וילך משה וידבר את הדברים האלה אל כל ישראל | 1 |
ئاندىن مۇسا بېرىپ ھەممە ئىسرائىلغا سۆز قىلدى؛ |
ויאמר אלהם בן מאה ועשרים שנה אנכי היום--לא אוכל עוד לצאת ולבוא ויהוה אמר אלי לא תעבר את הירדן הזה | 2 |
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىردىم؛ ئەمدى سىلەرگە سەردار ياكى باشلىغۇچى بولالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: سەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمەيسەن، دېگەنىدى. |
יהוה אלהיך הוא עבר לפניך הוא ישמיד את הגוים האלה מלפניך--וירשתם יהושע הוא עבר לפניך כאשר דבר יהוה | 3 |
لېكىن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزى سىلەرنى يېتەكلەپ [دەريادىن] ئۆتۈپ، بۇ ئەللەرنى ئالدىڭلاردا ۋەيران قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئىگىلەيسىلەر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، يەشۇئا سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا باشلاپ [دەريادىن] ئۆتىدۇ. |
ועשה יהוה להם כאשר עשה לסיחון ולעוג מלכי האמרי ולארצם--אשר השמיד אתם | 4 |
پەرۋەردىگار سىھون بىلەن ئوگ دېگەن ئىككى ئامورىي پادىشاھى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ھالاك قىلغاندەك، ئۇ بۇ ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. |
ונתנם יהוה לפניכם ועשיתם להם--ככל המצוה אשר צויתי אתכם | 5 |
ئەمما پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغىنىدا، مەن سىلەرگە تاپىلىغان پۈتكۈل ئەمر بويىچە ئۇلارغا مۇئامىلە قىلىسىلەر. |
חזקו ואמצו אל תיראו ואל תערצו מפניהם כי יהוה אלהיך הוא ההלך עמך--לא ירפך ולא יעזבך | 6 |
جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىترىمەڭلار، ئۇلاردىن ھېچ قورقماڭلار؛ چۈنكى سىلەر بىلەن بىرگە بارغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيدۇ، سىلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!». |
ויקרא משה ליהושע ויאמר אליו לעיני כל ישראל חזק ואמץ--כי אתה תבוא את העם הזה אל הארץ אשר נשבע יהוה לאבתם לתת להם ואתה תנחילנה אותם | 7 |
ئاندىن مۇسا يەشۇئانى چاقىرىپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭغا سۆز قىلىپ: «سەن جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن؛ چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە سەن ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشىڭ كېرەك؛ سەن ئۇلارغا ئۇنى ئىگىلىتىپ مىراس قىلدۇرىسەن. |
ויהוה הוא ההלך לפניך הוא יהיה עמך--לא ירפך ולא יעזבך לא תירא ולא תחת | 8 |
مانا، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر؛ ئۇ سەن بىلەن بىللە بولۇپ سەندىن ۋاز كەچمەيدۇ، سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ! سەن قورقمىغىن، پاراكەندە بولما!» ــ دېدى. |
ויכתב משה את התורה הזאת ויתנה אל הכהנים בני לוי הנשאים את ארון ברית יהוה ואל כל זקני ישראל | 9 |
مۇسا بۇ قانۇننى يېزىپ بولۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىينىڭ ئەۋلادى بولغان كاھىنلار بىلەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. |
ויצו משה אותם לאמר מקץ שבע שנים במעד שנת השמטה--בחג הסכות | 10 |
مۇسا ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «ھەر يەتتە يىلنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، يەنى ئازادلىق يىلى دەپ بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، «كەپىلەر ھېيتى» باشلانغاندا، |
בבוא כל ישראל לראות את פני יהוה אלהיך במקום אשר יבחר תקרא את התורה הזאת נגד כל ישראל--באזניהם | 11 |
