ויקהל משה את כל עדת בני ישראל--ויאמר אלהם אלה הדברים אשר צוה יהוה לעשת אתם | 1 |
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئەمرلەر مۇنۇلاردۇر: ــ |
ששת ימים תעשה מלאכה וביום השביעי יהיה לכם קדש שבת שבתון ליהוה כל העשה בו מלאכה יומת | 2 |
ئالتە كۈن ئىش-ئەمگەك كۈنى بولسۇن؛ لېكىن يەتتىنچى كۈنى سىلەرگە نىسبەتەن مۇقەددەس بىر كۈن بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولسۇن. ھەركىم شۇ كۈنىدە ئىش-ئەمگەك قىلسا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. |
לא תבערו אש בכל משבתיכם ביום השבת | 3 |
شابات كۈنىدە بارلىق تۇرالغۇلىرىڭلاردا ھەرگىز ئوت قالىماڭلار، ــ دېدى. |
ויאמר משה אל כל עדת בני ישראל לאמר זה הדבר אשר צוה יהוה לאמר | 4 |
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئەمر مانا شۇكى: ــ |
קחו מאתכם תרומה ליהוה כל נדיב לבו יביאה את תרומת יהוה זהב וכסף ונחשת | 5 |
ئۆزۈڭلارنىڭ ئاراڭلاردىن پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە» كەلتۈرۈڭلار؛ كۆڭلى خالىغانلارنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا بىر «كۆتۈرمە ھەدىيە»سىنى كەلتۈرسۇن: يەنى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، |
ותכלת וארגמן ותולעת שני ושש ועזים | 6 |
كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ، ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، |
וערת אילם מאדמים וערת תחשים ועצי שטים | 7 |
قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، دېلفىن تېرىسى، ئاكاتسىيە ياغىچى، |
ושמן למאור ובשמים לשמן המשחה ולקטרת הסמים | 8 |
چىراغدان ئۈچۈن زەيتۇن مېيى، «مەسىھلەش مېيى» بىلەن خۇشبۇي ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەر، |
ואבני שהם--ואבני מלאים לאפוד ולחשן | 9 |
ئەفودقا ھەم قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىق ۋە باشقا ياقۇتلارنى كەلتۈرۈڭلار». |
וכל חכם לב בכם יבאו ויעשו את כל אשר צוה יהוה | 10 |
ــ «ئاراڭلاردىكى بارلىق ماھىر ئۇستىلار كېلىپ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ياساپ بەرسۇن: |
את המשכן--את אהלו ואת מכסהו את קרסיו ואת קרשיו את בריחו את עמדיו ואת אדניו | 11 |
ــ [مۇقەددەس] چېدىر بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى يوپۇقلىرىنى، ئىلغۇلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرىنى ۋە بۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، |
את הארן ואת בדיו את הכפרת ואת פרכת המסך | 12 |
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى، |
את השלחן ואת בדיו ואת כל כליו ואת לחם הפנים | 13 |
شىرە ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق قاچا-قۇچىلىرىنى ۋە «تەقدىم نانلىرى»نى، |
ואת מנרת המאור ואת כליה ואת נרתיה ואת שמן המאור | 14 |
يورۇقلۇق ئۈچۈن ياسالغان چىراغدان ۋە ئۇنىڭ ئەسۋابلىرىنى، ئۇنىڭ چىراغلىرى ۋە چىراغ مېيىنى، |
ואת מזבח הקטרת ואת בדיו ואת שמן המשחה ואת קטרת הסמים ואת מסך הפתח לפתח המשכן | 15 |
خۇشبۇيگاھ ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، دورا-دەرمەكلەردىن ئىشلەنگەن خۇشبۇينى، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «ئىشىك پەردىسى»نى، |
את מזבח העלה ואת מכבר הנחשת אשר לו את בדיו ואת כל כליו את הכיר ואת כנו | 16 |
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھى ۋە ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، بالداقلىرىنى ۋە بارلىق ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى، |
את קלעי החצר את עמדיו ואת אדניה ואת מסך שער החצר | 17 |
ھويلىنىڭ پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىنى، |
את יתדת המשכן ואת יתדת החצר ואת מיתריהם | 18 |
چېدىرنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، ھويلىنىڭ مىخ-قوزۇقلىرىنى، شۇنداقلا بارلىق تانىلىرىنى، |
את בגדי השרד לשרת בקדש את בגדי הקדש לאהרן הכהן ואת בגדי בניו לכהן | 19 |
توقۇلىدىغان كىيىملەر، يەنى مۇقەددەس جاينىڭ خىزمىتىگە كاھىنلىق خىزمىتىدە كىيىلىدىغان، ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كىيىملىرىنى تەييار قىلسۇن». |
ויצאו כל עדת בני ישראל מלפני משה | 20 |
شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسانىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى. |
ויבאו כל איש אשר נשאו לבו וכל אשר נדבה רוחו אתו הביאו את תרומת יהוה למלאכת אהל מועד ולכל עבדתו ולבגדי הקדש | 21 |
