ואלה המשפטים אשר תשים לפניהם | 1 |
ــ سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر مۇنۇلاردۇر: ــ |
כי תקנה עבד עברי שש שנים יעבד ובשבעת--יצא לחפשי חנם | 2 |
ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمىتىڭدە بولۇپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ھۆر قىلىنسۇن. |
אם בגפו יבא בגפו יצא אם בעל אשה הוא ויצאה אשתו עמו | 3 |
ئۇ قۇل قىلىنىشقا تەنھا ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، تەنھا ھالەتتە كەتسۇن. ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن. |
אם אדניו יתן לו אשה וילדה לו בנים או בנות--האשה וילדיה תהיה לאדניה והוא יצא בגפו | 4 |
ئەگەر خوجىسى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا، شۇنداقلا ئايالى ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايال بالىلىرى بىلەن خوجىسىغا قېلىپ، ئەر يالغۇز كەتسۇن. |
ואם אמר יאמר העבד אהבתי את אדני את אשתי ואת בני לא אצא חפשי | 5 |
لېكىن ئەگەر قۇل ئېلان قىلىپ: «مەن خوجام، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن ھۆر بولۇپ كەتمەيمەن» دېسە، |
והגישו אדניו אל האלהים והגישו אל הדלת או אל המזוזה ורצע אדניו את אזנו במרצע ועבדו לעלם | 6 |
ئۇنداقتا ئۇنىڭ خوجىسى ئۇنى خۇدانىڭ [ئىبادەت سورۇنىنىڭ] ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن؛ ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەڭگۈگە خوجىسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ. |
וכי ימכר איש את בתו לאמה--לא תצא כצאת העבדים | 7 |
ئەگەر بىركىم قىزىنى دېدەكلىككە سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئەر قۇللار ھۆر قىلىنغاندەك ھۆر قىلىنمىسۇن. |
אם רעה בעיני אדניה אשר לא (לו) יעדה--והפדה לעם נכרי לא ימשל למכרה בבגדו בה | 8 |
ئەگەر ئۆزىگە خاس سېتىۋالغان قىز خوجىسىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ ئۇنى ھۆر قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. لېكىن خوجىسىنىڭ ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ چۈنكى خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. |
ואם לבנו ייעדנה--כמשפט הבנות יעשה לה | 9 |
ئەگەر ئۇ قىزنى ئوغلىغا خاس بېكىتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن. |
אם אחרת יקח לו--שארה כסותה וענתה לא יגרע | 10 |
ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن. |
ואם שלש אלה--לא יעשה לה ויצאה חנם אין כסף | 11 |
ئەگەر ئۇ شۇ ئۈچ ئىشنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بەدەل تۆلىمەي ھۆر بولسۇن. |
מכה איש ומת מות יומת | 12 |
كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. |
ואשר לא צדה והאלהים אנה לידו--ושמתי לך מקום אשר ינוס שמה | 13 |
لېكىن ئەگەر ئۇ كىشى [ئۆلگۈچىنىڭ] جېنىنى پايلاپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، بەلكى مەن خۇدا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە يول قويغان بولسام، ئۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇنىڭغا قاچىدىغان بىر جاينى ئورۇنلاشتۇرىمەن. |
וכי יזד איש על רעהו להרגו בערמה--מעם מזבחי תקחנו למות | 14 |
لېكىن ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ، ئۇنىڭغا قەستەن ھۇجۇم قىلسا، ئۇ گەرچە [پاناھ ئىزدەپ] قۇربانگاھىمغا قېچىپ كەلسىمۇ، ئۇ شۇ يەردە تۇتۇلسۇن ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. |
ומכה אביו ואמו מות יומת | 15 |
كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. |
וגנב איש ומכרו ונמצא בידו מות יומת | 16 |
كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ ساتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقى مەلۇم بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. |
ומקלל אביו ואמו מות יומת | 17 |
كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا لەنەت قىلىپ قارغىغان بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. |
וכי יריבן אנשים--והכה איש את רעהו באבן או באגרף ולא ימות ונפל למשכב | 18 |
ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش يا موشتى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، |
אם יקום והתהלך בחוץ על משענתו--ונקה המכה רק שבתו יתן ורפא ירפא | 19 |
