< חבקוק 2 >

על משמרתי אעמדה ואתיצבה על מצור ואצפה לראות מה ידבר בי ומה אשיב על תוכחתי 1
«ئەمدى مەن ئۆز كۆزىتىمدە تۇرىۋېرىمەن، ئۆزۈمنى مۇنار ئۈستىدە دەس تىكلەيمەن، ئۇنىڭ ماڭا نېمە دەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزۈم بۇ داد-پەريادىم توغرۇلۇق قانداق تېگىشلىك جاۋاب تېپىشىم كېرەكلىكىنى بىلىشنى كۈتۈپ تۇرىمەن».
ויענני יהוה ויאמר כתב חזון ובאר על הלחות--למען ירוץ קורא בו 2
ھەم پەرۋەردىگار جاۋابەن ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئوقۇغانلار يۈگۈرسۇن ئۈچۈن، بۇ كۆرۈنگەن ئالامەتنى يېزىۋال؛ ئۇنى تاختايلار ئۈستىگە ئېنىق ئويۇپ چىق؛
כי עוד חזון למועד ויפח לקץ ולא יכזב אם יתמהמה חכה לו--כי בא יבא לא יאחר 3
چۈنكى بۇ كۆرۈنگەن ئالامەت كەلگۈسىدىكى بېكىتىلگەن بىر ۋاقىت ئۈچۈن، ئۇ ئادەملەرگە ئاخىرەتنى تەلپۈندۈرىدۇ، ئۇ يالغان گەپ قىلمايدۇ؛ ئۇزۇنغىچە كەلمەي قالسىمۇ، ئۇنى كۈتكىن؛ چۈنكى ئۇ جەزمەن يېتىپ كېلىدۇ، ھېچ كېچىكمەيدۇ.
הנה עפלה לא ישרה נפשו בו וצדיק באמונתו יחיה 4
قارا، تەكەببۇرلىشىپ كەتكۈچىنى! ئۇنىڭ قەلبى ئۆز ئىچىدە تۈز ئەمەس؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ئۆز ئېتىقاد-سادىقلىقى بىلەن ھايات ياشايدۇ.
ואף כי היין בגד גבר יהיר ולא ינוה אשר הרחיב כשאול נפשו והוא כמות ולא ישבע ויאסף אליו כל הגוים ויקבץ אליו כל העמים (Sheol h7585) 5
بەرھەق، شاراب ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ ــ ئۇ تەكەببۇر ئادەم، ئۆيدە تىنىم تاپمايدۇ، ھەۋىسىنى تەھتىسارادەك يوغان قىلىدۇ؛ ئۇ ئۆلۈمدەك ھېچقاچان قانمايدۇ؛ ئۆزىگە بارلىق ئەللەرنى يىغىدۇ، ھەممە خەلقنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. (Sheol h7585)
הלוא אלה כלם עליו משל ישאו ומליצה חידות לו ויאמר הוי המרבה לא לו--עד מתי ומכביד עליו עבטיט 6
بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن ئۇ توغرۇلۇق تەمسىلنى سۆزلەپ، كىنايىلىك بىر تېپىشماقنى تىلغا ئالىدۇ: ــ «ئۆزىنىڭ ئەمەسنى مېنىڭ دەپ قوشۇۋالغۇچىغا ۋاي! ([بۇنداق ئىشلار] قاچانغىچە بولىدۇ؟!) گۆرۈگە قويغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزىنى چىڭدىغۇچىغا ۋاي!»
הלוא פתע יקומו נשכיך ויקצו מזעזעיך והיית למשסות למו 7
سەندىن جازانە-قەرز ئالغۇچىلار بىراقلا قوزغالمامدۇ؟ سېنى تىترەتكۈچىلەر بىراقلا ئويغانمامدۇ؟ ئاندىن سەن ئۇلارغا ئولجا بولمامسەن؟
כי אתה שלות גוים רבים ישלוך כל יתר עמים מדמי אדם וחמס ארץ קריה וכל ישבי בה 8
سەن نۇرغۇن ئەللەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ھەم كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ساقلىنىپ قالغان ئەللەر سېنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ؛
הוי בצע בצע רע--לביתו לשום במרום קנו להנצל מכף רע 9
ھالاكەت چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇۋامنى يۇقىرىغا سالاي دەپ، نەپسى يوغىناپ ئۆز جەمەتىگە ھارام مەنپەئەت يىغقۇچىغا ۋاي!
