ויברך אלהים את נח ואת בניו ויאמר להם פרו ורבו ומלאו את הארץ | 1 |
خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىنى تولدۇرۇڭلار. |
ומוראכם וחתכם יהיה על כל חית הארץ ועל כל עוף השמים בכל אשר תרמש האדמה ובכל דגי הים בידכם נתנו | 2 |
يەر يۈزىدىكى بارلىق جانىۋارلار، ئاسماندىكى بارلىق قۇشلار، بارلىق يەر يۈزىدە مىدىرلاپ يۈرگۈچىلەر ۋە دېڭىزدىكى بارلىق بېلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە بولسۇن؛ بۇلار قولۇڭلارغا تاپشۇرۇلغاندۇر. |
כל רמש אשר הוא חי לכם יהיה לאכלה כירק עשב נתתי לכם את כל | 3 |
مىدىرلاپ يۈرىدىغان ھەرقانداق جانىۋارلار سىلەرگە ئوزۇق بولىدۇ؛ مەن سىلەرگە كۆك ئوتياشلارنى بەرگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەمدى سىلەرگە بەردىم. |
אך בשר בנפשו דמו לא תאכלו | 4 |
لېكىن سىلەر گۆشنى ئىچىدىكى جېنى، يەنى قېنى بىلەن قوشۇپ يېمەسلىكىڭلار كېرەك. |
ואך את דמכם לנפשתיכם אדרש מיד כל חיה אדרשנו ומיד האדם מיד איש אחיו--אדרש את נפש האדם | 5 |
قېنىڭلار، يەنى جېنىڭلاردىكى قان تۆكۈلسە، مەن بەرھەق ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىمەن؛ ھەرقانداق ھايۋاننىڭ ئىلكىدە قېنىڭلار بار بولسا مەن ئۇنىڭغا تۆلەتكۈزىمەن؛ ئىنساننىڭ قولىدا بار بولسا، يەنى بىرسىنىڭ قولىدا ئۆز قېرىندىشىنىڭ قېنى بار بولسا، مەن ئۇنىڭغا شۇ قاننى تۆلەتكۈزىمەن. |
שפך דם האדם באדם דמו ישפך כי בצלם אלהים עשה את האדם | 6 |
كىمكى ئىنساننىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ ئىنسان تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئىنساننى ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدا ياراتقاندۇر. |
ואתם פרו ורבו שרצו בארץ ורבו בה | 7 |
ئەمدى سىلەر، جۈپلىشىپ كۆپىيىپ، يەر يۈزىدە تارىلىپ-تارقىلىپ كۆپىيىڭلار». |
ויאמר אלהים אל נח ואל בניו אתו לאמר | 8 |
ئاندىن خۇدا نۇھ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە سىلەردىن كېيىن كېلىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان ھەربىر جان ئىگىسى، ئۇچارقاناتلار، مال-چارۋىلار، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغان يەر يۈزىدىكى ھەربىر ياۋايى ھايۋانلار، كېمىدىن چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ــ يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ھايۋاننى قالدۇرماي، ئۇلار بىلەن ئۆز ئەھدەمنى تۈزىمەن |
ואני הנני מקים את בריתי אתכם ואת זרעכם אחריכם | 9 |
ואת כל נפש החיה אשר אתכם בעוף בבהמה ובכל חית הארץ אתכם מכל יצאי התבה לכל חית הארץ | 10 |
והקמתי את בריתי אתכם ולא יכרת כל בשר עוד ממי המבול ולא יהיה עוד מבול לשחת הארץ | 11 |
مەن سىلەر بىلەن شۇنداق ئەھدە تۈزىمەنكى، نە بارلىق ئەت ئىگىلىرى توپان بىلەن يوقىتىلماس، نە يەرنى ۋەيران قىلىدىغان ھېچبىر توپان يەنە كەلمەس». |
ויאמר אלהים זאת אות הברית אשר אני נתן ביני וביניכם ובין כל נפש חיה אשר אתכם--לדרת עולם | 12 |
خۇدا يەنە: ــ «مەن ئۆزۈم سىلەر بىلەن ۋە قېشىڭلاردىكى ھەممە جان ئىگىلىرى بىلەن مەڭگۈلۈك، يەنى پۈتكۈل ئەۋلادلىرىڭلارغىچە بېكىتكەن مۇشۇ ئەھدەمنىڭ بەلگىسى شۇكى: ــ مانا، مەن ئۆزۈم بىلەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھەسەن-ھۈسىنىمنى بۇلۇتلار ئىچىگە قويىمەن؛ |
את קשתי נתתי בענן והיתה לאות ברית ביני ובין הארץ | 13 |
