ועשה בצלאל ואהליאב וכל איש חכם לב אשר נתן יהוה חכמה ותבונה בהמה לדעת לעשת את כל מלאכת עבדת הקדש--לכל אשר צוה יהוה | 1 |
شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». |
ויקרא משה אל בצלאל ואל אהליאב ואל כל איש חכם לב אשר נתן יהוה חכמה בלבו--כל אשר נשאו לבו לקרבה אל המלאכה לעשת אתה | 2 |
شۇ ۋاقىتتا مۇسا بەزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار دانالىق-ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان، كۆڭلى ئۆزىنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىشقا دالالەت قىلغان بارلىق ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى چاقىرىپ يىغدى. |
ויקחו מלפני משה את כל התרומה אשר הביאו בני ישראל למלאכת עבדת הקדש--לעשת אתה והם הביאו אליו עוד נדבה--בבקר בבקר | 3 |
ئۇلار كېلىپ مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك سەرەمجانلارنى ياساشقا ئىسرائىللار ئېلىپ كەلتۈرگەن بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىسرائىل خەلقى يەنىلا ئۆز مەيلى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى مۇساغا ئىختىيارىي ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. |
ויבאו כל החכמים העשים את כל מלאכת הקדש--איש איש ממלאכתו אשר המה עשים | 4 |
ئاندىن مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ قويۇپ كېلىپ، |
ויאמרו אל משה לאמר מרבים העם להביא מדי העבדה למלאכה אשר צוה יהוה לעשת אתה | 5 |
مۇساغا: ــ خەلقنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئېھتىياج بولغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ــ دېيىشتى. |
ויצו משה ויעבירו קול במחנה לאמר איש ואשה אל יעשו עוד מלאכה לתרומת הקדש ויכלא העם מהביא | 6 |
ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى. |
והמלאכה היתה דים לכל המלאכה--לעשות אתה והותר | 7 |
چۈنكى ئۇلار تەييارلىغان ماتېرىياللار پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەتتى، ھەتتا ئېشىپ قالاتتى. |
ויעשו כל חכם לב בעשי המלאכה את המשכן--עשר יריעת שש משזר ותכלת וארגמן ותולעת שני--כרבים מעשה חשב עשה אתם | 8 |
مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن ئون پارچە يوپۇق ياساپ، كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى يوپۇقلارغا چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقتى. |
ארך היריעה האחת שמנה ועשרים באמה ורחב ארבע באמה היריעה האחת מדה אחת לכל היריעת | 9 |
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. |
ויחבר את חמש היריעת אחת אל אחת וחמש יריעת חבר אחת אל אחת | 10 |
[بەزالەل] يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى، قالغان بەش يوپۇقنىمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلىدى. |
ויעש ללאת תכלת על שפת היריעה האחת מקצה במחברת כן עשה בשפת היריעה הקיצונה במחברת השנית | 11 |
ئۇ ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمىلەرنى قادىدى، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلدى. |
חמשים ללאת עשה ביריעה האחת וחמשים ללאת עשה בקצה היריעה אשר במחברת השנית מקבילת הללאת--אחת אל אחת | 12 |
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىدى. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىندى. |
ויעש חמשים קרסי זהב ויחבר את היריעת אחת אל אחת בקרסים ויהי המשכן אחד | 13 |
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. |
ויעש יריעת עזים לאהל על המשכן עשתי עשרה יריעת עשה אתם | 14 |
ئۇ مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىدى؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىدى. |
ארך היריעה האחת שלשים באמה וארבע אמות רחב היריעה האחת מדה אחת לעשתי עשרה יריעת | 15 |
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. |
ויחבר את חמש היריעת לבד ואת שש היריעת לבד | 16 |
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلدى. |
ויעש ללאת חמשים על שפת היריעה הקיצנה במחברת וחמשים ללאת עשה על שפת היריעה החברת השנית | 17 |
ئۇ بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى. |
ויעש קרסי נחשת חמשים לחבר את האהל להית אחד | 18 |
