ויצא חטר מגזע ישי ונצר משרשיו יפרה | 1 |
ۋە بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. |
ונחה עליו רוח יהוה--רוח חכמה ובינה רוח עצה וגבורה רוח דעת ויראת יהוה | 2 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ روھى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛ |
והריחו ביראת יהוה ולא למראה עיניו ישפוט ולא למשמע אזניו יוכיח | 3 |
ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ. |
ושפט בצדק דלים והוכיח במישור לענוי ארץ והכה ארץ בשבט פיו וברוח שפתיו ימית רשע | 4 |
ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەر يۈزىدىكى مىسكىن-مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. |
והיה צדק אזור מתניו והאמונה אזור חלציו | 5 |
ئۇنىڭ بەلۋېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى بولسا سادىقلىق بولىدۇ. |
וגר זאב עם כבש ונמר עם גדי ירבץ ועגל וכפיר ומריא יחדו ונער קטן נהג בם | 6 |
بۆرە بولسا قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ، يىلپىز ئوغلاق بىلەن بىللە، موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ. |
ופרה ודב תרעינה יחדו ירבצו ילדיהן ואריה כבקר יאכל תבן | 7 |
كالا ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ. |
ושעשע יונק על חר פתן ועל מאורת צפעוני גמול ידו הדה | 8 |
ئەممەيدىغان بالا كوبرا يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئوۋىسىغا تىقىدۇ؛ |
לא ירעו ולא ישחיתו בכל הר קדשי כי מלאה הארץ דעה את יהוה כמים לים מכסים | 9 |
مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ. |
והיה ביום ההוא שרש ישי אשר עמד לנס עמים אליו גוים ידרשו והיתה מנחתו כבוד | 10 |
شۇ كۈنىدە «يەسسەنىڭ يىلتىزى» ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەر ئۈچۈن تۇغ سۈپىتىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ يىغىلىدۇ؛ ۋە ئۇ ئارامگاھقا تاللىغان جاي شان-شەرەپكە تولىدۇ. |
והיה ביום ההוא יוסיף אדני שנית ידו לקנות את שאר עמו--אשר ישאר מאשור וממצרים ומפתרוס ומכוש ומעילם ומשנער ומחמת ומאיי הים | 11 |
شۇ كۈنى رەب ئىككىنچى قېتىم ئۆز خەلقىنىڭ ساقلانغان قالدىسىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ئاسۇرىيە، مىسىر، پاتروس، كۇش، ئېلام، شىنار، خامات ۋە دېڭىزدىكى يىراق ئاراللاردىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز قولىنى يەنە ئۇزارتىدۇ. |
ונשא נס לגוים ואסף נדחי ישראל ונפצות יהודה יקבץ מארבע כנפות הארץ | 12 |
ئۇ ئەللەرنى چاقىرىش ئۈچۈن بىر تۇغ كۆتۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن ئىسرائىلنىڭ غېرىبلىرىنى جەم قىلىپ، يەھۇدادىن تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يىغىدۇ. |
וסרה קנאת אפרים וצררי יהודה יכרתו אפרים לא יקנא את יהודה ויהודה לא יצר את אפרים | 13 |
شۇنىڭ بىلەن ئەفرائىمغا بولغان ھەسەتخورلۇق يوقايدۇ، يەھۇدانى خارلىغانلارمۇ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ ئەفرائىم يەھۇداغا ھەسەت قىلمايدۇ، يەھۇدا بولسا ئەفرائىمنى خورلىمايدۇ. |
ועפו בכתף פלשתים ימה יחדו יבזו את בני קדם אדום ומואב משלוח ידם ובני עמון משמעתם | 14 |
بىراق ئۇلار غەرب تەرەپتە فىلىستىيلەرنىڭ مۈرىسىگە ئۇچۇپ چۈشىدۇ؛ ئۇلار بىرلىكتە شەرقتىكى خەلقلەردىن ئولجا ئالىدۇ؛ ئۇلار ئېدوم ۋە موئاب ئۈستىگە قوللىرىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئاممونىيلارمۇ ئۇلارغا بېقىنىدۇ. |
והחרים יהוה את לשון ים מצרים והניף ידו על הנהר בעים רוחו והכהו לשבעה נחלים והדריך בנעלים | 15 |
پەرۋەردىگار مىسىردىكى دېڭىزنىڭ «تىلى»نى يوق قىلىدۇ؛ ئۇ كۈچلۈك پىژغىرىن شامال بىلەن [ئەفرات] دەرياسىنىڭ ئۈستىگە قولىنى بېغىرلىتىپ ئۇچۇرىدۇ، ئۇنى ئادەم ئايىغى قۇرۇق ھالدا مېڭىپ ئۆتكۈدەك يەتتە ئېرىق قىلىپ ئۇرىدۇ؛ |
והיתה מסלה--לשאר עמו אשר ישאר מאשור כאשר היתה לישראל ביום עלתו מארץ מצרים | 16 |
شۇنىڭ بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ قالدىسى ئۈچۈن، مىسىردىن چىققان كۈنىدە ئىسرائىل ئۈچۈن تەييارلىغان يولغا ئوخشاش، ئاسۇرىيەدە قالغانلار ئۈچۈن ئاشۇ يەردىن كېلىدىغان بىر كۆتۈرۈلگەن ئېگىز يول بولىدۇ. |