ئاندىن كۆڭلى تارتقانلارنىڭ ھەربىرى، روھى ئۆزلىرىگە تۈرتكە بولغانلارنىڭ ھەربىرى كېلىپ، جامائەت چېدىرىنى ياساشقا، شۇنداقلا چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سەرەمجانلارنى ياساشقا ۋە مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىشكە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «پۇلاڭلاتما ھەدىيە»نى كەلتۈرگىلى تۇردى. |
ויבאו האנשים על הנשים כל נדיב לב הביאו חח ונזם וטבעת וכומז כל כלי זהב וכל איש אשר הניף תנופת זהב ליהוה | 22 |
ئۇلار ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ كېلىپ، سۇنۇشقا كۆڭلى خۇش بولغانلارنىڭ ھەربىرى ھەدىيە كەلتۈرۈپ، بۇلاپكا، زىرە-ھالقا، ئۈزۈك، زۇننار-بىلەزۈك قاتارلىق ھەرخىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى؛ ئالتۇننى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ بېرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنى پەرۋەردىگارغا سۇندى. |
וכל איש אשר נמצא אתו תכלת וארגמן ותולעת שני--ושש ועזים וערת אילם מאדמים וערת תחשים הביאו | 23 |
كىمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە دېلفىن تېرىسى بولسا، شۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. |
כל מרים תרומת כסף ונחשת הביאו את תרומת יהוה וכל אשר נמצא אתו עצי שטים לכל מלאכת העבדה--הביאו | 24 |
كۈمۈش يا مىستىن كۆتۈرمە ھەدىيە كەلتۈرەي دېگەنلەرنىڭ ھەربىرى شۇنى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىپ سۇندى. كىمدە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل سەرەمجانلارغا يارىغۇدەك ئاكاتسىيە ياغىچى بولسا، ئۇنى ئېلىپ كەلدى. |
וכל אשה חכמת לב בידיה טוו ויביאו מטוה את התכלת ואת הארגמן את תולעת השני ואת השש | 25 |
قولى چېۋەر ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېگىرىپ، شۇ ئېگىرگەن يىپ ۋە رەختلەرنى، يەنى كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەختلەرنى كەلتۈردى، |
וכל הנשים--אשר נשא לבן אתנה בחכמה טוו את העזים | 26 |
شۇنىڭدەك كۆڭلى قوزغالغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. |
והנשאם הביאו--את אבני השהם ואת אבני המלאים לאפוד ולחשן | 27 |
ئەمىرلەر ئەفود ۋە قوشېنغا ئورنىتىلىدىغان ھېقىقلار ۋە ياقۇتلارنى، |
ואת הבשם ואת השמן למאור--ולשמן המשחה ולקטרת הסמים | 28 |
دورا-دەرمەكلەرنى، چىراغقا ۋە مەسىھلەش مېيىغا ئىشلىتىلىدىغان زەيتۇن مېيىنى، خۇشبۇيغا ئىشلىتىلىدىغان ئېسىل دورا-دەرمەكلەرنى كەلتۈردى. |
כל איש ואשה אשר נדב לבם אתם להביא לכל המלאכה אשר צוה יהוה לעשות ביד משה--הביאו בני ישראל נדבה ליהוה | 29 |
شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەرقايسىغا بىر نەرسە بېرىشكە كۆڭلى تارتقان بولسا، ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن ھەربىرى شۇنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىختىيارىي ھەدىيە بەردى. |
ויאמר משה אל בני ישראל ראו קרא יהוה בשם בצלאל בן אורי בן חור למטה יהודה | 30 |
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: ــ «مانا، پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەلنى ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرىپ، |
וימלא אתו רוח אלהים בחכמה בתבונה ובדעת ובכל מלאכה | 31 |
ئۇنى خۇدانىڭ روھى بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇنىڭغا دانالىق، ئەقىل-پاراسەت، ئىلىم-ھېكمەت ئىگىلىتىپ، ئۇنى ھەرتۈرلۈك ئىشنى قىلىشقا قابىلىيەتلىك قىلىپ، |
ולחשב מחשבת--לעשת בזהב ובכסף ובנחשת | 32 |
ئۇنى تۈرلۈك-تۈرلۈك ھۈنەرلەرنى قىلالايدىغان ــ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس ئىشلىرىنى قىلالايدىغان، |
ובחרשת אבן למלאת ובחרשת עץ לעשות בכל מלאכת מחשבת | 33 |
ياقۇتلارنى كېسىپ-ئويالايدىغان، زىننەت بۇيۇملىرىغا ئورنىتالايدىغان، ياغاچلارغا نەقىش چىقىرالايدىغان، ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنى قاملاشتۇرالايدىغان قىلدى. |
ולהורת נתן בלבו הוא ואהליאב בן אחיסמך למטה דן | 34 |
ئۇ يەنە ئۇنىڭ كۆڭلىگە، شۇنىڭدەك ھەم دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭ كۆڭلىگە [باشقىلارغا] ھۈنەر ئۆگىتىش نىيەت-ئىستىكىنى سېلىپ، |
מלא אתם חכמת לב לעשות כל מלאכת חרש וחשב ורקם בתכלת ובארגמן בתולעת השני ובשש וארג עשי כל מלאכה וחשבי מחשבת | 35 |
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى دانالىق-ھېكمەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرخىل نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئىشلىرىغا ماھىر قىلىپ، كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ بىلەن ئاق كاناپ رەخت بىلەن كەشتىچىلىك قىلىشقا ھەمدە باپكارلىققا ئىقتىدارلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرخىل ھۈنەر ئىشلىرىنىڭ ۋە ھەرخىل لايىھىلەش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولدى. |