< יחזקאל 38 >

ויהי דבר יהוה אלי לאמר 1
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
בן אדם שים פניך אל גוג ארץ המגוג--נשיא ראש משך ותבל והנבא עליו 2
ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى ماگوگ زېمىنىدىكى روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى گوگقا قارىتىپ ئۇنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ
ואמרת כה אמר אדני יהוה הנני אליך גוג--נשיא ראש משך ותבל 3
رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛
ושובבתיך ונתתי חחים בלחייך והוצאתי אותך ואת כל חילך סוסים ופרשים לבשי מכלול כלם--קהל רב צנה ומגן תפשי חרבות כלם 4
مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، ئېڭىكىڭگە ئىلمەكلەرنى سېلىپ، سەن ۋە پۈتۈن قوشۇنۇڭنى ــ ئاتلار ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى، ھەممىسى تولۇق قوراللانغان، سىپار-قالقانلارنى كۆتۈرگەن، قىلىچ تۇتقان توپ-توپ كىشىلەرنى جەڭگە چىقىرىمەن؛
פרס כוש ופוט אתם כלם מגן וכובע 5
پارس، ئېفىئوپىيە ۋە پۇت، ھەممىسى قالقان-دۇبۇلغا بىلەن قوراللىنىدۇ
גמר וכל אגפיה--בית תוגרמה ירכתי צפון ואת כל אגפיו עמים רבים אתך 6
ــ گومېر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن كەلگەن تورگاماھ جەمەتى ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، بۇ كۆپ ئەللەر ساڭا ھەمراھ بولۇپ بىللە بولىدۇ.
הכן והכן לך--אתה וכל קהלך הנקהלים עליך והיית להם למשמר 7
ئۆزۈڭنى تەييارلا؛ سەن ۋە ساڭا يىغىلغان بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىڭ تەييارلانغان پېتىدا بول؛ سەن ئۇلارغا نازارەتچىلىك قىلىسەن.
מימים רבים תפקד--באחרית השנים תבוא אל ארץ משובבת מחרב מקבצת מעמים רבים על הרי ישראל אשר היו לחרבה תמיד והיא מעמים הוצאה וישבו לבטח כלם 8
كۆپ كۈنلەردىن كېيىن سەن [جەڭگە] چاقىرىلىسەن؛ سەن ئاخىرقى يىللاردا قىلىچتىن قۇتقۇزۇلغان، كۆپ ئەللەردىن يىغىلغان خەلقنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇزۇندىن بېرى ۋەيران قېلىنىپ كەلگەن ئىسرائىل تاغلىرىغا ھۇجۇم قىلىسەن؛ ئۇنىڭ خەلقى ئەللەردىن يىغىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامان-ئېسەن تۇرىۋېرىدۇ؛
ועלית כשאה תבוא כענן לכסות הארץ תהיה--אתה וכל אגפיך ועמים רבים אותך 9
سەن، بارلىق توپ ئادەملىرىڭ ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر بىلەن بىللە ئالغا بېسىپ، بوران-چاپقۇندەك كېلىسەن؛ سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك بولىسەن».
כה אמר אדני יהוה והיה ביום ההוא יעלו דברים על לבבך וחשבת מחשבת רעה 10
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، كۆڭلۈڭگە باشقىچە خىياللار كىرىپ، سەن رەزىل ھىيلە-نەيرەڭنى ئويلاپ چىقىسەن؛
ואמרת אעלה על ארץ פרזות--אבוא השקטים ישבי לבטח כלם ישבים באין חומה ובריח ודלתים אין להם 11
سەن: «مەن سېپىلسىز يېزا-كەنتلەر جايلاشقان زېمىنغا بېسىپ كىرىمەن؛ مەن ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتقان بىر خەلققە يېقىنلىشىمەن ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېپىلسىز، تاقاقسىز ۋە دەرۋازىسىز تۇرۇۋاتىدۇ»، دەيسەن، ــ
לשלל שלל ולבז בז--להשיב ידך על חרבות נושבות ואל עם מאסף מגוים עשה מקנה וקנין ישבי על טבור הארץ 12
«شۇنىڭ بىلەن ئولجىلارنى ئېلىپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىمەن؛ قولۇمنى ئەسلىدە ۋەيران بولۇپ ئەمدىلىكتە ماكانلىق بولغان جايلارغا، ئەللەردىن يىغىلغان، مال-دۇنياغا ئىگە بولغان، دۇنيانىڭ كىندىكىدە ياشاۋاتقان خەلققە قارشى قىلىمەن».
