ביום ההוא נתן המלך אחשורוש לאסתר המלכה את בית המן צרר היהודיים (היהודים) ומרדכי בא לפני המלך--כי הגידה אסתר מה הוא לה | 1 |
پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇ كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئىلتىپات قىلىپ خانىش ئەستەرگە بەردى؛ موردىكايمۇ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلدى، چۈنكى ئەستەر ئۆزىنىڭ موردىكاي بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى پادىشاھقا دەپ بەرگەنىدى. |
ויסר המלך את טבעתו אשר העביר מהמן ויתנה למרדכי ותשם אסתר את מרדכי על בית המן | 2 |
پادىشاھ ئۆزىنىڭ ھاماندىن قايتۇرۇۋالغان ئۈزۈكىنى چىقىرىپ موردىكايغا بەردى، ئەستەرمۇ موردىكاينى ھاماننىڭ ئۆي-جايىنى باشقۇرۇشقا قويدى. |
ותוסף אסתר ותדבר לפני המלך ותפל לפני רגליו ותבך ותתחנן לו להעביר את רעת המן האגגי ואת מחשבתו אשר חשב על היהודים | 3 |
ئەستەر يەنە پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا يىقىلىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا پادىشاھتىن ئاگاگىيلاردىن بولغان ھامان كەلتۈرۈپ چىققان بالايىئاپەتنى ھەم ئۇنىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشنى يېلىنىپ ئۆتۈندى. |
ויושט המלך לאסתר את שרבט הזהב ותקם אסתר ותעמד לפני המלך | 4 |
پادىشاھ ئالتۇن ھاسىسىنى ئەستەرگە تەڭلىۋىدى، ئەستەر ئورنىدىن قوپۇپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇردى. |
ותאמר אם על המלך טוב ואם מצאתי חן לפניו וכשר הדבר לפני המלך וטובה אני בעיניו--יכתב להשיב את הספרים מחשבת המן בן המדתא האגגי אשר כתב לאבד את היהודים אשר בכל מדינות המלך | 5 |
ــ ئەگەر ئالىيلىرى ماقۇل كۆرسە، ئەگەر مەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن بولسام، ئەگەر پادىشاھىم بۇ ئىشنى توغرا دەپ قارىسا، شۇنىڭدەك مەندىن مەمنۇن بولسا، يارلىق چۈشۈرۈپ ئاگاگىيلاردىن ھاممىداتانىڭ ئوغلى ھامان يازغان مەكتۇپلارنى، يەنى پادىشاھىمنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىسىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى مەكتۇپلارنى بىكار قىلىدىغان بىر يارلىق يېزىلىشىنى تىلەيمەن. |
כי איככה אוכל וראיתי ברעה אשר ימצא את עמי ואיככה אוכל וראיתי באבדן מולדתי | 6 |
چۈنكى مەن ئۆز خەلقىمگە چۈشىدىغان بۇ بالايىئاپەتكە قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ يوقىتىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ قاراپ تۇرالايمەن؟ ــ دېدى ئەستەر پادىشاھقا. |
ויאמר המלך אחשורש לאסתר המלכה ולמרדכי היהודי הנה בית המן נתתי לאסתר ואתו תלו על העץ--על אשר שלח ידו ביהודיים (ביהודים) | 7 |
پادىشاھ ئاھاشۋېروش خانىش ئەستەر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا: ــ مانا، ھامان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاچقا، مەن ئۇنىڭ ئۆي-زېمىنىنى ئەستەرگە بەردىم ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۇلار دارغا ئاستى. |
ואתם כתבו על היהודים כטוב בעיניכם בשם המלך וחתמו בטבעת המלך כי כתב אשר נכתב בשם המלך ונחתום בטבעת המלך--אין להשיב | 8 |
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ توغرا تاپقىنى بويىچە مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر يارلىق يېزىپ، مېنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرۈمنى بېسىڭلار؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلغان، پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بېسىلغان يارلىقنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، دېدى. |
ויקראו ספרי המלך בעת ההיא בחדש השלישי הוא חדש סיון בשלושה ועשרים בו ויכתב ככל אשר צוה מרדכי אל היהודים ואל האחשדרפנים והפחות ושרי המדינות אשר מהדו ועד כוש שבע ועשרים ומאה מדינה מדינה ומדינה ככתבה ועם ועם כלשנו ואל היהודים--ככתבם וכלשונם | 9 |
