וישב יעקב בארץ מגורי אביו--בארץ כנען | 1 |
ياقۇپ بولسا ئاتىسى مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يەردە، يەنى قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى. |
אלה תלדות יעקב יוסף בן שבע עשרה שנה היה רעה את אחיו בצאן והוא נער את בני בלהה ואת בני זלפה נשי אביו ויבא יוסף את דבתם רעה אל אביהם | 2 |
تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ يىگىت بولۇپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ئاكىلىرى بىلەن بىللە قويلارنى باقاتتى؛ ئۇ ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھاھ ۋە زىلپاھنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئىشلەيتتى. يۈسۈپ ئاتىسىغا ئۇلارنىڭ ناچار قىلىقلىرىنى ئېيتىپ قوياتتى. |
וישראל אהב את יוסף מכל בניו--כי בן זקנים הוא לו ועשה לו כתנת פסים | 3 |
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى بولغاچقا، ئۇنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ يۈسۈپكە ئۇزۇن يەڭلىك تون تىكتۈرۈپ بەردى. |
ויראו אחיו כי אתו אהב אביהם מכל אחיו--וישנאו אתו ולא יכלו דברו לשלם | 4 |
ئەمما ئاكىلىرى ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ياخشى كۆرىدىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغانىدى ۋە ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلماتتى. |
ויחלם יוסף חלום ויגד לאחיו ויוספו עוד שנא אתו | 5 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈپ بىر چۈش كۆرگەن بولۇپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا دەپ بېرىۋىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. |
ויאמר אליהם שמעו נא החלום הזה אשר חלמתי | 6 |
يۈسۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ كۆرگەن شۇ چۈشۈمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. |
והנה אנחנו מאלמים אלמים בתוך השדה והנה קמה אלמתי וגם נצבה והנה תסבינה אלמתיכם ותשתחוין לאלמתי | 7 |
مانا، بىز ھەممىمىز ئېتىزلاردا ئاشلىقلارنى باغلاۋاتقۇدەكمىز. قارىسام مېنىڭ ئۆنچەم ئۆرە تۇرۇپتىدەك؛ سىلەرنىڭ ئۆنچەڭلار بولسا مېنىڭ ئۆنچەمنىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. |
ויאמרו לו אחיו המלך תמלך עלינו אם משול תמשל בנו ויוספו עוד שנא אתו על חלמתיו ועל דבריו | 8 |
ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئەجەبا، سەن بىزگە پادىشاھ بولامسەن؟ ئۈستىمىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى ۋە گېپىدىن ئاكىلىرى ئۇنى تېخىمۇ يامان كۆردى. |
ויחלם עוד חלום אחר ויספר אתו לאחיו ויאמר הנה חלמתי חלום עוד והנה השמש והירח ואחד עשר כוכבים משתחוים לי | 9 |
كېيىن ئۇ يەنە بىر چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا دەپ: ــ مانا، مەن يەنە بىر چۈش كۆردۈم. قارىسام، قۇياش بىلەن ئاي ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! ــ دېدى. |
ויספר אל אביו ואל אחיו ויגער בו אביו ויאמר לו מה החלום הזה אשר חלמת הבוא נבוא אני ואמך ואחיך להשתחות לך ארצה | 10 |
ئۇ بۇ چۈشنى ئاتىسى ۋە ئاكىلىرىغا دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇنىڭغا تەنبىھ بېرىپ: ــ بۇ كۆرگىنىڭ زادى قانداق چۈش؟ ئەجەبا، مەن، ئاناڭ ۋە ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ئالدىڭغا بېرىپ، ساڭا يەرگە باش ئۇرۇپ تەزىم قىلىمىزمۇ؟ ــ دېدى. |
ויקנאו בו אחיו ואביו שמר את הדבר | 11 |
