ויסע ישראל וכל אשר לו ויבא בארה שבע ויזבח זבחים לאלהי אביו יצחק | 1 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. |
ויאמר אלהים לישראל במראת הלילה ויאמר יעקב יעקב ויאמר הנני | 2 |
كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى. |
ויאמר אנכי האל אלהי אביך אל תירא מרדה מצרימה כי לגוי גדול אשימך שם | 3 |
ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن. |
אנכי ארד עמך מצרימה ואנכי אעלך גם עלה ויוסף ישית ידו על עיניך | 4 |
مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى. |
ויקם יעקב מבאר שבע וישאו בני ישראל את יעקב אביהם ואת טפם ואת נשיהם בעגלות אשר שלח פרעה לשאת אתו | 5 |
ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، |
ויקחו את מקניהם ואת רכושם אשר רכשו בארץ כנען ויבאו מצרימה יעקב וכל זרעו אתו | 6 |
چارپايلىرى بىلەن قانائان زېمىنىدا تاپقان تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ تەرىقىدە ياقۇپ بىلەن بارلىق ئەۋلادلىرى مىسىرغا كەلدى؛ ئوغۇللىرىنى، ئوغۇل نەۋرىلىرىنى، قىزلىرىنى، قىز نەۋرىلىرىنى يىغىپ، نەسىللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. |
בניו ובני בניו אתו בנתיו ובנות בניו וכל זרעו--הביא אתו מצרימה | 7 |
ואלה שמות בני ישראל הבאים מצרימה יעקב ובניו בכר יעקב ראובן | 8 |
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛ |
ובני ראובן--חנוך ופלוא וחצרן וכרמי | 9 |
رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى. |
ובני שמעון ימואל וימין ואהד--ויכין וצחר ושאול בן הכנענית | 10 |
شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل. |
ובני לוי--גרשון קהת ומררי | 11 |
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى. |
ובני יהודה ער ואונן ושלה--ופרץ וזרח וימת ער ואונן בארץ כנען ויהיו בני פרץ חצרן וחמול | 12 |
يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى. |
ובני יששכר--תולע ופוה ויוב ושמרן | 13 |
ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون. |
ובני זבלון--סרד ואלון ויחלאל | 14 |
زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل. |
אלה בני לאה אשר ילדה ליעקב בפדן ארם ואת דינה בתו כל נפש בניו ובנותיו שלשים ושלש | 15 |
بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى. |
ובני גד צפיון וחגי שוני ואצבן ערי וארודי ואראלי | 16 |
گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى. |
ובני אשר ימנה וישוה וישוי ובריעה--ושרח אחתם ובני בריעה חבר ומלכיאל | 17 |
ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى. |
אלה בני זלפה אשר נתן לבן ללאה בתו ותלד את אלה ליעקב שש עשרה נפש | 18 |
بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى. |
בני רחל אשת יעקב יוסף ובנימן | 19 |
ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن. |
ויולד ליוסף בארץ מצרים אשר ילדה לו אסנת בת פוטי פרע כהן אן--את מנשה ואת אפרים | 20 |
يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى. |
ובני בנימן בלע ובכר ואשבל גרא ונעמן אחי וראש מפים וחפים וארד | 21 |
بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد. |
אלה בני רחל אשר ילד ליעקב--כל נפש ארבעה עשר | 22 |
بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى. |
ובני דן חשים | 23 |
داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم. |
ובני נפתלי--יחצאל וגוני ויצר ושלם | 24 |
نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم. |
אלה בני בלהה אשר נתן לבן לרחל בתו ותלד את אלה ליעקב כל נפש שבעה | 25 |
بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى. |
כל הנפש הבאה ליעקב מצרימה יצאי ירכו מלבד נשי בני יעקב--כל נפש ששים ושש | 26 |
ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى. |
ובני יוסף אשר ילד לו במצרים נפש שנים כל הנפש לבית יעקב הבאה מצרימה שבעים | 27 |
يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى. |
ואת יהודה שלח לפניו אל יוסף להורת לפניו גשנה ויבאו ארצה גשן | 28 |
ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى. |
ויאסר יוסף מרכבתו ויעל לקראת ישראל אביו גשנה וירא אליו ויפל על צואריו ויבך על צואריו עוד | 29 |
يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى. |
ויאמר ישראל אל יוסף אמותה הפעם אחרי ראותי את פניך כי עודך חי | 30 |
ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى. |
ויאמר יוסף אל אחיו ואל בית אביו אעלה ואגידה לפרעה ואמרה אליו אחי ובית אבי אשר בארץ כנען באו אלי | 31 |
ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛ |
והאנשים רעי צאן כי אנשי מקנה היו וצאנם ובקרם וכל אשר להם הביאו | 32 |
بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي. |
והיה כי יקרא לכם פרעה ואמר מה מעשיכם | 33 |
شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا، |
ואמרתם אנשי מקנה היו עבדיך מנעורינו ועד עתה--גם אנחנו גם אבתינו בעבור תשבו בארץ גשן כי תועבת מצרים כל רעה צאן | 34 |
سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ. |