ئىسرائىلنىڭ ھەممىسى كېلىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ھۇزۇرىدا جەم بولۇش ئۈچۈن ئۇ تاللايدىغان جايغا يىغىلغاندا، ئۇنى ئاڭلىسۇن دەپ پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ ئالدىدا بۇ قانۇننى ئوقۇپ بېرىسەن. |
הקהל את העם האנשים והנשים והטף וגרך אשר בשעריך--למען ישמעו ולמען ילמדו ויראו את יהוה אלהיכם ושמרו לעשות את כל דברי התורה הזאת | 12 |
شۇنىڭ ئۈچۈن [شۇ چاغدا] بارلىق خەلقنى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بالا بولسۇن، قوۋۇقلىرىڭنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاپ، ئۆگىنىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقۇپ، بۇ قانۇننىڭ بارلىق سۆزلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن، دەپ ئۇلارنى يىغقىن. |
ובניהם אשר לא ידעו ישמעו ולמדו--ליראה את יהוה אלהיכם כל הימים אשר אתם חיים על האדמה אשר אתם עברים את הירדן שמה לרשתה | 13 |
شۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ قانۇننى تونۇمىغان بالىلىرىمۇ ئۇنى ئاڭلاپ ئۆگىنىپ، سىلەر ئىگىلەشكە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بارىدىغان زېمىندا ياشىغان بارلىق كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن قورقىدىغان بولىدۇ». |
ויאמר יהוה אל משה הן קרבו ימיך למות--קרא את יהושע והתיצבו באהל מועד ואצונו וילך משה ויהושע ויתיצבו באהל מועד | 14 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: «مانا سېنىڭ ئۆلىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. ئەمدى يەشۇئانى چاقىرغىن، ئىككىڭلار جامائەت چېدىرىغا بېرىپ شۇ يەردە ھازىر بولۇڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن يەشۇئا ئىككىسى بېرىپ، جامائەت چېدىرىدا ھازىر بولدى. |
וירא יהוה באהל בעמוד ענן ויעמד עמוד הענן על פתח האהל | 15 |
پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە كۆرۈندى؛ بۇلۇت تۈۋرۈكى چېدىرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىدە توختىدى. |
ויאמר יהוה אל משה הנך שכב עם אבתיך וקם העם הזה וזנה אחרי אלהי נכר הארץ אשר הוא בא שמה בקרבו ועזבני והפר את בריתי אשר כרתי אתו | 16 |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: «مانا، سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قېشىدا ئۇخلاش ئالدىدا تۇرىسەن؛ ئاندىن بۇ خەلق قوزغىلىپ، بارىدىغان زېمىندىكى يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ، مېنى تاشلاپ، مەن ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدىنى بۇزىدۇ. |
וחרה אפי בו ביום ההוא ועזבתים והסתרתי פני מהם והיה לאכל ומצאהו רעות רבות וצרות ואמר ביום ההוא הלא על כי אין אלהי בקרבי מצאוני הרעות האלה | 17 |
شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ غەزىپىم ئۇلارغا تۇتىشىپ، مەن ئۇلارنىمۇ تاشلاپ، ئۇلاردىن يۈزۈمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار يۇتۇۋېتىلىدۇ، كۆپ بالايىئاپەت ۋە كۈلپەتلەر بېشىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار شۇ ۋاقىتتا: «شۈبھىسىزكى، خۇدايىمىز ئارىمىزدا بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ بالالار بېشىمىزغا چۈشتى» ــ دەيدۇ. |
ואנכי הסתר אסתיר פני ביום ההוא על כל הרעה אשר עשה כי פנה אל אלהים אחרים | 18 |
لېكىن مەن ئۇلارنىڭ باشقا ئىلاھلارغا مايىل بولۇپ ئەگىشىپ، قىلغان ھەممە رەزىللىكلىرى ئۈچۈن شۇ كۈنى يۈزۈمنى پۈتۈنلەي يوشۇرىمەن. |
ועתה כתבו לכם את השירה הזאת ולמדה את בני ישראל שימה בפיהם למען תהיה לי השירה הזאת לעד--בבני ישראל | 19 |
ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ غەزەلنى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار؛ بۇ غەزەلنىڭ كېيىن ئىسرائىللارنىڭ ئەيىبىگە مەن ئۈچۈن گۇۋاھچى بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا سالغىن. |