شۇنىڭ بىلەن ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ھەسەت قىلغىلى تۇردى. ئەمما ئاتىسى شۇ گەپنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. |
וילכו אחיו לרעות את צאן אביהם בשכם | 12 |
ئەمدى يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى شەكەمگە كەتكەنىدى. |
ויאמר ישראל אל יוסף הלוא אחיך רעים בשכם--לכה ואשלחך אליהם ויאמר לו הנני | 13 |
ئىسرائىل يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە پادا بېقىۋاتىدىغۇ؟ كەل، مەن سېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا ئەۋەتەي، دېۋىدى، يۈسۈپ: ــ مانا مەن، دېدى. |
ויאמר לו לך נא ראה את שלום אחיך ואת שלום הצאן והשבני דבר וישלחהו מעמק חברון ויבא שכמה | 14 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى بېرىپ ئاكىلىرىڭ ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، قويلار ئامان-ئېسەنمۇ-ئەمەسمۇ، ماڭا خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگىن، دەپ ئۇنى ھېبرون جىلغىسىدىن يولغا سالدى؛ ئۇ شەكەمگە باردى. |
וימצאהו איש והנה תעה בשדה וישאלהו האיש לאמר מה תבקש | 15 |
شۇ يەردە بىرسى ئۇنىڭ دالادا تېنەپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: ــ نېمە ئىزدەۋاتىسەن، دەپ سورىدى. |
ויאמר את אחי אנכי מבקש הגידה נא לי איפה הם רעים | 16 |
ئۇ: ــ مەن ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ پادىلىرىنى قەيەردە بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، دېدى. |
ויאמר האיש נסעו מזה--כי שמעתי אמרים נלכה דתינה וילך יוסף אחר אחיו וימצאם בדתן | 17 |
ئۇ ئادەم جاۋاب بېرىپ: ــ ئۇلار بۇ يەردىن كېتىپ قالدى، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ: «يۈرۈڭلار، دوتانغا بارايلى» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى. |
ויראו אתו מרחק ובטרם יקרב אליהם ויתנכלו אתו להמיתו | 18 |
ئۇلار ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ تېخى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلمەيلا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى مەسلىھەتلەشتى. |
ויאמרו איש אל אחיו הנה בעל החלמות הלזה--בא | 19 |
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ مانا ھېلىقى چۈش كۆرگۈچى كېلىۋاتىدۇ. |
ועתה לכו ונהרגהו ונשלכהו באחד הברות ואמרנו חיה רעה אכלתהו ונראה מה יהיו חלמתיו | 20 |
كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ مۇشۇ يەردىكى ئورەكلەردىن بىرىگە تاشلىۋېتەيلى، ئاندىن: ــ ۋەھشىي بىر ھايۋان ئۇنى يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. شۇندا، بىز ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ نېمە بولىدىغىنىنى كۆرىمىز! ــ دېدى. |
וישמע ראובן ויצלהו מידם ויאמר לא נכנו נפש | 21 |
ئەمما رۇبەن بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولۇپ: ــ ئۇنى ئۆلتۈرمەيلى، دېدى. |
ויאמר אלהם ראובן אל תשפכו דם--השליכו אתו אל הבור הזה אשר במדבר ויד אל תשלחו בו למען הציל אתו מידם להשיבו אל אביו | 22 |
رۇبەن ئۇلارغا يەنە: ــ قان تۆكمەڭلار! بەلكى ئۇنى چۆلدىكى مۇشۇ ئورەككە تاشلىۋېتىڭلار؛ لېكىن ئۇنىڭغا قول تەگكۈزمەڭلەر، دېدى (ئەمەلىيەتتە، ئۇ ئۇنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتۇرۇۋەتمەكچى ئىدى). |
ויהי כאשר בא יוסף אל אחיו ויפשיטו את יוסף את כתנתו את כתנת הפסים אשר עליו | 23 |
يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تونىنى، يەنى كىيىكلىك ئۇزۇن يەڭلىك تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئورەككە تاشلىۋەتتى. لېكىن ئورەك قۇرۇق بولۇپ، ئىچىدە سۇ يوق ئىدى. |
