הוי בנים סוררים נאם יהוה לעשות עצה ולא מני ולנסך מסכה ולא רוחי--למען ספות חטאת על חטאת | 1 |
«ئاسىي ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا ۋاي!» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، - «ئۇلار پىلانلارنى تۈزمەكچى، بىراق مەندىن ئالمايدۇ؛ ئۇلار مۇداپىئە توسۇقىنى بەرپا قىلىدۇ، بىراق ئۇ مېنىڭ روھىم ئەمەس؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ قوشۇۋالىدۇ. |
ההלכים לרדת מצרים ופי לא שאלו לעוז במעוז פרעה ולחסות בצל מצרים | 2 |
ئۇلار مەندىن ھېچ سورىمايلا مىسىرغا يول ئالدى؛ پىرەۋننىڭ قانىتى ئاستىدىن پاناھ ئىزدەپ، مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىدۇ يەنە! |
והיה לכם מעוז פרעה לבשת והחסות בצל מצרים לכלמה | 3 |
چۈنكى پىرەۋننىڭ قانىتى بولسا سىلەرنى يەرگە تاشلاپ لەت قىلىدۇ. مىسىرنىڭ سايىسىگە ئىشىنىپ تايىنىش سىلەرگە باش قېتىمچىلىق بولىدۇ. |
כי היו בצען שריו ומלאכיו חנס יגיעו | 4 |
پىرەۋننىڭ ئەمىرلىرى زوئان شەھىرىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى ھانەس شەھىرىگە ھەردائىم كېلىپ تۇرسىمۇ، |
כל הבאיש על עם לא יועילו למו לא לעזר ולא להועיל כי לבשת וגם לחרפה | 5 |
ئاۋام ھەممىسى ئۆزىگە پايدىسى بولمايدىغان، ھېچ ياردىمى ۋە پايدىسى تەگمەيدىغان، بەلكى لەت قىلىپ يەرگە تاشلايدىغان، ھەتتا رەسۋا قىلىدىغان بىر خەلقتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. |
משא בהמות נגב בארץ צרה וצוקה לביא וליש מהם אפעה ושרף מעופף ישאו על כתף עירים חילהם ועל דבשת גמלים אוצרתם על עם לא יועילו | 6 |
نەگەۋدىكى ئۇلاغلار توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي: ــ ئۇلار جاپالىق، دەرد-ئەلەملىك زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ شۇ يەردىن چىشى شىرلار ۋە ئەركەك شىرلار، چار يىلان ۋە ۋەھشىي ئۇچار يىلانمۇ چىقىدۇ؛ ئۇلار بايلىقلىرىنى ئېشەكلەرنىڭ دۈمبىسىگە، گۆھەرلىرىنى تۆگە لوككىلىرىغا يۈكلەپ، ئۆزلىرىگە ھېچ پايدا يەتكۈزمەيدىغان بىر خەلقنىڭ يېنىغا كۆتۈرۈپ بارىدۇ. |
ומצרים הבל וריק יעזרו לכן קראתי לזאת רהב הם שבת | 7 |
مىسىر!؟ ئۇلارنىڭ ياردىمى بىكار ھەم قۇرۇقتۇر! شۇڭا مەن ئۇنى: «ھېچنېمىنى قىلىپ بەرمەيدىغان راھاب» دەپ ئاتىغانمەن. |
עתה בוא כתבה על לוח אתם--ועל ספר חקה ותהי ליום אחרון לעד עד עולם | 8 |
ــ ئەمدى بۇ سۆزنىڭ كەلگۈسى زامانلار ئۈچۈن، گۇۋاھلىق سۈپىتىدە ئەبەدىلئەبەدگە تۇرۇۋېرىشى ئۈچۈن، ھازىر بېرىپ بۇنى ھەم تاش تاختىغا ھەم يۆگىمە كىتابقا يېزىپ قويغىن. |
כי עם מרי הוא בנים כחשים בנים לא אבו שמוע תורת יהוה | 9 |
