ויעל אברם ממצרים הוא ואשתו וכל אשר לו ולוט עמו--הנגבה | 1 |
شۇنىڭ بىلەن ئابرام ئايالى ۋە ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ھەمدە لۇتنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قانائاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگەۋ يۇرتىغا ماڭدى. |
ואברם כבד מאד במקנה בכסף ובזהב | 2 |
ئۇ چاغدا ئابرامنىڭ مال-ۋاران ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆپ بولۇپ، خېلىلا باي ئىدى. |
וילך למסעיו מנגב ועד בית אל--עד המקום אשר היה שם אהלה בתחלה בין בית אל ובין העי | 3 |
ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا، |
אל מקום המזבח אשר עשה שם בראשנה ויקרא שם אברם בשם יהוה | 4 |
قۇربانگاھ ياسىغان جايغا قايتىپ كەلدى. ئابرام شۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ ئىبادەت قىلدى. |
וגם ללוט--ההלך את אברם היה צאן ובקר ואהלים | 5 |
ئابرام بىلەن بىللە ماڭغان لۇتنىڭمۇ قوي-كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرى بار ئىدى. |
ולא נשא אתם הארץ לשבת יחדו כי היה רכושם רב ולא יכלו לשבת יחדו | 6 |
ئەمدى ئۇلار بىللە تۇرسا، زېمىن ئۇلارنى قامدىيالمايتتى؛ |
ויהי ריב בין רעי מקנה אברם ובין רעי מקנה לוט והכנעני והפרזי אז ישב בארץ | 7 |
بۇ سەۋەبتىن ئابرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا جېدەل چىقتى (ئۇ ۋاقىتتا قانائانىيلار بىلەن پەرىززىيلەر شۇ زېمىندا تۇراتتى). |
ויאמר אברם אל לוט אל נא תהי מריבה ביני ובינך ובין רעי ובין רעיך כי אנשים אחים אנחנו | 8 |
شۇڭا ئابرام لۇتقا: ــ «بىز بولساق قېرىنداشلارمىز، سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا، مېنىڭ پادىچىلىرىم بىلەن سېنىڭ پادىچىلىرىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش پەيدا بولمىسۇن. |
הלא כל הארץ לפניך הפרד נא מעלי אם השמאל ואימנה ואם הימין ואשמאילה | 9 |
مانا، ئالدىڭدا پۈتكۈل زېمىن تۇرمامدۇ؟ ئەمدى سەن مەندىن ئايرىلغىن؛ ئەگەر سەن سول تەرەپكە بارساڭ، مەن ئوڭ تەرەپكە باراي؛ ئەگەر سەن ئوڭ تەرەپكە بارساڭ، مەن سول تەرەپكە باراي»، ــ دېدى. |
וישא לוט את עיניו וירא את כל ככר הירדן כי כלה משקה--לפני שחת יהוה את סדם ואת עמרה כגן יהוה כארץ מצרים באכה צער | 10 |
ئۇ ۋاقىتتا لۇت نەزەر سېلىپ كۆردىكى، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بارلىق تۈزلەڭلىكنىڭ زوئار شەھىرىگىچە ھەممىلا يەرنىڭ سۈيى ئىنتايىن مول ئىدى؛ پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گوموررانى ۋەيران قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ يەر بەئەينى پەرۋەردىگارنىڭ بېغى، مىسىر زېمىنىدەك ئىدى. |
ויבחר לו לוט את כל ככר הירדן ויסע לוט מקדם ויפרדו איש מעל אחיו | 11 |
شۇنىڭ بىلەن لۇت ئۆزىگە ئىئوردان ۋادىسىدىكى پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى تاللىۋالدى؛ ئاندىن لۇت مەشرىق تەرەپكە كۆچۈپ باردى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئايرىلدى. |
אברם ישב בארץ כנען ולוט ישב בערי הככר ויאהל עד סדם | 12 |
ئابرام قانائان زېمىنىدا ئولتۇراقلاشتى؛ لۇت بولسا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنىڭ ئارىسىدا تۇردى؛ ئۇ بارا-بارا چېدىرلىرىنى سودوم شەھىرى تەرەپكە يۆتكىدى. |
ואנשי סדם רעים וחטאים ליהוה מאד | 13 |
سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى. |
ויהוה אמר אל אברם אחרי הפרד לוט מעמו שא נא עיניך וראה מן המקום אשר אתה שם--צפנה ונגבה וקדמה וימה | 14 |
لۇت ئابرامدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ سەن ئەمدى بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، ئۆزۈڭ تۇرغان جايدىن شىمال ۋە جەنۇبقا، مەشرىق ۋە مەغرىپ تەرەپكە قارىغىن؛ |
כי את כל הארץ אשר אתה ראה לך אתננה ולזרעך עד עולם | 15 |
چۈنكى سەن ھازىر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق زېمىننى ساڭا ۋە نەسلىڭگە مەڭگۈلۈك بېرىمەن. |
ושמתי את זרעך כעפר הארץ אשר אם יוכל איש למנות את עפר הארץ--גם זרעך ימנה | 16 |
سېنىڭ نەسلىڭنى يەردىكى توپىدەك كۆپ قىلىمەن؛ شۇنداقكى، ئەگەر بىرسى يەردىكى توپىنى ساناپ چىقالىسا، سېنىڭ نەسلىڭنىمۇ ساناپ چىقالىشى مۇمكىن بولىدۇ. |
קום התהלך בארץ לארכה ולרחבה כי לך אתננה | 17 |
ئورنۇڭدىن تۇر، بۇ زېمىننى ئۇزۇنلۇقى ۋە ڭەڭلىكى بويىچە ئايلىنىپ چىققىن؛ چۈنكى مەن ئۇنى ساڭا ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. |
ויאהל אברם ויבא וישב באלני ממרא--אשר בחברון ויבן שם מזבח ליהוה | 18 |
شۇڭا ئابرام چېدىرلىرىنى يۆتكەپ، ھېبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى؛ ئۇ شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانگاھ ياسىدى. |