שמעו דבר יהוה בני ישראל כי ריב ליהוה עם יושבי הארץ--כי אין אמת ואין חסד ואין דעת אלהים בארץ | 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئىسرائىل بالىلىرى؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار بىلەن قىلىدىغان دەۋاسى بار؛ چۈنكى زېمىندا ھېچ ھەقىقەت، ھېچ مېھرىبانلىق، خۇدانى ھېچ بىلىش-تونۇش يوقتۇر؛ |
אלה וכחש ורצח וגנב ונאף פרצו ודמים בדמים נגעו | 2 |
قارغاش-تىللاش، يالغانچىلىق، قاتىللىق، ئوغرىلىق، زىناخورلۇق ــ بۇلار زېمىندا يامراپ كەتتى؛ قان ئۈستىگە قان تۆكۈلىدۇ. |
על כן תאבל הארץ ואמלל כל יושב בה בחית השדה ובעוף השמים וגם דגי הים יאספו | 3 |
مانا شۇ سەۋەبتىن زېمىن ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى جۈدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار دالادىكى ھايۋانلار ھەم ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار بىلەن بىللە جۈدەپ كېتىدۇ؛ بەرھەق، دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەپ كېتىلىدۇ. |
אך איש אל ירב ואל יוכח איש ועמך כמריבי כהן | 4 |
ئەمدى ھېچكىم دەۋا قىلىشمىسۇن، ھېچكىم ئەيىبلەشمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ دەۋايىم دەل سەن بىلەن، ئى كاھىن! |
וכשלת היום וכשל גם נביא עמך לילה ודמיתי אמך | 5 |
سەن كۈندۈزدە پۇتلىشىپ يىقىلىسەن؛ پەيغەمبەرمۇ سەن بىلەن كېچىدە تەڭ پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ؛ ۋە مەن ئاناڭنى ھالاك قىلىمەن. |
נדמו עמי מבלי הדעת כי אתה הדעת מאסת ואמאסאך (ואמאסך) מכהן לי ותשכח תורת אלהיך אשכח בניך גם אני | 6 |
مېنىڭ خەلقىم بىلىمسىزلىكتىن ھالاك قىلىندى؛ ۋە سەنمۇ بىلىمنى چەتكە قاققانىكەنسەن، مەنمۇ سېنى چەتكە قاقىمەنكى، سەن ماڭا يەنە ھېچ كاھىن بولمايسەن؛ خۇدايىڭنىڭ قانۇن-كۆرسەتمىسىنى ئۇنتۇغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، مەنمۇ سېنىڭ بالىلىرىڭنى ئۇنتۇيمەن. |
כרבם כן חטאו לי כבודם בקלון אמיר | 7 |
ئۇلار كۆپەيگەنسېرى، ماڭا قارشى كۆپ گۇناھ سادىر قىلدى؛ مەن ئۇلارنىڭ شان-شەرىپىنى شەرمەندىچىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. |
חטאת עמי יאכלו ואל עונם ישאו נפשו | 8 |
ئۇلار خەلقىمنىڭ گۇناھىنى يەيدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جېنى [خەلقىمنىڭ] قەبىھلىكىگە ئىنتىزار بولىدۇ. |
והיה כעם ככהן ופקדתי עליו דרכיו ומעלליו אשיב לו | 9 |
ۋە خەلقىم قانداق بولسا، كاھىنلارمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ مەن [كاھىنلارنىڭ] تۇتقان يوللىرىنى ئۆز ئۈستىگە چۈشۈرىمەن، ئۆز قىلمىشلىرىنى بېشىغا قايتۇرىمەن. |
ואכלו ולא ישבעו הזנו ולא יפרצו כי את יהוה עזבו לשמר | 10 |
ئۇلار يەيدۇ، بىراق تويمايدۇ، ئۇلار پاھىشىلىك قىلىدۇ، بىراق ھېچ كۆپەيمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنى تىڭشاشنى تاشلاپ كەتتى، |
זנות ויין ותירוש יקח לב | 11 |
ئۆزلىرىنى پاھىشىلىك، شاراب ۋە يېڭى شارابقا بېغىشلىدى؛ بۇ ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقىل-زېھنىنى بۇلاپ كېتىدۇ. |
עמי בעצו ישאל ומקלו יגיד לו כי רוח זנונים התעה ויזנו מתחת אלהיהם | 12 |
خەلقىم ئۆز تايىقىدىن يوليورۇق سورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھاسىسى ئۇلارغا يول كۆرسىتەرمىش! چۈنكى پاھىشىلىكنىڭ روھى ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار خۇداسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىن پاھىشىلىككە چىقىپ، |
על ראשי ההרים יזבחו ועל הגבעות יקטרו תחת אלון ולבנה ואלה כי טוב צלה על כן תזנינה בנותיכם וכלותיכם תנאפנה | 13 |
تاغ چوققىلىرىدا قۇربانلىق قىلىدۇ، دۆڭ-ئېگىزلىكلەردە، شۇنداقلا سايىسى ياخشى بولغاچقا دۇب ۋە تېرەك ۋە قارىياغاچلار ئاستىدىمۇ ئىسرىق سالىدۇ؛ شۇڭا قىزلىرىڭلار پاھىشىلىك، كېلىنلىرىڭلارمۇ زىناخورلۇق قىلىدۇ. |
לא אפקוד על בנותיכם כי תזנינה ועל כלותיכם כי תנאפנה--כי הם עם הזנות יפרדו ועם הקדשות יזבחו ועם לא יבין ילבט | 14 |
مەن قىزلىرىڭلارنى پاھىشىلىكلىرى ئۈچۈن، ياكى كېلىنلىرىڭلارنى زىناخورلۇقلىرى ئۈچۈن جازالىمايمەن؛ چۈنكى [ئاتىلىرى] ئۆزلىرىمۇ پاھىشىلەر بىلەن سىرتقا چىقىدۇ، «بۇتخانا پاھىشە»لىرى بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يورۇتۇلمىغان بىر خەلق يىقىتىلىدۇ. |
אם זנה אתה ישראל אל יאשם יהודה ואל תבאו הגלגל ואל תעלו בית און ואל תשבעו חי יהוה | 15 |
سەن، ئى ئىسرائىل، پاھىشىلىك قىلىشىڭ بىلەن، يەھۇدا گۇناھقا چېتىلىپ قالمىسۇن! نە گىلگالغا كەلمەڭلار، نە «بەيت-ئاۋەن»گە چىقماڭلار، نە «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم قىلماڭلار. |
כי כפרה סררה סרר ישראל עתה ירעם יהוה ככבש במרחב | 16 |
چۈنكى تەرسا بىر قىسىر ئىنەكتەك، ئىسرائىل تەرسالىق قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار قانداقمۇ پاخلاننى باققاندەك، ئۇلارنى كەڭ بىر يايلاقتا ئوزۇقلاندۇرسۇن؟ |
חבור עצבים אפרים הנח לו | 17 |
ئەفرائىم بۇتلارغا چاپلاشتى؛ ئۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىسۇن! |
סר סבאם הזנה הזנו אהבו הבו קלון מגניה | 18 |
ئۇلارنىڭ شارابى تۈگىشى بىلەنلا، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاھىشىلىككە بېغىشلايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئېسىلزادىلىرى نومۇسسىزلىققا ئەسەبىيلەرچە مەپتۇن بولدى. |
צרר רוח אותה בכנפיה ויבשו מזבחותם | 19 |
بىر شامال-روھ ئۇلارنى قاناتلىرى ئىچىگە ئورىۋالدى، ئۇلار قۇربانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ. |