ויהי דבר יהוה אלי לאמר | 1 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
מה לכם אתם משלים את המשל הזה על אדמת ישראל לאמר אבות יאכלו בסר ושני הבנים תקהינה | 2 |
«ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق سىلەر: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېسە، بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر زادى نېمە دېمەكچىسىلەر؟ |
חי אני נאם אדני יהוה אם יהיה לכם עוד משל המשל הזה--בישראל | 3 |
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، سىلەر ئىسرائىل ئىچىدە مۇشۇ ماقالنى قايتىدىن ئىشلەتمەيسىلەر. |
הן כל הנפשות לי הנה כנפש האב וכנפש הבן לי הנה הנפש החטאת היא תמות | 4 |
مانا، بارلىق جانلار مېنىڭكىدۇر؛ ئاتىنىڭ جېنى مېنىڭكىدەك، بالىنىڭ جېنىمۇ مېنىڭكىدۇر؛ گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ. |
ואיש כי יהיה צדיק ועשה משפט וצדקה | 5 |
بىرسى ھەققانىي بولسا، ئادىللىق ۋە ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، |
אל ההרים לא אכל ועיניו לא נשא אל גלולי בית ישראל ואת אשת רעהו לא טמא ואל אשה נדה לא יקרב | 6 |
ــ ئۇ نە تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، نە ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، نە قوشنىسىنىڭ ئايالىنى ھېچ بۇزمىغان، نە ئاي كۆرگەندە ئايالغا يېقىن كەلمىگەن |
ואיש לא יונה--חבלתו חוב ישיב גזלה לא יגזל לחמו לרעב יתן ועירם יכסה בגד | 7 |
نە ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، بەلكى قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن؛ |
בנשך לא יתן ותרבית לא יקח--מעול ישיב ידו משפט אמת יעשה בין איש לאיש | 8 |
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمەيدىغان، جازانە ئالمايدىغان، بەلكى قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىپ، ئىككى ئادەم ئارىسىدا دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرىدىغان؛ |
בחקותי יהלך ומשפטי שמר לעשות אמת צדיק הוא חיה יחיה נאם אדני יהוה | 9 |
مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈملىرىمنى تۇتىدىغان بولسا ــ مانا مۇشۇ كىشى ھەققانىي، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. |
והוליד בן פריץ שפך דם ועשה אח מאחד מאלה | 10 |
ئەگەردە ئۆز پۇشتى بولغان، زوراۋانلىق قىلغۇچى، قان تۆككۈچى بولغان، شۇنداق يامانلىقلارنىڭ بىرىنى ئۆز قېرىندىشىغا قىلغان، ھەمدە يۇقىرىقى ياخشىلىقنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىغان، بىر ئوغلى بولسا، ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزغان، |
והוא את כל אלה לא עשה--כי גם אל ההרים אכל ואת אשת רעהו טמא | 11 |
עני ואביון הונה--גזלות גזל חבל לא ישיב ואל הגלולים נשא עיניו תועבה עשה | 12 |
ئاجىز-نامراتلارغا زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، بۇلاڭچىلىق قىلغان، قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرمىغان، بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىگەن، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان، |
בנשך נתן ותרבית לקח וחי לא יחיה את כל התועבות האלה עשה--מות יומת דמיו בו יהיה | 13 |
پۇلنى ئۆسۈمگە بەرگەن، جازانە ئالغان بىر ئوغلى بولسا ــ ئەمدى ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇ ھايات قالمايدۇ؛ ئۇ مۇشۇنداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغىنى ئۈچۈن ئۇ جەزمەن ئۆلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۆز قېنى ئۆز بېشى ئۈستىگە چۈشىدۇ. |
והנה הוליד בן וירא את כל חטאת אביו אשר עשה ויראה ולא יעשה כהן | 14 |
بىراق مانا، مۇشۇ كىشىمۇ بىر ئوغۇل تاپسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ سادىر قىلغان بارلىق گۇناھلىرىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ھەم كۆرگىنى بىلەن شۇنداق قىلمىسا |
על ההרים לא אכל ועיניו לא נשא אל גלולי בית ישראל את אשת רעהו לא טמא | 15 |
ــ يەنى تاغلار ئۈستىدە بۇتقا ئاتالغان تائامنى يېمىگەن، ئىسرائىل جەمەتىدىكى بۇتلارغا باش كۆتۈرۈپ ئۇلاردىن تىلىمىگەن، قوشنىسىنىڭ ئايالىنى بۇزمىغان، |
ואיש לא הונה--חבל לא חבל וגזלה לא גזל לחמו לרעב נתן וערום כסה בגד | 16 |
ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، قەرزداردىن كاپالەت ئېلىشنى ھېچ ئۆزىگە تۇتمىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن، |
מעני השיב ידו נשך ותרבית לא לקח--משפטי עשה בחקותי הלך הוא לא ימות בעון אביו--חיה יחיה | 17 |
ئۆز قولىنى قەبىھلىكتىن تارتىدىغان، پۇلنى ئۆسۈمگە بەرمىگەن، ئۆسۈم-جازانە ئالمىغان، بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىدىغان، بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭىدىغان بولسا ــ ئۇ ئۆز ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلمەيدۇ، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ. |
אביו כי עשק עשק גזל גזל אח ואשר לא טוב עשה בתוך עמיו והנה מת בעונו | 18 |
