ויצו את אשר על ביתו לאמר מלא את אמתחת האנשים אכל כאשר יוכלון שאת ושים כסף איש בפי אמתחתו | 1 |
ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارىغا بۇيرۇپ: ــ بۇ كىشىلەرنىڭ تاغارلىرىنى ئېلىپ كۆتۈرەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، ھەربىرىنىڭ پۇلىنى تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن؛ |
ואת גביעי גביע הכסף תשים בפי אמתחת הקטן ואת כסף שברו ויעש כדבר יוסף אשר דבר | 2 |
ئاندىن مېنىڭ جامىمنى، يەنى كۈمۈش جامنى ئاشلىقنىڭ پۇلى بىلەن بىللە ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم يۈسۈپنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. |
הבקר אור והאנשים שלחו המה וחמריהם | 3 |
ئەتىسى تاڭ يورىغاندا، ئۇلار ئېشەكلىرى بىلەن بىللە يولغا سېلىپ قويۇلدى. |
הם יצאו את העיר לא הרחיקו ויוסף אמר לאשר על ביתו קום רדף אחרי האנשים והשגתם ואמרת אלהם למה שלמתם רעה תחת טובה | 4 |
لېكىن ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ ئادەملەرنىڭ كەينىدىن قوغلىغىن؛ ئۇلارغا يېتىشكىنىڭدە ئۇلارغا: «نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇردۇڭلار؟ |
הלוא זה אשר ישתה אדני בו והוא נחש ינחש בו הרעתם אשר עשיתם | 5 |
خوجام شۇ [جامدا] شاراب ئىچىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا پال ئاچىدۇ ئەمەسمۇ؟! مۇنداق قىلغىنىڭلار رەزىللىك قىلغىنىڭلار بولمامدۇ!» دېگىن، ــ دېدى. |
וישגם וידבר אלהם את הדברים האלה | 6 |
بۇ ئادەم ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بېرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى. |
ויאמרו אליו--למה ידבר אדני כדברים האלה חלילה לעבדיך מעשות כדבר הזה | 7 |
ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجىمىز نېمىشقا مۇنداق گەپ قىلىدۇ؟ مۇنداق ئىشنى قىلىش كەمىنىلىرىدىن نېرى بولسۇن! |
הן כסף אשר מצאנו בפי אמתחתינו--השיבנו אליך מארץ כנען ואיך נגנב מבית אדניך כסף או זהב | 8 |
بىز ئەسلىدە تاغارلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن تاپقان پۇلنىمۇ قانائان زېمىنىدىن سىلىنىڭ قاشلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەكەلگەنىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ خوجىلىرىنىڭ ئۆيىدىن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئوغرىلايلى؟ |
אשר ימצא אתו מעבדיך ומת וגם אנחנו נהיה לאדני לעבדים | 9 |
كەمىنىلىرىڭنىڭ ئارىسىدا كىمدىن بۇ [جام] تېپىلسا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن، بىزمۇ خوجىمىزنىڭ قۇللىرى بولايلى، ــ دېدى. |
ויאמר גם עתה כדבריכם כן הוא אשר ימצא אתו יהיה לי עבד ואתם תהיו נקים | 10 |
غوجىدار جاۋابەن: ــ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردەك بولسۇن؛ جام كىمنىڭ يېنىدىن تېپىلسا، شۇ كىشى قۇلۇم بولۇپ قېلىپ قالسۇن، قالغانلىرىڭلار بىگۇناھ بولىسىلەر، ــ دېدى. |
וימהרו ויורדו איש את אמתחתו--ארצה ויפתחו איש אמתחתו | 11 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ-تېنەپ، تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ھەربىرى ئۆز تاغىرىنى ئېچىپ بەردى. |
ויחפש--בגדול החל ובקטן כלה וימצא הגביע באמתחת בנימן | 12 |
