יהוה אלהי אתה--ארוממך אודה שמך כי עשית פלא עצות מרחק אמונה אמן | 1 |
پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىم؛ مەن سېنى ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلەيمەن، مەن سېنىڭ نامىڭنى مۇبارەكلەيمەن، چۈنكى سەن كارامەت ئىشلارنى، سادىقلىق ۋە ھەقىقەت ئىچىدە قەدىمدىن بۇيان قەلبىڭگە پۈككەنلىرىڭنى بەجا كەلتۈرگەنسەن. |
כי שמת מעיר לגל קריה בצורה למפלה ארמון זרים מעיר לעולם לא יבנה | 2 |
چۈنكى سەن شەھەرنى خارابىلىك، قەلئە-قورغانلىق يۇرتنى خاراب، ياتلارنىڭ ئوردىسىنى شەھەر بولالماس قىلغانسەن، ئۇ ئىككىنچى ھەرگىز قۇرۇلمايدۇ. |
על כן יכבדוך עם עז קרית גוים עריצים ייראוך | 3 |
شۇڭا ھېلىقى كۈچلۈك خەلق سېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئەشەددىي ئەللەرنىڭ ھېلىقى شەھىرى سەندىن قورقىدۇ؛ |
כי היית מעוז לדל מעוז לאביון בצר לו מחסה מזרם צל מחרב כי רוח עריצים כזרם קיר | 4 |
چۈنكى سەن مىسكىنلەرگە قورغان، يوقسۇللارنىڭ دەردى-ھاجىتىگە قورغان، بورانغا دالدا، ئىسسىققا سايە بولغانسەن؛ چۈنكى ئەشەددىيلەرنىڭ زەربە دولقۇنى تامغا ئۇرۇلغان بوراندەك، قاغجىراق يەرنى باسقان ئىسسىق ھاۋادەك بولدى. بىراق ئىسسىق ھاۋا بۇلۇت سايىسى بىلەن توسۇلغاندەك، سەن ياتلارنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى پەسەيتىسەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ غەلىبە ناخشىسى پەس قىلىنىدۇ. |
כחרב בציון שאון זרים תכניע חרב בצל עב זמיר עריצים יענה | 5 |
ועשה יהוה צבאות לכל העמים בהר הזה משתה שמנים משתה שמרים שמנים ממחים שמרים מזקקים | 6 |
ۋە مۇشۇ تاغدا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بارلىق قوۋملار ئۈچۈن زىياپەت قىلىدۇ ــ مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن كونا شارابلار، يىلىكى توق مايلىق يېمەكلىكلەر، سۈزدۈرۈلگەن، ياخشى ساقلانغان كونا شارابلاردىن بولغان زىياپەت بولىدۇ؛ |
ובלע בהר הזה פני הלוט הלוט על כל העמים והמסכה הנסוכה על כל הגוים | 7 |
ۋە ئۇ مۇشۇ تاغدا ھەممە قوۋملارنى ياپىدىغان چۈمپەردىنى، بارلىق ئەللەرنى ياپىدىغان ياپقۇچنى يوقىتىدۇ؛ |
בלע המות לנצח ומחה אדני יהוה דמעה מעל כל פנים וחרפת עמו יסיר מעל כל הארץ--כי יהוה דבר | 8 |
ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇپ يوقىتىدۇ! رەب پەرۋەردىگار ھەربىر يۈزدىكى ياشلارنى سۈرتىۋېتىدۇ؛ پۈتكۈل يەر-زېمىن ئالدىدا ئۆز خەلقىنىڭ شەرمەندىلىكىنى ئېلىپ تاشلايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتقان. |
ואמר ביום ההוא הנה אלהינו זה קוינו לו ויושיענו זה יהוה קוינו לו נגילה ונשמחה בישועתו | 9 |
ۋە شۇ كۈنىدە دېيىلىدۇكى: ــ «مانا، خۇدايىمىز مۇشۇ، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ؛ مانا، مۇشۇ پەرۋەردىگاردۇر، بىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ كەلگەن، بىز شادلىنىپ ئۇنىڭ نىجات-قۇتۇلدۇرۇشىدىن خۇرسەن بولىمىز. |
כי תנוח יד יהוה בהר הזה--ונדוש מואב תחתיו כהדוש מתבן במי (במו) מדמנה | 10 |
چۈنكى مۇشۇ تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ قولى قونۇپ تۇرىدۇ؛ ۋە سامان ئازگالدا تېزەك بىلەن چەيلەنگەندەك، موئاب ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا چەيلىنىدۇ؛ |
ופרש ידיו בקרבו כאשר יפרש השחה לשחות והשפיל גאותו עם ארבות ידיו | 11 |
[موئاب] ئاشۇ [تېزەكلىك] ئازگالدىن ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن قولىنى كېرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قولى چېۋەر بولغىنى بىلەن، [رەب] ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى پەس قىلىدۇ. |
ומבצר משגב חומתיך השח השפיל הגיע לארץ--עד עפר | 12 |
ئۇ سېپىللىرىڭنىڭ ئېگىز مۇداپىئەلىك قورغانلىرىنى غۇلىتىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، توپا-چاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. |