ויקחהו--וישלכו אתו הברה והבור רק אין בו מים | 24 |
וישבו לאכל לחם וישאו עיניהם ויראו והנה ארחת ישמעאלים באה מגלעד וגמליהם נשאים נכאת וצרי ולט--הולכים להוריד מצרימה | 25 |
ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. |
ויאמר יהודה אל אחיו מה בצע כי נהרג את אחינו וכסינו את דמו | 26 |
يەھۇدا قېرىنداشلىرىغا: ــ بىزنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى يوشۇرغىنىمىزنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ |
לכו ונמכרנו לישמעאלים וידנו אל תהי בו כי אחינו בשרנו הוא וישמעו אחיו | 27 |
كېلىڭلار، ئۇنى ئىسمائىللارغا سېتىۋېتەيلى؛ قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بىزنىڭ ئىنىمىز، بىر تۇغقان قېرىندىشىمىز؛ شۇڭا ئۇنىڭغا قول سالمايلى، دېۋىدى، قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قۇلاق سالدى. |
ויעברו אנשים מדינים סחרים וימשכו ויעלו את יוסף מן הבור וימכרו את יוסף לישמעאלים בעשרים כסף ויביאו את יוסף מצרימה | 28 |
مىدىيانلىق سودىگەرلەر شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار يۈسۈپنى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. بۇلار بولسا يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. |
וישב ראובן אל הבור והנה אין יוסף בבור ויקרע את בגדיו | 29 |
رۇبەن ئورەكنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، يۈسۈپنىڭ ئورەكتە يوقلۇقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، |
וישב אל אחיו ויאמר הילד איננו ואני אנה אני בא | 30 |
ئىنىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ بالا يوق تۇرىدۇ! ئەمدى مەن نەگە باراي؟! ــ دېدى. |
ויקחו את כתנת יוסף וישחטו שעיר עזים ויטבלו את הכתנת בדם | 31 |
ئەمما ئۇلار يۈسۈپنىڭ تونىنى ئېلىپ، بىر تېكىنى بوغۇزلاپ توننى ئۇنىڭ قېنىغا مىلەپ، |
וישלחו את כתנת הפסים ויביאו אל אביהם ויאמרו זאת מצאנו הכר נא הכתנת בנך הוא--אם לא | 32 |
ئاندىن ئۇزۇن يەڭلىك توننى ئاتىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇنى بىز تېپىۋالدۇق؛ بۇ ئوغلۇڭنىڭ تونىمۇ-ئەمەسمۇ، ئۆزۈڭ كۆرۈپ باققىن، دېدى. |
ויכירה ויאמר כתנת בני חיה רעה אכלתהו טרף טרף יוסף | 33 |
ئۇ ئۇنى تونۇپ: ــ بۇ دەرۋەقە مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ تونى ئىكەن؛ بىر ۋەھشىي ھايۋان ئۇنى يەپ كەتكەن ئوخشايدۇ؛ شۈبھىسىزكى، يۈسۈپ تىتما-تىتما قىلىۋېتىلىپتۇ! ــ دېدى. |
ויקרע יעקב שמלתיו וישם שק במתניו ויתאבל על בנו ימים רבים | 34 |
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېلىگە بۆز باغلاپ، نۇرغۇن كۈنلەرگىچە ئوغلى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى. |
ויקמו כל בניו וכל בנתיו לנחמו וימאן להתנחם ויאמר כי ארד אל בני אבל שאלה ויבך אתו אביו (Sheol h7585) | 35 |
ئۇنىڭ ھەممە ئوغۇل-قىزلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، ئۇ تەسەللىنى قوبۇل قىلماي: «مەن تەھتىساراغا چۈشۈپ ئوغلۇمنىڭ قېشىغا بارغۇچە شۇنداق ماتەم تۇتىمەن!» دېدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى شۇ پېتى ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈپ ماتەم تۇتتى. (Sheol h7585) |
והמדנים--מכרו אתו אל מצרים לפוטיפר סריס פרעה שר הטבחים | 36 |
ئەمدى مىدىيانىيلار [يۈسۈپنى] مىسىرغا ئېلىپ بېرىپ، پىرەۋننىڭ بىر غوجىدارى، پاسىبان بېشى پوتىفارغا ساتتى. |