چۈنكى بۇلار بولسا ئاسىي بىر خەلق، نائەھلى ئوغۇللار، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-تەربىيىسىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئوغۇللاردۇر. |
אשר אמרו לראים לא תראו ולחזים לא תחזו לנו נכחות דברו לנו חלקות חזו מהתלות | 10 |
ئۇلار ئالدىن كۆرگۈچىلەرگە: ــ «ۋەھىينى كۆرمەڭلار!»، ۋە پەيغەمبەرلەرگە: «بىزگە توغرا بېشارەتلەرنى كۆرسەتمەڭلار؛ بىزگە ئادەمنى ئازادە قىلىدىغان، يالغان بېشارەتلەرنى كۆرسىتىڭلار؛ |
סורו מני דרך הטו מני ארח השביתו מפנינו את קדוש ישראל | 11 |
سەنلەر [دۇرۇس] يولدىن چىقىش، [توغرا] تەرىقىدىن ئايرىلىش! ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنى ئالدىمىزدىن يوق قىلىش!» ــ دەيدۇ. |
לכן כה אמר קדוש ישראל יען מאסכם בדבר הזה ותבטחו בעשק ונלוז ותשענו עליו | 12 |
ــ ئەمدى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «چۈنكى سىلەر مۇشۇ خەۋەرنى چەتكە قېقىپ، زۇلۇمنى يۆلەنچۈك قىلىپ، بۇرمىلانغان يولغا تايانغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، |
לכן יהיה לכם העון הזה כפרץ נפל נבעה בחומה נשגבה--אשר פתאם לפתע יבוא שברה | 13 |
شۇڭا مۇشۇ قەبىھلىك سىلەرگە ئېگىز تامنىڭ بىر يېرىقىدەك بولىدۇ، تام پۇلتىيىپ قالغاندا، ئۇ بىراقلا ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ |
ושברה כשבר נבל יוצרים כתות--לא יחמל ולא ימצא במכתתו חרש לחתות אש מיקוד ולחשף מים מגבא | 14 |
خۇددى ساپال چىنە ھېچ ئايىماي چېقىۋېتىلگەندەك ئۇ ئۇنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھەتتا ئوچاقتىن چوغ ئالغۇدەك، باكتىن سۇ ئۇسقۇدەك بىرەر پارچىسىمۇ قالمايدۇ». |
כי כה אמר אדני יהוה קדוש ישראל בשובה ונחת תושעון--בהשקט ובבטחה תהיה גבורתכם ולא אביתם | 15 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: ــ «يېنىمغا توۋا بىلەن قايتىپ كېلىپ ئارام تاپىسىلەر، قۇتقۇزۇلىسىلەر؛ خاتىرجەملىكتە ھەم ئامان-ئېسەنلىكتە كۈچ ئالىسىلەر!»، ــ بىراق سىلەر رەت قىلغانسىلەر. |
ותאמרו לא כי על סוס ננוס על כן תנוסון ועל קל נרכב על כן יקלו רדפיכם | 16 |
سىلەر: ــ «ياق، بىز ئاتلارغا مىنىپ قاچىمىز» ــ دېدىڭلار، شۇڭا سىلەر راست قاچىسىلەر! ۋە «بىز چاپقۇر ئۇلاغلارغا مىنىپ كېتىمىز» ــ دېدىڭلار؛ ــ شۇڭا سىلەرنى قوغلىغۇچىلارمۇ چاپقۇر بولىدۇ. |
אלף אחד מפני גערת אחד--מפני גערת חמשה תנסו עד אם נותרתם כתרן על ראש ההר וכנס על הגבעה | 17 |
مىڭىڭلار بىرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن قاچىسىلەر؛ بەشىنىڭ ۋەھىمىسىدە [ھەممىڭلار] قاچىسىلەر؛ قېچىپ، تاغ ئۈستىدىكى يېگانە بايراق خادىسىدەك، دۆڭ ئۈستىدىكى تۇغدەك قالىسىلەر. |
ולכן יחכה יהוה לחננכם ולכן ירום לרחמכם כי אלהי משפט יהוה אשרי כל חוכי לו | 18 |