כי אביאנו אל האדמה אשר נשבעתי לאבתיו זבת חלב ודבש ואכל ושבע ודשן ופנה אל אלהים אחרים ועבדום ונאצוני והפר את בריתי | 20 |
چۈنكى مەن ئۇلارنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يۇرتقا كىرگۈزىمەن؛ ئاندىن ئۇلار يەپ تويۇپ، سەمرىگەندە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرىدۇ ۋە مېنى كۆزگە ئىلماي ئەھدەمنى بۇزىدۇ. |
והיה כי תמצאן אתו רעות רבות וצרות וענתה השירה הזאת לפניו לעד כי לא תשכח מפי זרעו כי ידעתי את יצרו אשר הוא עשה היום בטרם אביאנו אל הארץ אשר נשבעתי | 21 |
ئەمما شۇنداق بولىدۇكى، كۆپ بالايىئاپەتلەر بىلەن كۈلپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدە، بۇ غەزەل ئۇلارنى ئەيىبلەپ گۇۋاھ بېرىدۇ؛ چۈنكى بۇ غەزەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدا ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى كىرگۈزمەيلا ئۇلارنىڭ نېمە خىيال قىلىۋاتقىنىنى ئوبدان بىلىمەن». |
ויכתב משה את השירה הזאת ביום ההוא וילמדה את בני ישראל | 22 |
شۇلارنى دەپ، مۇسا شۇ كۈنى بۇ غەزەلنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى. |
ויצו את יהושע בן נון ויאמר חזק ואמץ--כי אתה תביא את בני ישראל אל הארץ אשר נשבעתי להם ואנכי אהיה עמך | 23 |
ئاندىن [پەرۋەردىگار] نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا: «جۈرئەتلىك ۋە قەيسەر بولغىن، چۈنكى سەن مەن ئىسرائىللارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرىسەن ۋە مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن» دەپ ئەمر قىلدى. |
ויהי ככלות משה לכתב את דברי התורה הזאת--על ספר עד תמם | 24 |
مۇسا بۇ قانۇننىڭ سۆزلىرىنى بىر كىتابقا پۈتۈنلەي يېزىپ بولغاندىن كېيىن |
ויצו משה את הלוים נשאי ארון ברית יהוה לאמר | 25 |
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: |
לקח את ספר התורה הזה ושמתם אתו מצד ארון ברית יהוה אלהיכם והיה שם בך לעד | 26 |
ــ بۇ قانۇن كىتابىنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. |
כי אנכי ידעתי את מריך ואת ערפך הקשה הן בעודני חי עמכם היום ממרים היתם עם יהוה ואף כי אחרי מותי | 27 |
چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە بوينۇڭلار قاتتىق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مانا، مەن تېخى ئاراڭلاردا تىرىك تۇرسام پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار؛ ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ شۇنداق قىلىسىلەر! |
הקהילו אלי את כל זקני שבטיכם ושטריכם ואדברה באזניהם את הדברים האלה ואעידה בם את השמים ואת הארץ | 28 |
مەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىتىشىم ئۈچۈن، شۇنداقلا يەر بىلەن ئاسماننى ئۇلارنىڭ ئەيىبىگە گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىشىم ئۈچۈن ئەمدى مېنىڭ ئالدىمغا قەبىلىلىرىڭلارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى يىغىڭلار. |
כי ידעתי אחרי מותי כי השחת תשחתון וסרתם מן הדרך אשר צויתי אתכם וקראת אתכם הרעה באחרית הימים--כי תעשו את הרע בעיני יהוה להכעיסו במעשה ידיכם | 29 |
چۈنكى ئۆلۈمۈمدىن كېيىن سىلەرنىڭ تۈپتىن بۇزۇلۇپ، مەن سىلەرگە ئەمر قىلغان يولدىن چەتنەپ كېتىدىغىنىڭلارنى بىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا كۈلپەتلەر بېشىڭلارغا چۈشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلىپ، قوللىرىڭلارنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغايسىلەر». |
וידבר משה באזני כל קהל ישראל את דברי השירה הזאת--עד תמם | 30 |
ئاندىن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئالدىدا بۇ غەزەلنىڭ تېكىستىنى باشتىن-ئاخىرغىچە ئوقۇپ بەردى: ــ |