אפרים רעה רוח ורדף קדים--כל היום כזב ושד ירבה וברית עם אשור יכרתו ושמן למצרים יובל | 1 |
ئەفرائىم مېنى يالغان گەپلىرى بىلەن كۆمۈۋېتىدۇ؛ يەھۇدامۇ تەڭرىگە، يەنى ئىشەنچلىك، پاك-مۇقەددەس بولغۇچىغا تۇتۇرۇقسىز بولدى. ئەفرائىمنىڭ يېگىنى شامالدۇر، ئۇ شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇ كۈنلەپ يالغانچىلىق، زۇلۇم-زورلۇقنى كۆپەيتمەكتە؛ ئۇلار ئاسۇرىيە بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭدەك مىسىرغا ماي «سوغىلىرى» كۆتۈرۈپ ئاپىرىلىدۇ. |
וריב ליהוה עם יהודה ולפקד על יעקב כדרכיו כמעלליו ישיב לו | 2 |
پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدا بىلەنمۇ بىر دەۋاسى بار؛ ئۇ ياقۇپنى يوللىرى بويىچە جازالايدۇ؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە قايتۇرىدۇ. |
בבטן עקב את אחיו ובאונו שרה את אלהים | 3 |
ئۇ بالىياتقۇدا تۇرۇپ ئاكىسىنى تاپىنىدىن تۇتۇۋالغان، ئۆز كۈچى بىلەن خۇدا بىلەن ئېلىشقان؛ |
וישר אל מלאך ויכל בכה ויתחנן לו בית אל ימצאנו ושם ידבר עמנו | 4 |
ئۇ بەرھەق پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، غەلىبە قىلدى؛ ئۇ يىغلىدى، ئۇنىڭغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ [خۇدا] ئۇنى بەيت-ئەلدە تېپىۋالدى، ۋە شۇ يەردە بىزگە سۆز قىلدى؛ |
ויהוה אלהי הצבאות--יהוה זכרו | 5 |
ــ يەنى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ــ «پەرۋەردىگار» بولسا ئۇنىڭ خاتىرە نامىدۇر! |
ואתה באלהיך תשוב חסד ומשפט שמר וקוה אל אלהיך תמיד | 6 |
شۇڭا سەن، خۇدايىڭ ئارقىلىق، ئۇنىڭ يېنىغا قايت؛ مېھرىبانلىق ۋە ئادالەتنى قولۇڭدىن بەرمە، خۇدايىڭغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنى ئىزچىل كۈتكىن. |
כנען בידו מאזני מרמה--לעשק אהב | 7 |
مانا بۇ سودىگەر! ئۇنىڭ قولىدا ئالدامچىلىق تارازىسى بار؛ ئۇ بوزەك قىلىشقا ئامراقتۇر. |
ויאמר אפרים--אך עשרתי מצאתי און לי כל יגיעי לא ימצאו לי עון אשר חטא | 8 |
ئەفرائىم: «مەن دەرۋەقە بېيىدىم، ئۆزۈمگە كۆپ بايلىقلارنى توپلىدىم؛ بىراق ئۇلار بارلىق ئەجىرلىرىمدە مەندىن ھېچ گۇناھىي قەبىھلىكنى تاپالمايدۇ!» ــ دەيدۇ. |
ואנכי יהוה אלהיך מארץ מצרים עד אושיבך באהלים כימי מועד | 9 |
بىراق مىسىر زېمىنىدىن تارتىپ مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭ بولغانمەن، مەن سېنى يەنە «[كەپىلەر] ھېيتى»دىكىدەك چېدىرلاردا تۇرغۇزىمەن! |
ודברתי על הנביאים ואנכי חזון הרביתי וביד הנביאים אדמה | 10 |
«مەن پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلغانمەن، ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆپەيتكەنمەن، شۇنداقلا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق تەمسىللەرنى كۆرسەتكەنمەن. |
אם גלעד און אך שוא היו בגלגל שורים זבחו גם מזבחותם כגלים על תלמי שדי | 11 |
گىلېئاد قەبىھمۇ؟ ئۇلار بەرھەق پەقەت يارىماسلاردۇر! ئۇلار گىلگالدا تورپاقلارنى قۇربانلىق قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قۇربانگاھلىرى دەرۋەقە ئېتىز قىرلىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىدەك كۆپتۇر! |
ויברח יעקב שדה ארם ויעבד ישראל באשה ובאשה שמר | 12 |
(ياقۇپ سۇرىيەگە قېچىپ كەتتى، شۇ يەردە ئىسرائىل خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن؛ بەرھەق، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۇ قويلارنى باققانىدى). |
ובנביא העלה יהוה את ישראל ממצרים ובנביא נשמר | 13 |
پەرۋەردىگار يەنە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان، پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇنىڭدىن خەۋەرمۇ ئالغان. |
הכעיס אפרים תמרורים ודמיו עליו יטוש וחרפתו ישיב לו אדניו | 14 |
ئەفرائىم [خۇدانىڭ] قەھرىنى ئىنتايىن قاتتىق قوزغىغان؛ ئۇنىڭ رەببى ئۇ تۆككەن قان قەرزنى ئۇنىڭ گەدىنىگە ئارتىدۇ، شەرمەندىلىك-ئاھانەتىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. |