ئۇنىڭ ئاتىسى بولسا، زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتكەن، ئۆز قېرىندىشىغا بۇلاڭچىلىق قىلغان، ئۆز خەلقى ئارىسىدا ناتوغرا ئىشلارنى قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، مانا ئۇ ئۆز قەبىھلىكى ئىچىدە ئۆلىدۇ. |
ואמרתם מדע לא נשא הבן בעון האב והבן משפט וצדקה עשה את כל חקותי שמר ויעשה אתם--חיה יחיה | 19 |
سىلەر: «نېمىشقا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؟» دەپ سورايسىلەر؛ بىراق ئوغۇل ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزگەن، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلغان؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ؛ |
הנפש החטאת היא תמות בן לא ישא בעון האב ואב לא ישא בעון הבן--צדקת הצדיק עליו תהיה ורשעת רשע (הרשע) עליו תהיה | 20 |
گۇناھ سادىر قىلغۇچى جان ئىگىسى ئۆلىدۇ. ئوغۇل ئاتىسىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ، ۋە ياكى ئاتا ئوغلىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى كۆتۈرمەيدۇ؛ ھەققانىي كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ، رەزىل كىشىنىڭ رەزىللىكى ئۆز ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ |
והרשע כי ישוב מכל חטאתו אשר עשה ושמר את כל חקותי ועשה משפט וצדקה--חיה יחיה לא ימות | 21 |
ۋە رەزىل كىشى بارلىق سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، مېنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئادىللىق ھەم ئادالەتنى يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. |
כל פשעיו אשר עשה לא יזכרו לו בצדקתו אשר עשה יחיה | 22 |
ئۇنىڭ سادىر قىلغان بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرى ئۇنىڭ ھېسابىغا ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۇ قىلغان ھەققانىيلىقى بىلەن ھايات بولىدۇ. |
החפץ אחפץ מות רשע נאם אדני יהוה הלוא בשובו מדרכיו וחיה | 23 |
مەن رەزىل ئادەمنىڭ ئۆلۈمىدىن ھۇزۇر ئالامدىمەن؟ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. ئەكسىچە، مەندىكى ھۇزۇر ئۇنىڭ ئۆز يولىدىن يېنىپ توۋا قىلغانلىلقىدىن ئەمەسمۇ؟ |
ובשוב צדיק מצדקתו ועשה עול ככל התועבות אשר עשה הרשע יעשה וחי--כל צדקתו אשר עשה לא תזכרנה במעלו אשר מעל ובחטאתו אשר חטא בם ימות | 24 |
ھەققانىي كىشى ئۆز ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىك قىلغان، رەزىل ئادەملەرنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئۇ ھايات قالامدۇ؟ ئۇنىڭ قىلغان ھەققانىيلىقلىرىدىن ھېچقايسىسى ئەسلەنمەيدۇ؛ ئۆتكۈزگەن ئاسىيلىقى، سادىر قىلغان گۇناھ ئىچىدە، ئۇ ئۆلىدۇ. |
ואמרתם לא יתכן דרך אדני שמעו נא בית ישראל הדרכי לא יתכן הלא דרכיכם לא יתכנו | 25 |
ئەمما سىلەر: «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيسىلەر؛ ئەمدى، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ئاڭلاڭلار؛ مېنىڭ يولۇم ئادىل ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئادىلسىزلىك ئەمەسمۇ؟ |
בשוב צדיק מצדקתו ועשה עול ומת עליהם בעולו אשר עשה ימות | 26 |
ھەققانىي كىشى ھەققانىيلىقىدىن يېنىپ، قەبىھلىكنى ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ ئۆلىدۇ؛ ئۆتكۈزگەن قەبىھلىكى بىلەن ئۇ ئۆلىدۇ. |
ובשוב רשע מרשעתו אשר עשה ויעש משפט וצדקה--הוא את נפשו יחיה | 27 |
ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ. |
ויראה וישוב (וישב) מכל פשעיו אשר עשה--חיו יחיה לא ימות | 28 |
چۈنكى ئۇ ئويلىنىپ، بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن ياندى؛ ئۇ جەزمەن ھايات بولىدۇ، ئۇ ئۆلمەيدۇ. |
ואמרו בית ישראל לא יתכן דרך אדני הדרכי לא יתכנו בית ישראל--הלא דרכיכם לא יתכן | 29 |
لېكىن ئىسرائىل جەمەتى «رەبنىڭ يولى ئادىل ئەمەس» دەيدۇ؛ ئى ئىسرائىل جەمەتى، مېنىڭ يوللىرىم ئادىل ئەمەسمۇ؟ ئادىل بولمىغىنى سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ |
לכן איש כדרכיו אשפט אתכם בית ישראל--נאם אדני יהוה שובו והשיבו מכל פשעיכם ולא יהיה לכם למכשול עון | 30 |
شۇڭا مەن ئۈستۈڭلارغا، يەنى ھەربىرىڭلارنى ئۆز يوللىرىڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. قايتىپ يېنىمغا كېلىڭلار، بارلىق ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن قەبىھلىك سىلەرگە قىلتاق بولمايدۇ. |
השליכו מעליכם את כל פשעיכם אשר פשעתם בם ועשו לכם לב חדש ורוח חדשה ולמה תמתו בית ישראל | 31 |
ئۆزۈڭلاردىن بارلىق ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارغا يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھنى تىكلەڭلار؛ نېمىشقا ئۆلمەكچىسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟ |
כי לא אחפץ במות המת נאם אדני יהוה והשיבו וחיו | 32 |
چۈنكى ئۆلىدىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن ماڭا ھۇزۇر يوقتۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ شۇڭا يولۇڭلاردىن يېنىپ توۋا قىلىپ ھايات بولۇڭلار!». |