ויהי בימי אחשורוש הוא אחשורוש המלך מהדו ועד כוש--שבע ועשרים ומאה מדינה | 1 |
ئاھاشۋېروش (ھىندىستاندىن ھەبەشىستانغىچە بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئاھاشۋېروش)نىڭ تەختتىكى كۈنلىرىدە شۇنداق بىر ۋەقە بولدى: ــ |
בימים ההם--כשבת המלך אחשורוש על כסא מלכותו אשר בשושן הבירה | 2 |
شۇ كۈنلەردە، ئۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروش شۇشان قەلئەسىدىكى شاھانە تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، |
בשנת שלוש למלכו עשה משתה לכל שריו ועבדיו חיל פרס ומדי הפרתמים ושרי המדינות--לפניו | 3 |
ئۇ سەلتەنەت سۈرۈپ ئۈچىنچى يىلى بارلىق ئەمىرلىرى ۋە بەگ-ھاكىملىرىغا زىياپەت بەردى؛ پارس ۋە مېدىئانىڭ قوشۇنى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئېسىلزادىلىرى ۋە بەگلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولدى. |
בהראתו את עשר כבוד מלכותו ואת יקר תפארת גדולתו ימים רבים שמונים ומאת יום | 4 |
ئۇ سەلتەنىتىنىڭ بايلىقىنىڭ شانۇ-شەۋكىتى ۋە ھەيۋىتىنىڭ كاتتا جۇلاسىنى كۆپ كۈنلەر، يەنى بىر يۈز سەكسەن كۈن كۆرگەزمە قىلدى. |
ובמלואת הימים האלה עשה המלך לכל העם הנמצאים בשושן הבירה למגדול ועד קטן משתה--שבעת ימים בחצר גנת ביתן המלך | 5 |
بۇ كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن پادىشاھ يەنە شۇشان قەلئەسىدىكى بارلىق خەلققە چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوردىنىڭ چاربېغىدىكى ھويلىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. |
חור כרפס ותכלת אחוז בחבלי בוץ וארגמן על גלילי כסף ועמודי שש מטות זהב וכסף על רצפת בהט ושש--ודר וסחרת | 6 |
ئۇ يەر ئاق ۋە كۆك كەندىر يىپتىن توقۇلغان پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەرگە بېكىتىلگەن كۈمۈش ھالقىلارغا ئاق رەڭلىك كەندىر يىپ ۋە سۆسۈن يۇڭلۇق شوينىلار بىلەن ئېسىلغانىدى؛ ئاق قاشتاش ۋە ئاق مەرمەر تاشلار، سەدەپ ۋە قارا مەرمەر تاشلار ياتقۇزۇلغان مەيدان ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان دىۋانلار قويۇلغانىدى. |
והשקות בכלי זהב וכלים מכלים שונים ויין מלכות רב כיד המלך | 7 |
ئىچىملىكلەر ئالتۇن جاملاردا تۇتۇپ ئىچىلەتتى؛ جاملار بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ شاھانە مەي-شارابلار پادىشاھنىڭ سەلتەنىتىگە يارىشا مول ئىدى. |
והשתיה כדת אין אנס כי כן יסד המלך על כל רב ביתו--לעשות כרצון איש ואיש | 8 |
شاراب ئىچىش قائىدىسى بويىچە، زورلاشقا رۇخسەت قىلىنمايتتى؛ چۈنكى پادىشاھ ئوردىدىكى بارلىق غوجىدارلارغا، ھەركىمنىڭ ئىچىشى ئۆز خاھىشى بويىچە بولسۇن، دەپ بېكىتىپ بەرگەنىدى. |
גם ושתי המלכה עשתה משתה נשים--בית המלכות אשר למלך אחשורוש | 9 |
خانىش ۋاشتىمۇ پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن زىياپەت بەردى. |
ביום השביעי כטוב לב המלך ביין--אמר למהומן בזתא חרבונא בגתא ואבגתא זתר וכרכס שבעת הסריסים המשרתים את פני המלך אחשורוש | 10 |
يەتتىنچى كۈنى ئاھاشۋېروش پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ئالدىدا خىزمىتىدە تۇرغان مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىگتا، ئاباگتا، زېتار، كاركاس دېگەن يەتتە ھەرەمئاغىسىنى |
להביא את ושתי המלכה לפני המלך--בכתר מלכות להראות העמים והשרים את יפיה כי טובת מראה היא | 11 |
خانىش ۋاشتىنىڭ پۇقرالار ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا گۈزەللىكىنى كۆرسەتسۇن دەپ، ئۇنى خانىشلىق تاجىنى كىيىپ كېلىشكە چارقىرغىلى ئەۋەتتى؛ چۈنكى ئۇ تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. |
ותמאן המלכה ושתי לבוא בדבר המלך אשר ביד הסריסים ויקצף המלך מאד וחמתו בערה בו | 12 |
لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ كېلىشنى رەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ قەھرى ئۆرلىدى. |
ויאמר המלך לחכמים ידעי העתים כי כן דבר המלך לפני כל ידעי דת ודין | 13 |
شۇ ۋاقىتلاردا پادىشاھنىڭ ئىشلىرى توغرۇلۇق قانۇن-ئەھكاملارنى پىششىق بىلگەنلەردىن مەسلىھەت سوراش ئادىتى بار ئىدى؛ شۇڭا پادىشاھ ۋەزىيەتنى پىششىق چۈشىنىدىغان دانىشمەنلەردىن سورىدى |