ئۇ چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويدى. |
ויעש מכסה לאהל ערת אילם מאדמים ומכסה ערת תחשים מלמעלה | 19 |
ئۇ بۇنىڭدىن باشقا چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىدى. |
ויעש את הקרשים למשכן עצי שטים עמדים | 20 |
ئۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىدى. |
עשר אמת ארך הקרש ואמה וחצי האמה רחב הקרש האחד | 21 |
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز قىلىندى. |
שתי ידת לקרש האחד משלבת אחת אל אחת כן עשה לכל קרשי המשכן | 22 |
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بار ئىدى، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى؛ ئۇ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى. |
ויעש את הקרשים למשכן עשרים קרשים לפאת נגב תימנה | 23 |
ئۇ چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى؛ يىگىرمىسى جەنۇب تەرەپكە ئورنىتىلدى؛ |
וארבעים אדני כסף--עשה תחת עשרים הקרשים שני אדנים תחת הקרש האחד לשתי ידתיו ושני אדנים תחת הקרש האחד לשתי ידתיו | 24 |
ئۇ بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىكنى ياسىدى. |
ולצלע המשכן השנית לפאת צפון עשה עשרים קרשים | 25 |
شۇنىڭدەك ئۇ چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ياسىدى، |
וארבעים אדניהם כסף--שני אדנים תחת הקרש האחד ושני אדנים תחת הקרש האחד | 26 |
شۇنداقلا بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكىنى كۈمۈشتىن ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. |
ולירכתי המשכן ימה עשה ששה קרשים | 27 |
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاينى ياساپ ئورناتتى. |
ושני קרשים עשה למקצעת המשכן--בירכתים | 28 |
ئۇ چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتتى. |
והיו תואמם מלמטה ויחדו יהיו תמים אל ראשו אל הטבעת האחת כן עשה לשניהם לשני המקצעת | 29 |
بۇ بۇلۇڭ تاختايلىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇردى، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلدى. ئۇ ھەر ئىككىسىنى شۇنداق ياساپ، ئىككى بۇلۇڭغا ئورناتتى. |
והיו שמנה קרשים ואדניהם כסף ששה עשר אדנים--שני אדנים שני אדנים תחת הקרש האחד | 30 |
شۇڭلاشقىمۇ ئۇ تەرىپىدە سەككىز تاختاي بولدى، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بار ئىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بار ئىدى. |
ויעש בריחי עצי שטים--חמשה לקרשי צלע המשכן האחת | 31 |
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىدى؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، |
וחמשה בריחם לקרשי צלע המשכן השנית וחמשה בריחם לקרשי המשכן לירכתים ימה | 32 |
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغىمۇ بەش بالداقنى ياسىدى. |
ויעש את הבריח התיכן לברח בתוך הקרשים מן הקצה אל הקצה | 33 |
ئۇ تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا بالداقنى بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ ياسىدى. |
ואת הקרשים צפה זהב ואת טבעתם עשה זהב--בתים לבריחם ויצף את הבריחם זהב | 34 |
ئۇ تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. |
ויעש את הפרכת תכלת וארגמן ותולעת שני ושש משזר מעשה חשב עשה אתה כרבים | 35 |
ئۇ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى؛ ئۇنى كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ، كەشتىلەپ چىقاردى. |
ויעש לה ארבעה עמודי שטים ויצפם זהב וויהם זהב ויצק להם ארבעה אדני כסף | 36 |
ئۇنى ئېسىشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت خادا ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى؛ خادىلارغا ئۇ كۈمۈشتىن تۆت تەگلىكنى قۇيۇپ ياسىدى. |
ויעש מסך לפתח האהל תכלת וארגמן ותולעת שני ושש משזר מעשה רקם | 37 |
ئۇ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نەپىس توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى، ئۇنى كەشتىچىگە كەشتىلەتتى. |
ואת עמודיו חמשה ואת וויהם וצפה ראשיהם וחשקיהם זהב ואדניהם חמשה נחשת | 38 |
ئۇ يەنە بۇ پەردىنىڭ بەش خادىسىنى ئىلمەكلىرى بىلەن قوشۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇلارنىڭ بەش تەگلىكى مىستىن ياسالدى. |