והיה בענני ענן על הארץ ונראתה הקשת בענן | 14 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن يەرنىڭ ئۈستىگە بۇلۇتلارنى چىقارغىنىمدا، شۇنداقلا ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئىچىدە ئايان بولغىنىدا، مەن سىلەر بىلەن ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن؛ بۇنىڭدىن كېيىن سۇلار ھەرگىز ھەممە جاندارلارنى ھالاك قىلغۇچى توپان بولماس. |
וזכרתי את בריתי אשר ביני וביניכם ובין כל נפש חיה בכל בשר ולא יהיה עוד המים למבול לשחת כל בשר | 15 |
והיתה הקשת בענן וראיתיה לזכר ברית עולם בין אלהים ובין כל נפש חיה בכל בשר אשר על הארץ | 16 |
ھەسەن-ھۈسەن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا قارايمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن مەنكى خۇدا يەر يۈزىدىكى ئەت ئىگىلىرى بولغان بارلىق جانىۋارلار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا بېكىتكەن ئەھدەمنى ياد ئېتىمەن»، ــ دېدى. |
ויאמר אלהים אל נח זאת אות הברית אשר הקמתי ביני ובין כל בשר אשר על הארץ | 17 |
خۇدا نۇھقا يەنە: ــ «مانا بۇ مەن ئۆزۈم بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا بېكىتكەن ئەھدەمنىڭ نىشان-بەلگىسىدۇر»، ــ دېدى. |
ויהיו בני נח היצאים מן התבה--שם וחם ויפת וחם הוא אבי כנען | 18 |
نۇھنىڭ كېمىدىن چىققان ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت ئىدى. ھام قانائاننىڭ ئاتىسى بولدى. |
שלשה אלה בני נח ומאלה נפצה כל הארץ | 19 |
بۇ ئۈچى نۇھنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارالغان ئاھالە شۇلارنىڭ نەسىل-ئەۋلادلىرىدۇر. |
ויחל נח איש האדמה ויטע כרם | 20 |
نۇھ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلاپ، بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدى. |
וישת מן היין וישכר ויתגל בתוך אהלה | 21 |
ئۇ ئۇنىڭ شارابىدىن ئىچىپ، مەست بولۇپ قېلىپ، ئۆز چېدىرى ئىچىدە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، يالىڭاچ يېتىپ قالدى. |
וירא חם אבי כנען את ערות אביו ויגד לשני אחיו בחוץ | 22 |
قانائاننىڭ ئاتىسى ھام كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىككى قېرىندىشىغا ئېيتتى. |
ויקח שם ויפת את השמלה וישימו על שכם שניהם וילכו אחרנית ויכסו את ערות אביהם ופניהם אחרנית וערות אביהם לא ראו | 23 |
شەم بىلەن يافەت قوپۇپ يېپىنجىنى ئېلىپ، مۈرىسىگە ئارتىپ، كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. |
וייקץ נח מיינו וידע את אשר עשה לו בנו הקטן | 24 |
نۇھ شارابنىڭ كەيپىدىن ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلىنىڭ ئۆزىگە نېمە قىلغىنىنى بىلىپ: ــ |
ויאמר ארור כנען עבד עבדים יהיה לאחיו | 25 |
قانائانغا لەنەت بولغاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ قۇلىنىڭ قۇلى بولسۇن، ــ دەپ قارغىدى. |
ויאמר ברוך יהוה אלהי שם ויהי כנען עבד למו | 26 |
ئۇ يەنە: ــ شەمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە كەلتۈرۈلگەي! قانائان شەمنىڭ قۇلى بولسۇن. |
יפת אלהים ליפת וישכן באהלי שם ויהי כנען עבד למו | 27 |
خۇدا يافەتنى ئاۋۇتقاي! ئۇ شەمنىڭ چېدىرلىرىدا تۇرغاي، قانائان بولسا ئۇنىڭ قۇلى بولغاي! ــ دېدى. |
ויחי נח אחר המבול שלש מאות שנה וחמשים שנה | 28 |
نۇھ توپاندىن كېيىن ئۈچ يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆردى. |
ויהיו כל ימי נח תשע מאות שנה וחמשים שנה וימת | 29 |
بۇ تەرىقىدە نۇھ جەمئىي توققۇز يۈز ئەللىك يىل كۈن كۆرۈپ، ئالەمدىن ئۆتتى. |