יעצת בשת לביתך קצות עמים רבים וחוטא נפשך 10
نۇرغۇن خەلقلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئۆز جەمەتىڭگە ئاھانەت كەلتۈردۈڭ، ئۆز جېنىڭغا قارشى گۇناھ سادىر قىلدىڭ.
כי אבן מקיר תזעק וכפיס מעץ יעננה 11
چۈنكى تامدىن تاش نىدا قىلىدۇ، ياغاچلاردىن لىم جاۋاب بېرىدۇ: ــ
הוי בנה עיר בדמים וכונן קריה בעולה 12
يۇرتنى قان بىلەن، شەھەرنى قەبىھلىك بىلەن قۇرغۇچىغا ۋاي!»
הלוא הנה מאת יהוה צבאות וייגעו עמים בדי אש ולאמים בדי ריק יעפו 13
مانا، خەلقلەرنىڭ جان تىكىپ تاپقان مېھنىتىنىڭ پەقەت ئوتقا يېقىلغۇ قىلىنغانلىقى، ئەل-يۇرتلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ھالسىراتقانلىقى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگاردىن ئەمەسمۇ؟
כי תמלא הארץ לדעת את כבוד יהוה כמים יכסו על ים 14
چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىپ-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.
הוי משקה רעהו מספח חמתך ואף שכר--למען הביט על מעוריהם 15
ئۆز يېقىنىڭغا ھاراقنى ئىچكۈزگۈچىگە ــ ــ ئۇنىڭ ئۇيات يېرىگە قارىشىڭ ئۈچۈن، تۇلۇمۇڭدىن قۇيۇپ، ئۇنى مەست قىلغۇچى ساڭا ۋاي!
שבעת קלון מכבוד שתה גם אתה והערל תסוב עליך כוס ימין יהוה וקיקלון על כבודך 16
شان-شەرەپنىڭ ئورنىدا شەرمەندىچىلىككە تولىسەن؛ ئۆزۈڭمۇ ئىچ، خەتنىلىكىڭ ئايان بولسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى قەدەھ سەن تەرەپكە بۇرۇلىدۇ، شان-شەرىپىڭنىڭ ئۈستىنى رەسۋايىپەسلىك باسىدۇ.
כי חמס לבנון יכסך ושד בהמות יחיתן מדמי אדם וחמס ארץ קריה וכל ישבי בה 17
لىۋانغا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق، شۇنداقلا ھايۋانلارنى قورقىتىپ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ۋەيرانچىلىقمۇ، كىشىلەرنىڭ قانلىرى، زېمىن، شەھەر ھەم ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممەيلەنگە قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن، بۇلار سېنىڭ مىجىقىڭنى چىقىرىدۇ.
מה הועיל פסל כי פסלו יצרו--מסכה ומורה שקר כי בטח יצר יצרו עליו לעשות אלילים אלמים 18
ئويما مەبۇدنىڭ نېمە پايدىسى، ئۇنى ئۇنىڭ ياسىغۇچىسى ئويۇپ چىققان تۇرسا؟ قۇيما مەبۇدنىڭمۇ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىنىڭ نېمە پايدىسى ــ ــ چۈنكى ئۇنى ياسىغۇچى ئۆز ياسىغىنىغا تايىنىدۇ، دېمەك، زۇۋانسىز «يوق بولغان نەرسىلەر»نى ياسايدۇ؟
הוי אמר לעץ הקיצה עורי לאבן דומם הוא יורה--הנה הוא תפוש זהב וכסף וכל רוח אין בקרבו 19
ياغاچقا «ئويغان!» دېگەن ئادەمگە، زۇۋانسىز تاشقا «تۇرە!» دېگەنگە ۋاي! ئۇ ۋەز ئېيتامدۇ؟ مانا، ئۇ ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەندى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېچ نەپەس يوقتۇر.
ויהוה בהיכל קדשו הס מפניו כל הארץ 20
بىراق پەرۋەردىگار ئۆز مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر! پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن!

< חבקוק 2 >