיר קול מהיכל קול יהוה משלם גמול לאיביו | 6 |
ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە [يامانلىقلىرىنى] قايتۇرۇۋاتىدۇ!» |
בטרם תחיל ילדה בטרם יבוא חבל לה והמליטה זכר | 7 |
ــ تولغىقى تۇتمايلا ئۇ بوشىنىدۇ؛ ئاغرىقى تۇتمايلا، ئوغۇل بالا تۇغىدۇ! |
מי שמע כזאת מי ראה כאלה--היוחל ארץ ביום אחד אם יולד גוי פעם אחת כי חלה גם ילדה ציון את בניה | 8 |
كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ كىم مۇشۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ باققان؟ زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى! |
האני אשביר ולא אוליד יאמר יהוה אם אני המוליד ועצרתי אמר אלהיך | 9 |
بىرسىنى بوشىنىش ھالىتىگە كەلتۈرگەن بولسام، مەن بالىنى چىقارغۇزماي قالامتىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئۆزۈم تۇغدۇرغۇچى تۇرسام، بالىياتقۇنى ئېتىۋېتەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ خۇدايىڭ. |
שמחו את ירושלם וגילו בה כל אהביה שישו אתה משוש כל המתאבלים עליה | 10 |
يېرۇسالېم بىلەن بىللە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار؛ ئۇنى سۆيگۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشاللىنىڭلار! ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە شادلىق بىلەن شادلىنىڭلار! |
למען תינקו ושבעתם משד תנחמיה למען תמצו והתענגתם מזיז כבודה | 11 |
چۈنكى سىلەر ئۇنىڭ تەسەللى بېرىدىغان ئەمچەكلىرىدىن ئېمىپ قانائەتلىنىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر قانغۇچە ئىچىپ چىقىسىلەر، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ». |
כי כה אמר יהוה הנני נטה אליה כנהר שלום וכנחל שוטף כבוד גוים--וינקתם על צד תנשאו ועל ברכים תשעשעו | 12 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇنىڭغا تاشقان دەريادەك ئارام-خاتىرجەملىكنى، تېشىپ كەتكەن ئېقىمدەك ئەللەرنىڭ شان-شەرەپلىرىنى سۇنۇپ بېرىمەن؛ سىلەر ئېمىسىلەر، سىلەر يانپاشقا ئېلىنىپ كۆتۈرۈلىسىلەر، ئېتەكتە ئەكىلىتىلىسىلەر. |
כאיש אשר אמו תנחמנו--כן אנכי אנחמכם ובירושלם תנחמו | 13 |
خۇددى ئانا بالىسىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن شۇنداق سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن؛ سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئىگە بولىسىلەر. |
וראיתם ושש לבכם ועצמותיכם כדשא תפרחנה ונודעה יד יהוה את עבדיו וזעם את איביו | 14 |
سىلەر بۇلارنى كۆرگەندە كۆڭلۈڭلار شادلىنىدۇ، سۆڭەكلىرىڭلار يۇمران ئوت-چۆپتەك ياشناپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئۆز قۇللىرىغا ئايان قىلىنىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىگە قەھرىنى كۆرسىتىدۇ. |
כי הנה יהוה באש יבוא וכסופה מרכבתיו--להשיב בחמה אפו וגערתו בלהבי אש | 15 |
چۈنكى غەزىپىنى قەھر بىلەن، تەنبىھىنى ئوت يالقۇنلىرى بىلەن چۈشۈرۈشى ئۈچۈن، مانا، پەرۋەردىگار ئوت بىلەن كېلىدۇ، ئۇ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قۇيۇندەك كېلىدۇ. |
כי באש יהוה נשפט ובחרבו את כל בשר ורבו חללי יהוה | 16 |
چۈنكى ئوت بىلەن ھەم قىلىچ بىلەن پەرۋەردىگار بارلىق ئەت ئىگىلىرىنى سوراق قىلىپ جازالايدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر نۇرغۇن بولىدۇ. |
המתקדשים והמטהרים אל הגנות אחר אחד (אחת) בתוך אכלי בשר החזיר והשקץ והעכבר--יחדו יספו נאם יהוה | 17 |
«باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئايرىم تۇتۇپ، ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىنىڭ گېپىگە كىرگەنلەر، شۇنداقلا چوشقا گۆشىنى، يىرگىنچلىك بولغاننى، جۈملىدىن چاشقانلارنى يەيدىغانلار بولسا جىمىسى تەڭ تۈگىشىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
ואנכי מעשיהם ומחשבתיהם--באה לקבץ את כל הגוים והלשנות ובאו וראו את כבודי | 18 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر؛ بىراق بارلىق ئەللەر، ھەممە تىلدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ يىغىلىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ مېنىڭ شان-شەرىپىمنى كۆرىدۇ؛ |
ושמתי בהם אות ושלחתי מהם פליטים אל הגוים תרשיש פול ולוד משכי קשת--תבל ויון האיים הרחקים אשר לא שמעו את שמעי ולא ראו את כבודי--והגידו את כבודי בגוים | 19 |
ۋە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كارامەت بەلگىنى تىكلەيمەن؛ ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن؛ نام-شۆھرىتىمنى ئاڭلىمىغان، شان-شەرىپىمنى كۆرۈپ باقمىغان تارشىشقا، لىۋىيەگە، ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان لۇدقا، تۇبال، گرېتسىيەگە ھەم يىراق چەتلەردىكى ئاراللارغا ئۇلارنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى جاكارلايدۇ. |
והביאו את כל אחיכם מכל הגוים מנחה ליהוה בסוסים וברכב ובצבים ובפרדים ובכרכרות על הר קדשי ירושלם--אמר יהוה כאשר יביאו בני ישראל את המנחה בכלי טהור בית יהוה | 20 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار «ئاشلىق ھەدىيە»نى پاكىز قاچىلارغا قويۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەندەك، شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاتلارغا، جەڭ ھارۋىلىرىغا، سايىۋەنلىك ھارۋا-زەمبىللەرگە، قېچىرلارغا ھەم نار تۆگىلەرگە مىندۈرۈپ مۇقەددەس تېغىمغا، يەنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
וגם מהם אקח לכהנים ללוים אמר יהוה | 21 |
ھەم مەن ئۇلاردىن بەزىلىرىنى كاھىنلار ھەم لاۋىيلار بولۇشقا تاللايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
כי כאשר השמים החדשים והארץ החדשה אשר אני עשה עמדים לפני--נאם יהוה כן יעמד זרעכם ושמכם | 22 |
چۈنكى مەن يارىتىدىغان يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن ئۆزۈمنىڭ ئالدىدا دائىم تۇرغاندەك، سېنىڭ نەسلىڭ ھەم ئىسمىڭ تۇرۇپ ساقلىنىدۇ. |
והיה מדי חדש בחדשו ומדי שבת בשבתו יבוא כל בשר להשתחות לפני אמר יהוה | 23 |
ھەم شۇنداق بولىدۇكى، يېڭى ئايمۇ يېڭى ئايدا، شابات كۈنىمۇ شابات كۈنىدە، بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
ויצאו וראו--בפגרי האנשים הפשעים בי כי תולעתם לא תמות ואשם לא תכבה והיו דראון לכל בשר | 24 |
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىرتقا چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرىگە قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى يەۋاتقان قۇرتلار ئۆلمەيدۇ؛ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ؛ ئۇلار بارلىق ئەت ئىگىلىرىگە يىرگىنچلىك بىلىنىدۇ. |