ۋە شۇڭا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن دەپ، پەرۋەردىگار كۈتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ سىلەرگە رەھىم قىلىمەن دەپ ئورنىدىن قوزغىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ھۆكۈم-ھەقىقەت چىقارغۇچى خۇدادۇر؛ ئۇنى كۈتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر! |
כי עם בציון ישב בירושלם בכו לא תבכה חנון יחנך לקול זעקך--כשמעתו ענך | 19 |
چۈنكى خالايىق يەنىلا زىئوندا، يەنى يېرۇسالېمدا تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر يەنە ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ كۆتۈرگەن نالەڭدە ئۇ ئۆزىنى ساڭا ئىنتايىن شەپقەتلىك كۆرسىتىدۇ؛ ئۇ نالەڭنى ئاڭلىسىلا، جاۋاب بېرىدۇ. |
ונתן לכם אדני לחם צר ומים לחץ ולא יכנף עוד מוריך והיו עיניך ראות את מוריך | 20 |
رەب سىلەرگە نان ئۈچۈن مۈشكۈللۈكنى، سۇ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتنى بەرسىمۇ، شۇ چاغدا سېنىڭ ئۇستازىڭ يەنە يوشۇرۇنىۋەرمەيدۇ، بەلكى كۆزۈڭ ئۇستازىڭنى كۆرىدۇ؛ |
ואזניך תשמענה דבר מאחריך לאמר זה הדרך לכו בו כי תאמינו וכי תשמאילו | 21 |
سىلەر ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، ياكى سول تەرەپكە بۇرۇلساڭلار، قۇلىقىڭ كەينىڭدىن: ــ «يول مانا مۇشۇ، ئۇنىڭدا مېڭىڭلار!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسەن. |
וטמאתם את צפוי פסילי כספך ואת אפדת מסכת זהבך תזרם כמו דוה צא תאמר לו | 22 |
شۇ چاغدا سىلەر ئويۇلغان مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن كۈمۈش ھەلگە، قۇيما مەبۇدلىرىڭلارغا بېرىلگەن ئالتۇن ھەلگىمۇ داغ تەگكۈزىسىلەر؛ سىلەر ئۇلارنى ئادەت لاتىسىنى تاشلىغاندەك تاشلىۋېتىپ: ــ «نېرى تۇر» ــ دەيسىلەر. |
ונתן מטר זרעך אשר תזרע את האדמה ולחם תבואת האדמה והיה דשן ושמן ירעה מקניך ביום ההוא כר נרחב | 23 |
ئۇ سەن تېرىيدىغان ئۇرۇقۇڭ ئۈچۈن يامغۇر ئەۋەتىدۇ؛ يەردىن چىقىدىغان ئاشلىق-مەھسۇلات ھەم كۈچ-قۇۋۋەتلىك ھەم مول بولىدۇ؛ شۇ كۈنى ماللىرىڭ كەڭ-ئازادە يايلاقلاردا يايلايدۇ؛ |
והאלפים והעירים עבדי האדמה בליל חמיץ יאכלו--אשר זרה ברחת ובמזרה | 24 |
يەر ھەيدىگەن كالا ۋە ئېشەكلەر بولسا، گۈرجەك ۋە ئارا بىلەن سورۇغان، تۇزلانغان ھەلەپ يەيدۇ. |
והיה על כל הר גבה ועל כל גבעה נשאה פלגים יבלי מים--ביום הרג רב בנפל מגדלים | 25 |
چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان كۈنى، يەنى مۇنارلار ئۆرۈلگەن كۈنى، ھەربىر ئۇلۇغ تاغدا ۋە ھەربىر ئېگىز دۆڭدە بولسا، ئەنھارلار ۋە ئېرىقلار بولىدۇ. |