ئۇ كىشى قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇرغان كىشى جازادىن خالاس قىلىنسۇن؛ پەقەت زەخىملەنگۈچىنىڭ يېتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇنى داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتسۇن. |
וכי יכה איש את עבדו או את אמתו בשבט ומת תחת ידו--נקם ינקם | 20 |
ئەگەر بىرسى قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياقتا ئۇرسا، شۇنداقلا قۇل ياكى دېدەك نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن [ئىگىسى] چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن. |
אך אם יום או יומים יעמד--לא יקם כי כספו הוא | 21 |
لېكىن ئەگەر تاياق يېگۈچى بىر-ئىككى كۈن تىرىك تۇرسا، ئۇنداقتا قۇل خوجايىنىنىڭ شەخسى مال-مۈلكى بولغىنى ئۈچۈن، قۇلنىڭ جازاسىغا تارتىلمىسۇن. |
וכי ינצו אנשים ונגפו אשה הרה ויצאו ילדיה ולא יהיה אסון--ענוש יענש כאשר ישית עליו בעל האשה ונתן בפללים | 22 |
ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. |
ואם אסון יהיה--ונתתה נפש תחת נפש | 23 |
ئەگەر [ئايال ياكى بالا] زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان، |
עין תחת עין שן תחת שן יד תחת יד רגל תחת רגל | 24 |
كۆزىگە كۆز، چىشىغا چىش، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت، |
כויה תחת כויה פצע תחת פצע חבורה תחת חבורה | 25 |
كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم، كۆككە كۆك تۆلەنسۇن. |
וכי יכה איש את עין עבדו או את עין אמתו--ושחתה לחפשי ישלחנו תחת עינו | 26 |
ئەگەر بىرسى ئۆز قۇل يا دېدىكىنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ناكار قىلىپ قويسا، كۆزى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن. |
ואם שן עבדו או שן אמתו יפיל--לחפשי ישלחנו תחת שנו | 27 |
شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن». |
וכי יגח שור את איש או את אשה ומת--סקול יסקל השור ולא יאכל את בשרו ובעל השור נקי | 28 |
ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. لېكىن كالىنىڭ ئىگىسىگە گۇناھ كەلمىسۇن. |
ואם שור נגח הוא מתמל שלשם והועד בבעליו ולא ישמרנו והמית איש או אשה--השור יסקל וגם בעליו יומת | 29 |
لېكىن بۇ ئۇينىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسۈش ئادىتى بولۇپ، ئىگىسىگە بۇ ھەقتە ئاگاھ بېرىلگەن بولسا، لېكىن يەنىلا ئۇنى باغلىمىغىنى ئۈچۈن ئەر-ئايال كىشىلەرنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. |
אם כפר יושת עליו--ונתן פדין נפשו ככל אשר יושת עליו | 30 |
لېكىن ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى بەرسۇن. |
או בן יגח או בת יגח--כמשפט הזה יעשה לו | 31 |
كالىدىن ئۈسۈلگۈچى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئوخشاشلا يۇقىرىقى ھۆكۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنسۇن. |
אם עבד יגח השור או אמה--כסף שלשים שקלים יתן לאדניו והשור יסקל | 32 |
كالا قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئۈسۈلگۈچىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شەكەل كۈمۈش بەرسۇن؛ ئاندىن كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن. |
וכי יפתח איש בור או כי יכרה איש בר--ולא יכסנו ונפל שמה שור או חמור | 33 |
ئەگەر بىرسى بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان ئورىنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، |
בעל הבור ישלם כסף ישיב לבעליו והמת יהיה לו | 34 |
ئۇنداقتا ئورىنىڭ ئىگىسى مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن؛ ئۆلگەن مال ئۇنىڭكى بولىدۇ. |
וכי יגף שור איש את שור רעהו ומת--ומכרו את השור החי וחצו את כספו וגם את המת יחצון | 35 |
ئەگەر بىرسىنىڭ كالىسى يەنە بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تىرىك قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلۈك كالىنىمۇ شۇنداق بۆلۈشسۇن. |
או נודע כי שור נגח הוא מתמול שלשם ולא ישמרנו בעליו--שלם ישלם שור תחת השור והמת יהיה לו | 36 |
لېكىن كالىنىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقى ئېنىق تۇرۇپ، ئىگىسى ئۇنى باغلىماي قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈسكۈچى كالىنىڭ ئىگىسى كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن، ئۆلۈك كالا ئۇنىڭ بولسۇن. |