כי יכרית יהוה אלהיך את הגוים אשר יהוה אלהיך נתן לך את ארצם וירשתם וישבת בעריהם ובבתיהם | 1 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندىكى تائىپىلەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋاقتىدا ۋە سىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ۋە ئۆيلىرىدە تۇرغىنىڭلاردا، |
שלוש ערים תבדיל לך בתוך ארצך--אשר יהוה אלהיך נתן לך לרשתה | 2 |
سىلەر شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ |
תכין לך הדרך ושלשת את גבול ארצך אשר ינחילך יהוה אלהיך והיה לנוס שמה כל רצח | 3 |
شۇنداقلا، ئادەم ئۆلتۈرگەن ھەربىر كىشى شۇ يەرلەرگە، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىۋالسۇن دەپ يول ھازىرلاپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار مىراس بولۇشقا سىلەرگە بېرىدىغان زېمىننى ئۈچ رايونغا بۆلىسىلەر. |
וזה דבר הרצח אשר ינוס שמה וחי אשר יכה את רעהו בבלי דעת והוא לא שנא לו מתמל שלשם | 4 |
تىرىك قېلىش ئۈچۈن شۇ يەرلەرگە قېچىپ بېرىۋالغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە مۇنداق: ــ ئۇ قوشنىسىنى تاسادىپىيلىقتىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، شۇنداقلا ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىغان بولسا، شۇ يەرگە قېچىپ بېرىۋالسا بولىدۇ. |
ואשר יבא את רעהו ביער לחטב עצים ונדחה ידו בגרזן לכרת העץ ונשל הברזל מן העץ ומצא את רעהו ומת הוא ינוס אל אחת הערים האלה--וחי | 5 |
مەسىلەن، ئۇ قوشنىسى بىلەن ئوتۇن كېسىشكە ئورمانغا كىرگەن بولۇپ، دەرەخنى كېسىشكە پالتىنى كۆتۈرگەندە پالتا بېشى سېپىدىن ئاجراپ كېتىپ قوشنىسىغا تېگىپ كېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنداقتا جاۋابكار كىشى بۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋېلىپ ھايات قالىدۇ؛ |
פן ירדף גאל הדם אחרי הרצח כי יחם לבבו והשיגו כי ירבה הדרך והכהו נפש ולו אין משפט מות כי לא שנא הוא לו מתמול שלשום | 6 |
بولمىسا، قان قىساسى ئالغۇچى غەزىپى قاينىغاندا ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىنى قوغلايدۇ ۋە يول ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس، چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلىدە قوشنىسىغا ھېچقانداق ئۆچ-ئاداۋىتى يوق ئىدى. |
על כן אנכי מצוך לאמר שלש ערים תבדיל לך | 7 |
شۇڭا مەن سىلەرگە: «ئۆزۈڭلار شۇنداق ئۈچ شەھەرنى ئايرىشىڭلار كېرەك» دەپ ئەمر قىلىمەن. |
ואם ירחיב יהוה אלהיך את גבלך כאשר נשבע לאבתיך ונתן לך את כל הארץ אשר דבר לתת לאבתיך | 8 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلغىنىدەك چېگرايىڭلارنى كېڭەيتىشنى، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى سىلەرگە تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ؛ |
כי תשמר את כל המצוה הזאת לעשתה אשר אנכי מצוך היום לאהבה את יהוה אלהיך וללכת בדרכיו כל הימים--ויספת לך עוד שלש ערים על השלש האלה | 9 |
سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يوللىرىدا دائىم مېڭىش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ ئەمرنى تۇتساڭلارلا ئۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنداقتا سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈچ شەھەردىن باشقا يەنە ئۈچ شەھەرنى قوشىسىلەر. |
ולא ישפך דם נקי בקרב ארצך אשר יהוה אלהיך נתן לך נחלה והיה עליך דמים | 10 |
ۋە شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان زېمىن ئارىسىدا ناھەق قان تۆكۈلمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك گەدىنىڭلارغا خۇن گۇناھى چۈشمەيدۇ. |
וכי יהיה איש שנא לרעהו וארב לו וקם עליו והכהו נפש ומת ונס אל אחת הערים האל | 11 |
لېكىن بىرسى قوشنىسىغا ئۆچ-ئاداۋەت تۇتقان بولسا، پايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ۋە شۇ شەھەرلەردىن بىرىگە قېچىپ بېرىۋالغان بولسا، |
ושלחו זקני עירו ולקחו אתו משם ונתנו אתו ביד גאל הדם--ומת | 12 |
ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ «قان قىساسى ئالغۇچى»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. |
לא תחוס עינך עליו ובערת דם הנקי מישראל וטוב לך | 13 |
سەن ئۇنى ھېچ ئايىمىغىن، شۇنداق قىلغاندا ئىسرائىلدىن تۆكۈلگەن گۇناھسىز قاننىڭ دېغىنى تازىلىغان بولىسىلەر؛ ئاندىن ھالىڭلار ياخشى بولىدۇ. |
לא תסיג גבול רעך אשר גבלו ראשנים--בנחלתך אשר תנחל בארץ אשר יהוה אלהיך נתן לך לרשתה | 14 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئىگىلەش ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان زېمىندا بۇرۇنقىلار مىراس يېرىڭدە بېكىتكەن، قوشناڭنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەسلىكىڭ كېرەك. |
לא יקום עד אחד באיש לכל עון ולכל חטאת בכל חטא אשר יחטא על פי שני עדים או על פי שלשה עדים--יקום דבר | 15 |
مەلۇم جىنايەت ياكى گۇناھ توغرىسىدا بىرسىگە «ئۇ گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىشتا يالغۇز بىرلا گۇۋاھچى بولسا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى ھەممە ئىش ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ سۆزى بىلەن بېكىتىلسۇن. |
כי יקום עד חמס באיש לענות בו סרה | 16 |
بىرسى توغرۇلۇق «پالانچى-پوكۇنچى گۇناھ قىلغان» دەپ ئەرز قىلىدىغان قارا نىيەتلىك بىر گۇۋاھچى چىقسا، |
ועמדו שני האנשים אשר להם הריב לפני יהוה לפני הכהנים והשפטים אשר יהיו בימים ההם | 17 |
دەۋالىشىپ قالغان ئىككى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شۇ كۈنلەردە بولىدىغان كاھىنلار ۋە سوراقچى بەگلەر ئالدىدا ھازىر بولسۇن؛ |
ודרשו השפטים היטב והנה עד שקר העד שקר ענה באחיו | 18 |
سوراقچى بەگلەر ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرسۇن؛ ئەگەر ھېلىقى گۇۋاھچى يالغان گۇۋاھچى بولۇپ، ئۆز قېرىندىشى توغرۇلۇق يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولسا، |
ועשיתם לו כאשר זמם לעשות לאחיו ובערת הרע מקרבך | 19 |
ئۇنداقتا، سىلەر دەل ئۇ قېرىندىشىغا قىلماقچى بولغىنىدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار رەزىللىكنى ئاراڭلاردىن يوقىتىسىلەر. |
והנשארים ישמעו ויראו ולא יספו לעשות עוד כדבר הרע הזה--בקרבך | 20 |
قالغان خەلقمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلايدۇ ۋە قورقىدۇ ۋە شۇنداقلا، ئاراڭلاردا ئۇنداق رەزىل ئىشنى يەنە قىلمايدۇ. |
ולא תחוס עינך נפש בנפש עין בעין שן בשן יד ביד רגל ברגל | 21 |
سىلەر ھېچ رەھىم قىلماڭلار؛ جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىنسۇن. |