< ישעה 20 >

בשנת בא תרתן אשדודה בשלח אתו סרגון מלך אשור וילחם באשדוד וילכדה 1
ئاسۇرىيەنىڭ [سەردارى بولغان] «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون ئۇنى ئەۋەتكەن (ئۇ ئاشدودقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى): ــ
בעת ההיא דבר יהוה ביד ישעיהו בן אמוץ לאמר לך ופתחת השק מעל מתניך ונעלך תחלץ מעל רגלך ויעש כן הלך ערום ויחף 2
ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ «چاترىقىڭدىن بۆز ئىچ تامبىلىڭنى سېلىۋەت، پۇتۇڭدىكى كەشىڭنى سېلىۋەت» ــ دېگەنىدى؛ ئۇ شۇنداق قىلدى؛ يالىڭاچ ۋە يالاڭ ئاياغ مېڭىپ يۈردى.
ויאמר יהוה כאשר הלך עבדי ישעיהו ערום ויחף--שלש שנים אות ומופת על מצרים ועל כוש 3
ۋە پەرۋەردىگار ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قۇلۇم يەشايا مىسىر ۋە ئېفىئوپىيە توغرۇلۇق خەۋەر بېرىدىغان بېشارەت ھەم كارامەت سۈپىتىدە بولۇش ئۈچۈن يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ ئۈچ يىل مېڭىپ يۈرگەندەك،
כן ינהג מלך אשור את שבי מצרים ואת גלות כוש נערים וזקנים--ערום ויחף וחשופי שת ערות מצרים 4
ئوخشاشلا مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن، يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ، كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن مىسىرنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرۇپ، يالاپ ئېپكېتىلىدۇ.
וחתו ובשו--מכוש מבטם ומן מצרים תפארתם 5
ئۇلار بولسا قورقۇشۇپ، ئۆز تايانچىسى بولغان ئېفىئوپىيەدىن ۋە پەخرى بولغان مىسىردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.
ואמר ישב האי הזה ביום ההוא הנה כה מבטנו אשר נסנו שם לעזרה להנצל מפני מלך אשור ואיך נמלט אנחנו 6
شۇنىڭ بىلەن بۇ دېڭىز بويىدىكىلەر: ــ «مانا بۇ ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ ۋەسۋەسىدىن قورقۇپ باشپاناھلىق ئىزدەپ بارغان تايانچىمىزغۇ، بىزلەر ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز؟» ــ دېيىشىدۇ»».

< ישעה 20 >