והיה אור הלבנה כאור החמה ואור החמה יהיה שבעתים כאור שבעת הימים--ביום חבש יהוה את שבר עמו ומחץ מכתו ירפא | 26 |
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ. |
הנה שם יהוה בא ממרחק בער אפו וכבד משאה שפתיו מלאו זעם ולשונו כאש אכלת | 27 |
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى يىراقتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ قەھرى يالقۇنلىنىپ، قويۇق ئىس-تۈتەكلىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ لەۋلىرى غەزەپكە تولۇپ، تىلى يۇتۇۋالغۇچى يانغىن ئوتتەك بولىدۇ. |
ורוחו כנחל שוטף עד צואר יחצה להנפה גוים בנפת שוא ורסן מתעה על לחיי עמים | 28 |
ئۇنىڭ نەپەسى خۇددى تېشىپ بويۇنغا يېتىدىغان كەلكۈندەك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەللەرنى بىمەنىلىكنى يوقاتقۇچى غەلۋىر بىلەن تاسقايدۇ، شۇنداقلا خەلق-مىللەتلەرنىڭ ئاغزىغا ئۇلارنى ئازدۇرىدىغان يۈگەن سالىدۇ. |
השיר יהיה לכם כליל התקדש חג ושמחת לבב כהולך בחליל לבוא בהר יהוה אל צור ישראל | 29 |
مۇقەددەس بىر ھېيت ئۆتكۈزۈلگەن كېچىدىكىدەك، كۆڭلۈڭلاردىن ناخشا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئىسرائىلغا ئۇيۇلتاش بولغان پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا نەي ناۋاسى بىلەن چىققان بىرسىنىڭ خۇشاللىقىدەك، كۆڭلۈڭلار خۇشال بولىدۇ. |
והשמיע יהוה את הוד קולו ונחת זרועו יראה בזעף אף ולהב אש אוכלה נפץ וזרם ואבן ברד | 30 |
پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى ياڭرىتىدۇ؛ ئۇ قاينىغان قەھرى، يۇتۇۋالغۇچى يالقۇنلۇق ئوت، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران-شاۋقۇن، مۆلدۈرلەر بىلەن ئۆز بىلىكىنى سوزۇپ كۆرسىتىدۇ. |
כי מקול יהוה יחת אשור בשבט יכה | 31 |
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى بىلەن ئاسۇرىيە يانجىلىدۇ، ــ باشقىلارنى ئۇرۇش تايىقى [بولغان ئاسۇرىيە] يانجىلىدۇ! |
והיה כל מעבר מטה מוסדה אשר יניח יהוה עליו בתפים ובכנרות ובמלחמות תנופה נלחם בה (בם) | 32 |
ۋە پەرۋەردىگار تەييارلىغان كالتەك بىلەن ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا، بۇنىڭغا داپلار ھەم چىلتارلار تەڭكەش قىلىنىدۇ؛ ئۇ قولىنى ئوينىتىپ زەرب قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. |
כי ערוך מאתמול תפתה גם הוא (היא) למלך הוכן העמיק הרחב מדרתה אש ועצים הרבה--נשמת יהוה כנחל גפרית בערה בה | 33 |
چۈنكى توفەت قەدىمدىن تارتىپ تەييار تۇرغانىدى؛ بەرھەق، پادىشاھ ئۈچۈن تەييارلانغان، [پەرۋەردىگار] ئۇنى چوڭقۇر ھەم كەڭ قىلغان؛ ئوتۇنلىرى كۆپ يالقۇنلۇق بىر گۈلخان بار، پەرۋەردىگارنىڭ نەپەسى بولسا گۈڭگۈرت ئېقىمىدەك ئۇنى تۇتاشتۇرىدۇ. |