شۇ چاغدا، ئۈچىنچى ئايدا، يەنى سىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى، پادىشاھنىڭ مىرزىلىرىنىڭ ھەممىسى چاقىرىپ كېلىندى. ئۇلار موردىكاينىڭ بارلىق بۇيرۇغىنى بويىچە يارلىق يازدى؛ يارلىق يەھۇدالارنىڭ ئىشى توغرۇلۇق ھىندىستاندىن ھەبەشستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىنىڭ ۋالىيلىرىغا، ئۆلكە باشلىقى ۋە بەگلىرىگە يېزىلغان بولۇپ، مەكتۇپلار ھەرقايسى ئۆلكىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۆز تىلى بىلەن، شۇنداقلا يەھۇدىيلارغا ئۆز يېزىقى بىلەن، ئۆز تىلىدا پۈتۈلگەنىدى. |
ויכתב בשם המלך אחשורש ויחתם בטבעת המלך וישלח ספרים ביד הרצים בסוסים רכבי הרכש האחשתרנים--בני הרמכים | 10 |
موردىكاي يارلىقنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىپ، ئۇنىڭغا پادىشاھنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرىنى باستى؛ يارلىق مەكتۇپلىرىنى پادىشاھلىقنىڭ ئاتلىقلىرى بىلەن، يەنى تولپارلارغا، ئات قېچىرلارغا ۋە تۆگىلەرگە مىنگەن چەۋەندازلار ئارقىلىق ھەرقايسى جايلارغا يوللىدى. |
אשר נתן המלך ליהודים אשר בכל עיר ועיר להקהל ולעמד על נפשם--להשמיד ולהרג ולאבד את כל חיל עם ומדינה הצרים אתם טף ונשים ושללם לבוז | 11 |
يارلىقتا: «پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيۇشۇپ، ئۆز ھاياتىنى قوغدىشىغا، شۇنداقلا ئۆزلىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان ھەر مىللەت ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەردىكى كۈچلەرنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى قويماي يوقىتىشىغا، قىرىشىغا، نەسلىنى قۇرۇتۇشىغا، شۇنداقلا مال-مۈلكىنى ئولجا قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلدى؛ |
ביום אחד בכל מדינות המלך אחשורוש--בשלושה עשר לחדש שנים עשר הוא חדש אדר | 12 |
بۇ ئىش بىر كۈندە، يەنى ئون ئىككىنچى ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پۈتۈلگەنىدى. |
פתשגן הכתב להנתן דת בכל מדינה ומדינה גלוי לכל העמים ולהיות היהודיים (היהודים) עתודים (עתידים) ליום הזה להנקם מאיביהם | 13 |
يارلىق ھەرقايسى ئۆلكىگە ئەۋەتىلىپ، پەرمان سۈپىتىدە ئېلان قىلىنسۇن، يەھۇدىيلارنىڭ ئەشۇ كۈنى دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىشقا تەييارلىنىپ قويۇشى ئۈچۈن يارلىقنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ھەرقايسى ئەل-مىللەتلەرگە ئۇقتۇرۇلسۇن، دەپ بېكىتىلدى. |
הרצים רכבי הרכש האחשתרנים יצאו מבהלים ודחופים בדבר המלך והדת נתנה בשושן הבירה | 14 |
شۇنىڭ بىلەن چەۋەندازلار تولپارلارغا ۋە قېچىرلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي يولغا ئاتلاندى؛ يارلىق شۇشان قەلئەسىدىمۇ جاكارلاندى. |
ומרדכי יצא מלפני המלך בלבוש מלכות תכלת וחור ועטרת זהב גדולה ותכריך בוץ וארגמן והעיר שושן צהלה ושמחה | 15 |
موردىكاي كۆك ۋە ئاق رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، بېشىغا كاتتا ئالتۇن تاجنى تاقاپ، سۆسۈن رەڭ كەندىر يېپىنچىنى يېپىنىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى؛ شۇشان شەھەردىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ تەنتەنە قىلىشتى. |
ליהודים היתה אורה ושמחה וששן ויקר | 16 |
يەھۇدىيلار يورۇقلۇق، شاد-خۇراملىق ۋە ئىززەت-ئىكرامغا مۇيەسسەر بولدى. |
ובכל מדינה ומדינה ובכל עיר ועיר מקום אשר דבר המלך ודתו מגיע שמחה וששון ליהודים משתה ויום טוב ורבים מעמי הארץ מתיהדים--כי נפל פחד היהודים עליהם | 17 |
ھەرقايسى ئۆلكە، ھەرقايسى شەھەرلەردە، پادىشاھنىڭ ئەمر-يارلىقى يېتىپ بارغانلىكى يەرلەردە، يەھۇدىيلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، زىياپەت قىلىپ مۇبارەك بىر كۈننى ئۆتكۈزۈشتى؛ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دېيىشىۋالدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلاردىن قورقۇش ۋەھىمىسى ئۇلارنى بېسىۋالغانىدى. |