غوجىدار چوڭىنىڭكىدىن باشلاپ كىچىكىنىڭكىگىچە ئاختۇردى، جام بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىلدى. |
ויקרעו שמלתם ויעמס איש על חמרו וישבו העירה | 13 |
بۇنى كۆرۈپ ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ھەربىرى ئېشىكىگە قايتىدىن يۈكنى ئارتىپ، شەھەرگە قايتتى. |
ויבא יהודה ואחיו ביתה יוסף והוא עודנו שם ויפלו לפניו ארצה | 14 |
شۇنداق قىلىپ يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە كەلدى؛ ئۇ تېخى شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىشتى. |
ויאמר להם יוסף מה המעשה הזה אשר עשיתם הלוא ידעתם כי נחש ינחש איש אשר כמני | 15 |
يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. |
ויאמר יהודה מה נאמר לאדני מה נדבר ומה נצטדק האלהים מצא את עון עבדיך--הננו עבדים לאדני גם אנחנו גם אשר נמצא הגביע בידו | 16 |
يەھۇدا جاۋابەن: ــ بىز خوجىمىزغا نېمىمۇ دېيەلەيمىز؟ نېمە گەپ قىلالايمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارا قىلدى. مانا، بىز ۋە قولىدىن جاملىرى تېپىلغان كىشى ھەممىمىز خوجىمىزغا قۇل بولىدىغان بولدۇق، ــ دېدى. |
ויאמר--חלילה לי מעשות זאת האיש אשר נמצא הגביע בידו הוא יהיה לי עבד ואתם עלו לשלום אל אביכם | 17 |
لېكىن يۈسۈپ: ــ مۇنداق قىلىش مەندىن نېرى بولسۇن! بەلكى جام كىمنىڭ قولىدىن تېپىلغان بولسا پەقەت شۇ كىشى مېنىڭ قۇلۇم بولىدۇ. لېكىن قالغانلىرىڭلار ئامان-ئېسەن ئاتاڭلارنىڭ قېشىغا كېتىڭلار، ــ دېدى. |
ויגש אליו יהודה ויאמר בי אדני ידבר נא עבדך דבר באזני אדני ואל יחר אפך בעבדך כי כמוך כפרעה | 18 |
ئاندىن يەھۇدا ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي خوجام، كەمىنىلىرىگە قۇلاق سېلىپ خوجامنىڭ قۇلىقىغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيلا. غەزەپلىرى كەمىنىلىرىگە تۇتاشمىغاي؛ چۈنكى ئۆزلىرى پىرەۋنگە ئوخشاش ئىكەنلا. |
אדני שאל את עבדיו לאמר היש לכם אב או אח | 19 |
ئەسلىدە خوجام كەمىنىلىرىدىن: «ئاتاڭلار يا ئىنىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىلا، |
ונאמר אל אדני יש לנו אב זקן וילד זקנים קטן ואחיו מת ויותר הוא לבדו לאמו ואביו אהבו | 20 |
بىز خوجىمىزغا جاۋابەن: «بىزنىڭ بىر قېرى ئاتىمىز بار ۋە ئۇ قېرىغاندا تاپقان، ياش بىر بالىسىمۇ بار. بۇ بالىنىڭ بىر ئانىسىدىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز قالدى؛ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆيىدۇ» دېسەك، |
ותאמר אל עבדיך הורדהו אלי ואשימה עיני עליו | 21 |
سىلى كەمىنىلىرىگە: «ئۇنىڭ ئۆزىنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، مەن ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دېدىلە. |
ונאמר אל אדני לא יוכל הנער לעזב את אביו ועזב את אביו ומת | 22 |
بىز خوجىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «يىگىت ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئەگەر ئاتىسىدىن ئايرىلسا، ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېسەك، |
ותאמר אל עבדיך אם לא ירד אחיכם הקטן אתכם--לא תספון לראות פני | 23 |
سىلى يەنىلا كەمىنىلىرىگە: «ئەگەر كىچىك ئىنىڭلار سىلەر بىلەن بىللە كەلمىسە، يۈزۈمنى يەنە كۆرىمىز دەپ خىيال قىلماڭلار» دېگەنىدىلا. |