והקרב אליו כרשנא שתר אדמתא תרשיש מרס מרסנא ממוכן--שבעת שרי פרס ומדי ראי פני המלך הישבים ראשנה במלכות | 14 |
(ئۇ چاغدا دانىشمەنلەردىن ئۇنىڭ يېنىدا كارشىنا، شېتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسېنا، مەمۇكان قاتارلىق يەتتە پارس بىلەن مېدىئانىڭ ئەمىرلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار دائىم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ تۇراتتى، پادىشاھلىقتا ئۇلار ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى). |
כדת מה לעשות במלכה ושתי--על אשר לא עשתה את מאמר המלך אחשורוש ביד הסריסים | 15 |
پادىشاھ ئۇلاردىن: ــ خانىش ۋاشتى مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرەمئاغىلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرىم بويىچە ئىش قىلمىغىنى ئۈچۈن ئۇنى قانۇن بويىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى. |
ויאמר מומכן (ממוכן) לפני המלך והשרים לא על המלך לבדו עותה ושתי המלכה כי על כל השרים ועל כל העמים אשר בכל מדינות המלך אחשורוש | 16 |
مەمۇكان پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنىڭ ئالدىدا جاۋاپ بېرىپ: ــ خانىش ۋاشتى ئالىيلىرىنىڭ زىتىغا تېگىپلا قالماي، بەلكى پادىشاھىمىز ئاھاشۋېروشنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق پۇقرالارنىڭمۇ زىتىغا تەگدى. |
כי יצא דבר המלכה על כל הנשים להבזות בעליהן בעיניהן באמרם המלך אחשורוש אמר להביא את ושתי המלכה לפניו--ולא באה | 17 |
چۈنكى خانىشنىڭ شۇ قىلغىنى بارلىق ئاياللارنىڭ قۇلىقىغا يەتسە، ئۇلار «پادىشاھ ئاھاشۋېروش: «خانىشى ۋاشتىنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەپ ئەمر قىلسا، ئۇ كەلمەپتۇ!» دەپ ئۆز ئەرلىرىنى مەنسىتمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. |
והיום הזה תאמרנה שרות פרס ומדי אשר שמעו את דבר המלכה לכל שרי המלך וכדי בזיון וקצף | 18 |
پارس ۋە مېدىئادىكى مەلىكە-خانىملار خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنلا پادىشاھنىڭ بارلىق بەگ-ئەمىرلىرىگە شۇنىڭغا ئوخشاش دەيدىغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنسىتمەسلىك ۋە خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. |
אם על המלך טוב יצא דבר מלכות מלפניו ויכתב בדתי פרס ומדי ולא יעבור אשר לא תבוא ושתי לפני המלך אחשורוש ומלכותה יתן המלך לרעותה הטובה ממנה | 19 |
پادىشاھىمغا مۇۋاپىق كۆرۈنسە، ئالىيلىرىدىن مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرۈلسۇن، شۇنىڭدەك ئۇ پارسلار ۋە مېدىئالارنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرتىلمەيدىغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ئىچىگە پۈتۈلگەيكى، ۋاشتى ئىككىنچى پادىشاھ ئاھاشۋېروشنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىگەي؛ ئۇنىڭ خانىشلىق مەرتىۋىسى ئۇنىڭدىن ياخشى بىرسىگە بېرىلگەي. |
ונשמע פתגם המלך אשר יעשה בכל מלכותו כי רבה היא וכל הנשים יתנו יקר לבעליהן--למגדול ועד קטן | 20 |
ئالىيلىرىنىڭ جاكارلىغان يارلىقى پۈتۈن سەلتەنىتىگە يېتىپ ئاڭلانغان ھامان (ئۇنىڭ سەلتەنىتىنىڭ زېمىنى بىپايان بولسىمۇ)، ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېرىگە، مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، ــ دېدى. |
וייטב הדבר בעיני המלך והשרים ויעש המלך כדבר ממוכן | 21 |
مەمۇكاننىڭ بۇ گېپى پادىشاھ بىلەن ئەمىرلىرىنى خۇش قىلدى؛ پادىشاھ ئۇنىڭ گېپى بويىچە ئىش كۆردى. |
וישלח ספרים אל כל מדינות המלך--אל מדינה ומדינה ככתבה ואל עם ועם כלשונו להיות כל איש שרר בביתו ומדבר כלשון עמו | 22 |
ئۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئۆلكىلىرىگە، ھەربىر ئۆلگىگە ئۆز يېزىقى بىلەن، ھەرقايسى ئەل-مىللەتكە ئۆز تىلى بىلەن خەتلەرنى ئەۋەتىپ: «ھەربىر ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسى ئىچىدە خوجايىن بولسۇن، شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىسۇن» دېگەن ئەمرنى چۈشۈردى. |