ויביאני אל ההיכל וימד את האילים שש אמות רחב מפו ושש אמות רחב מפו--רחב האהל | 1 |
ئۇ مېنى [مۇقەددەسخانىدىكى] مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى. |
ורחב הפתח עשר אמות וכתפות הפתח חמש אמות מפו וחמש אמות מפו וימד ארכו ארבעים אמה ורחב עשרים אמה | 2 |
كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى. |
ובא לפנימה וימד איל הפתח שתים אמות והפתח שש אמות ורחב הפתח שבע אמות | 3 |
ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ [ئىككى تەرەپتىكى] توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى. |
וימד את ארכו עשרים אמה ורחב עשרים אמה--אל פני ההיכל ויאמר אלי זה קדש הקדשים | 4 |
ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى. |
וימד קיר הבית שש אמות ורחב הצלע ארבע אמות סביב סביב לבית--סביב | 5 |
ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى. |
והצלעות צלע אל צלע שלוש ושלשים פעמים ובאות בקיר אשר לבית לצלעות סביב סביב--להיות אחוזים ולא יהיו אחוזים בקיר הבית | 6 |
يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى. |
ורחבה ונסבה למעלה למעלה לצלעות כי מוסב הבית למעלה למעלה סביב סביב לבית--על כן רחב לבית למעלה וכן התחתונה יעלה על העליונה לתיכונה | 7 |
يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى. |
וראיתי לבית גבה סביב סביב מיסדות (מוסדות) הצלעות מלו הקנה שש אמות אצילה | 8 |
مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى. |
רחב הקיר אשר לצלע אל החוץ חמש אמות ואשר מנח בית צלעות אשר לבית | 9 |
يېنىدىكى خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار بىلەن [كاھىنلارنىڭ] ھۇجرىلىرى ئارىلىقىدىكى بوش يەرنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز ئىدى؛ بۇ بوش يەر مۇقەددەسخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە بار ئىدى. |
ובין הלשכות רחב עשרים אמה סביב לבית--סביב סביב | 10 |
ופתח הצלע למנח--פתח אחד דרך הצפון ופתח אחד לדרום ורחב מקום המנח חמש אמות סביב סביב | 11 |
يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى. |
והבנין אשר אל פני הגזרה פאת דרך הים רחב שבעים אמה וקיר הבנין חמש אמות רחב סביב סביב וארכו תשעים אמה | 12 |
غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى. |
ומדד את הבית ארך מאה אמה והגזרה והבניה וקירותיה ארך מאה אמה | 13 |
ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى [يۈز گەز ئىدى]، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. |
ורחב פני הבית והגזרה לקדים מאה אמה | 14 |
مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. |
ומדד ארך הבנין אל פני הגזרה אשר על אחריה ואתוקיהא (ואתיקיהא) מפו ומפו--מאה אמה וההיכל הפנימי ואלמי החצר | 15 |
ئۇ [مۇقەددەسخانىنىڭ] كەينىدىكى بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ كەڭلىكىنى، جۈملىدىن ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى كارىدورنى ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. مۇقەددەسخانىنىڭ «مۇقەددەس جاي»ى بىلەن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ى ۋە سىرتقا قارايدىغان دالىنى بولسا، ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن؛ ئۇنىڭ بوسۇغىلىرى، ئىچىدىكى ئۈچ جاينىڭ ئەتراپىدىكى روجەكلىرى ھەم دەھلىزلىرى بولسا، بوسۇغىسىدىن تارتىپ ھەممە يەر، پولدىن دېرىزىلەرگىچە ياغاچ تاختايلار بىلەن بېزەلگەن (دېرىزىلەر ئۆزى روجەكلىك ئىدى). |
הספים והחלונים האטמות והאתיקים סביב לשלשתם נגד הסף שחיף עץ סביב סביב והארץ עד החלונות והחלנות מכסות | 16 |
על מעל הפתח ועד הבית הפנימי ולחוץ ואל כל הקיר סביב סביב בפנימי ובחיצון--מדות | 17 |
دالاندىن ئىچكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»غىچە بولغان تورۇس، ئىچكى ۋە سىرتقى «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىنىڭ ھەممە يېرى كېرۇب ۋە پالما دەرەخلىرى بىلەن ئۆلچەملىك نەقىشلەنگەنىدى. ھەر ئىككى كېرۇب ئارىسىدا بىر پالما دەرىخى نەقىشلەنگەنىدى؛ ھەربىر كېرۇبنىڭ ئىككى يۈزى بار ئىدى. |
ועשוי כרובים ותמרים ותמרה בין כרוב לכרוב ושנים פנים לכרוב | 18 |
ופני אדם אל התמרה מפו ופני כפיר אל התמרה מפו עשוי אל כל הבית סביב סביב | 19 |
كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ [ئىچكى] ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛ |
מהארץ עד מעל הפתח הכרובים והתמרים עשוים וקיר ההיכל | 20 |
دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان. |
ההיכל מזוזת רבעה ופני הקדש המראה כמראה | 21 |
«مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى. |
המזבח עץ שלוש אמות גבה וארכו שתים אמות ומקצעותיו לו וארכו וקירתיו עץ וידבר אלי--זה השלחן אשר לפני יהוה | 22 |
«[مۇقەددەس جاي]»[نىڭ] ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى. |
ושתים דלתות להיכל ולקדש | 23 |
[مۇقەددەسخانىنىڭ] «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى. |
ושתים דלתות לדלתות שתים מוסבות דלתות--שתים לדלת אחת ושתי דלתות לאחרת | 24 |
ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى. |
ועשויה אליהן אל דלתות ההיכל כרובים ותמרים כאשר עשוים לקירות ועב עץ אל פני האולם מהחוץ | 25 |
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى. |
וחלונים אטמות ותמרים מפו ומפו אל כתפות האולם וצלעות הבית והעבים | 26 |
دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى. |