ויהי כי עלינו אל עבדך אבי ונגד לו--את דברי אדני | 24 |
شۇنىڭ بىلەن بىز كەمىنىلىرى ئاتىمىزنىڭ قېشىغا بارغاندا خوجامنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتتۇق؛ |
ויאמר אבינו שבו שברו לנו מעט אכל | 25 |
ئاندىن ئاتىمىز يەنە: «يەنە بېرىپ، بىزگە ئازراق ئاشلىق ئېلىپ كېلىڭلار» دېۋىدى، |
ונאמר לא נוכל לרדת אם יש אחינו הקטן אתנו וירדנו--כי לא נוכל לראות פני האיש ואחינו הקטן איננו אתנו | 26 |
بىز جاۋابەن: «بىز شۇ يەرگە قايتىدىن چۈشەلمەيمىز؛ ئەگەر كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولسا، ئۇنداقتا بارىمىز؛ چۈنكى كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بولمىسا، ئۇ زاتنىڭ يۈزى ئالدىدا تۇرالمايمىز»، دېدۇق. |
ויאמר עבדך אבי אלינו אתם ידעתם כי שנים ילדה לי אשתי | 27 |
سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بىزگە يەنە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم ماڭا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. |
ויצא האחד מאתי ואמר אך טרף טרף ולא ראיתיו עד הנה | 28 |
بىرى مېنىڭ يېنىمدىن چىقىپ، يوق بولۇپ كەتتى؛ مەن: ئۇ جەزمەن تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇنداقلا ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرمىدىم. |
ולקחתם גם את זה מעם פני וקרהו אסון--והורדתם את שיבתי ברעה שאלה (Sheol h7585) | 29 |
ئەمدى سىلەر بۇنىمۇ مېنىڭ قېشىمدىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، سىلەر مەندەك بىر ئاق چاچلىق ئادەمنى دەرد-ئەلەم بىلەن تەختىساراغا چۈشۈرىۋېتىسىلەر»، دېگەنىدى. (Sheol h7585) |
ועתה כבאי אל עבדך אבי והנער איננו אתנו ונפשו קשורה בנפשו | 30 |
ئەمدى مەن سىلىنىڭ قۇللىرى مېنىڭ ئاتامنىڭ قېشىغا بارغاندا، شۇ بالا بىز بىلەن بولمىسا ئۇنىڭ جېنى بالىنىڭ جېنىغا باغلانغان بولغاچقا، |
והיה כראותו כי אין הנער--ומת והורידו עבדיך את שיבת עבדך אבינו ביגון--שאלה (Sheol h7585) | 31 |
شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ بالىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسە، جەزمەن ئۆلۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلىنىڭ قۇللىرى بىزنىڭ ئاتىمىز بولغان بۇ ئاق چاچنى دەرد-ئەلەم ئىچىدە تەھتىساراغا چۈشۈرۈۋەتكەن بولىمىز. (Sheol h7585) |
כי עבדך ערב את הנער מעם אבי לאמר אם לא אביאנו אליך וחטאתי לאבי כל הימים | 32 |
چۈنكى مەنكى كەمىنىلىرى ئاتامغا بۇ يىگىت ئۈچۈن كېپىل بولۇپ: «ئەگەر مەن ئۇنى قېشىڭغا قايتۇرۇپ كەلمىسەم پۈتكۈل ئۆمرۈمدە ئاتامنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي» دېگەنىدىم. |
ועתה ישב נא עבדך תחת הנער--עבד לאדני והנער יעל עם אחיו | 33 |
شۇڭا ھازىر ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنكى كەمىنىلىرى ئۇ يىگىتنىڭ ئورنىدا خوجامنىڭ قېشىدا قۇل بولۇپ تۇرسام، ئۇ يىگىت قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسە! |
כי איך אעלה אל אבי והנער איננו אתי פן אראה ברע אשר ימצא את אבי | 34 |
چۈنكى يىگىت مەن بىلەن بولمىسا، مەن قانداقمۇ ئاتامنىڭ قېشىغا بارالايمەن؟ ئاتامغا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ چۈشۈشىنى كۆزۈم كۆرگۈچى بولمىسۇن! ــ دېدى. |