שבא ודדן וסחרי תרשיש וכל כפיריה יאמרו לך הלשלל שלל אתה בא הלבז בז הקהלת קהלך--לשאת כסף וזהב לקחת מקנה וקנין לשלל שלל גדול 13
شۇ تاپتا شېبا، دېدان، تارشىشتىكى سودىگەرلەر بارلىق ياش شىرلىرى بىلەن سەندىن: «سەن ئولجا ئېلىشقا كەلدىڭمۇ؟ سەن توپ-توپ ئادەملىرىڭنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېلىشقا ــ ئالتۇن-كۈمۈشنى ئېلىپ كېتىشكە، مال-دۇنيانى ئېلىپ كېتىشكە، زور بىر ئولجىغا ئېرىشىۋېلىشقا يىغدىڭمۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ.
לכן הנבא בן אדם ואמרת לגוג כה אמר אדני יהוה הלוא ביום ההוא בשבת עמי ישראל לבטח--תדע 14
شۇڭا بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگقا شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىل ئامان-ئېسەن بولىدىغان كۈنىنى، سەن بىلىپ يەتمەمسەن؟
ובאת ממקומך מירכתי צפון--אתה ועמים רבים אתך רכבי סוסים כלם קהל גדול וחיל רב 15
سەن ئۆز جايىڭدىن، يەنى شىمالنىڭ ئەڭ چەت جايىدىن چىقىسەن، سەن ۋە ساڭا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر، ھەممىسى ئاتلىق بولۇپ، توپ-توپ ئادەملەر، چوڭ قوشۇن بولىسەن.
ועלית על עמי ישראל כענן לכסות הארץ באחרית הימים תהיה והבאותיך על ארצי למען דעת הגוים אתי בהקדשי בך לעיניהם גוג 16
سەن يەر يۈزىنى قاپلىغان بۇلۇتتەك خەلقىم ئىسرائىلغا قارشى چىقىسەن ــ بۇ ئاخىرقى زامانلاردا بولىدۇ ــ مەن سېنى ئۆز زېمىنىمغا قارشىلىشىشقا چىقىرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ مەن سەن ئارقىلىق، ئى گوگ، ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ».
כה אמר אדני יהוה האתה הוא אשר דברתי בימים קדמונים ביד עבדי נביאי ישראל הנבאים בימים ההם שנים--להביא אתך עליהם 17
ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مەن قەدىمكى زامانلاردا قۇللىرىم بولغان ئىسرائىلدىكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بېشارەت قىلغان بىرسى سەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار شۇ كۈنلەردە، شۇنداقلا كۆپ يىللاردىن بېرى، مېنىڭ سېنى خەلقىمگە قارشىلىشىشقا چىقىرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئەمەسمۇ؟
והיה ביום ההוא ביום בוא גוג על אדמת ישראל--נאם אדני יהוה תעלה חמתי באפי 18
ۋە شۇ كۈنى، يەنى گوگ ئىسرائىل زېمىنىغا قارشى چىققان كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ غەزىپىم بىلەن مېنىڭ قەھرىم ئۆرلەپ چىقىدۇ.
ובקנאתי באש עברתי דברתי אם לא ביום ההוא יהיה רעש גדול על אדמת ישראל 19
مېنىڭ [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن، غەزەپ بىلەن شۇنداق سۆز قىلغانمەنكى، ئىسرائىل زېمىنىدا زور يەر تەۋرەش بولىدۇ؛
ורעשו מפני דגי הים ועוף השמים וחית השדה וכל הרמש הרמש על האדמה וכל האדם אשר על פני האדמה ונהרסו ההרים ונפלו המדרגות וכל חומה לארץ תפול 20
شۇنىڭ بىلەن دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى ھايۋانلار، يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە يەر يۈزىدە تۇرغان بارلىق ئىنسانلار مېنىڭ يۈزۈم ئالدىدا تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ تاغلار ئۆرۈلۈپ، تىك يارلار غۇلاپ كېتىدۇ، بارلىق تاملار يەرگە ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.
וקראתי עליו לכל הרי חרב נאם אדני יהוה חרב איש באחיו תהיה 21
مەن بارلىق تاغلىرىمدا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىشقا بىر قىلىچ چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ھەربىرسىنىڭ قىلىچى ئۆز قېرىندىشىگە قارشى چىقىدۇ.
ונשפטתי אתו בדבר ובדם וגשם שוטף ואבני אלגביש אש וגפרית אמטיר עליו ועל אגפיו ועל עמים רבים אשר אתו 22
مەن ۋابا كېسىلى ۋە قان تۆكۈش بىلەن ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاشقا كىرىشىمەن؛ مەن ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن ئەللەر ئۈستىگە دەھشەتلىك يامغۇر، زور مۆلدۈر تاشلىرى، ئوت ۋە گۈنگۈرت ياغدۇرىمەن؛
והתגדלתי והתקדשתי ונודעתי לעיני גוים רבים וידעו כי אני יהוה 23
مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».

< יחזקאל 38 >