בשנת אחת לדריוש בן אחשורוש--מזרע מדי אשר המלך על מלכות כשדים | 1 |
مېدىئالىق ئاھاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا (ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلىندى) |
בשנת אחת למלכו אני דניאל בינתי בספרים מספר השנים אשר היה דבר יהוה אל ירמיה הנביא למלאות לחרבות ירושלם שבעים שנה | 2 |
يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. |
ואתנה את פני אל אדני האלהים לבקש תפלה ותחנונים--בצום ושק ואפר | 3 |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. |
ואתפללה ליהוה אלהי ואתודה ואמרה אנא אדני האל הגדול והנורא שמר הברית והחסד לאהביו ולשמרי מצותיו | 4 |
مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم! |
חטאנו ועוינו והרשענו (הרשענו) ומרדנו וסור ממצותך וממשפטיך | 5 |
بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، |
ולא שמענו אל עבדיך הנביאים אשר דברו בשמך אל מלכינו שרינו ואבתינו--ואל כל עם הארץ | 6 |
شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق. |
לך אדני הצדקה ולנו בשת הפנים כיום הזה לאיש יהודה ולישבי ירושלם ולכל ישראל הקרבים והרחקים בכל הארצות אשר הדחתם שם במעלם אשר מעלו בך | 7 |
ئى رەب، ھەققانىيەت سەندىلا تېپىلىدۇ، لېكىن ساڭا ئاسىيلىق ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، بىزگە، يەنى يەھۇدالارغا، يېروسالېمدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا، يېقىندا بولسۇن، يىراقتا بولسۇن، سەن بىزلەرنى سۈرگۈنلۈككە ھەيدىۋەتكەن بارلىق يۇرتلاردا بولسۇن، پەقەت بۈگۈنكىدەك يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىكلا قالدى. |
יהוה לנו בשת הפנים למלכינו לשרינו ולאבתינו אשר חטאנו לך | 8 |
ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. |
לאדני אלהינו הרחמים והסלחות כי מרדנו בו | 9 |
ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. |
ולא שמענו בקול יהוה אלהינו--ללכת בתורתיו אשר נתן לפנינו ביד עבדיו הנביאים | 10 |
بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق. |
וכל ישראל עברו את תורתך וסור לבלתי שמוע בקלך ותתך עלינו האלה והשבעה אשר כתובה בתורת משה עבד האלהים--כי חטאנו לו | 11 |
پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاۋازىڭغا قۇلاق سالماي سېنىڭدىن يۈز ئۆرىدى. دەرۋەقە، سېنىڭ قۇلۇڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ھەمدە ئۇنىڭ قەسەميادىدىكى جازالار ئۈستىمىزگە ياغدۇرۇلدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. |
ויקם את דבריו (דברו) אשר דבר עלינו ועל שפטינו אשר שפטונו--להביא עלינו רעה גדלה אשר לא נעשתה תחת כל השמים כאשר נעשתה בירושלם | 12 |
سەن ئۆزۈڭ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچىمىزغا قارىتا دېگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ بىزگە زور ئېغىر كۈلپەتنى كەلتۈردۈڭ؛ چۈنكى يېرۇسالېمدا قىلىنغان ئىشلار ئاسمان ئاستىدىكى ھەرقانداق باشقا يۇرتتا ئەزەلدىن قىلىنغان ئەمەس! |
כאשר כתוב בתורת משה את כל הרעה הזאת באה עלינו ולא חלינו את פני יהוה אלהינו לשוב מעוננו ולהשכיל באמתך | 13 |
مۇساغا تاپىلانغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك، بۇ پۈتۈن كۈلپەت بىزگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، لېكىن بىز قەبىھلىكلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، ھەقىقىتىڭنى چۈشىنىپ يېتىدىغان قىلغايسەن دەپ تېخىچە سەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئۆتۈنمىدۇق. |
וישקד יהוה על הרעה ויביאה עלינו כי צדיק יהוה אלהינו על כל מעשיו אשר עשה ולא שמענו בקלו | 14 |
دەرۋەقە سەن پەرۋەردىگار شۇ كۈلپەتنى تەييارلاپ ساقلاپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈردۇڭ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بارلىق قىلغان ئىشلىرىڭدا ئادىل بولۇپ كەلدىڭ؛ بىراق ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. |
ועתה אדני אלהינו אשר הוצאת את עמך מארץ מצרים ביד חזקה ותעש לך שם כיום הזה חטאנו רשענו | 15 |
ئەمدى، ئۆز كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك ئۆزۈڭگە نام-شۆھرەت تىكلىدىڭ، ئى رەب خۇدايىمىز، ــ بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، بىز رەزىللىك قىلدۇق! |
אדני ככל צדקתך ישב נא אפך וחמתך מעירך ירושלם הר קדשך כי בחטאינו ובעונות אבתינו ירושלם ועמך לחרפה לכל סביבתינו | 16 |
ئۆتۈنىمەن، ئى رەب، پۈتكۈل ھەققانىيلىقىڭغا ئۇيغۇن، يېرۇسالېم شەھىرىڭگە، يەنى مۇقەددەس تېغىڭغا بولغان قەھر-غەزىپىڭنى توختاتقايسەن! چۈنكى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان قەبىھلىكلىرىنىڭ ۋەجىدىن، يېرۇسالېم ۋە خەلقىڭ بارلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزنىڭ ھاقارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدۇق. |
ועתה שמע אלהינו אל תפלת עבדך ואל תחנוניו והאר פניך על מקדשך השמם--למען אדני | 17 |
ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. |
הטה אלהי אזנך ושמע--פקחה (פקח) עיניך וראה שממתינו והעיר אשר נקרא שמך עליה כי לא על צדקתינו אנחנו מפילים תחנונינו לפניך--כי על רחמיך הרבים | 18 |
ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر. |
אדני שמעה אדני סלחה אדני הקשיבה ועשה אל תאחר למענך אלהי--כי שמך נקרא על עירך ועל עמך | 19 |
ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!». |
ועוד אני מדבר ומתפלל ומתודה חטאתי וחטאת עמי ישראל ומפיל תחנתי לפני יהוה אלהי--על הר קדש אלהי | 20 |
مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، |
ועוד אני מדבר בתפלה והאיש גבריאל אשר ראיתי בחזון בתחלה מעף ביעף נגע אלי כעת מנחת ערב | 21 |
تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. |
ויבן וידבר עמי ויאמר--דניאל עתה יצאתי להשכילך בינה | 22 |
جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ «ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم. |
בתחלת תחנוניך יצא דבר ואני באתי להגיד--כי חמודות אתה ובין בדבר והבן במראה | 23 |
سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن: |
שבעים שבעים נחתך על עמך ועל עיר קדשך לכלא הפשע ולחתם (ולהתם) חטאות (חטאת) ולכפר עון ולהביא צדק עלמים ולחתם חזון ונביא ולמשח קדש קדשים | 24 |
ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. |
ותדע ותשכל מן מצא דבר להשיב ולבנות ירושלם עד משיח נגיד--שבעים שבעה ושבעים ששים ושנים תשוב ונבנתה רחוב וחרוץ ובצוק העתים | 25 |
شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ. |
ואחרי השבעים ששים ושנים יכרת משיח ואין לו והעיר והקדש ישחית עם נגיד הבא וקצו בשטף ועד קץ מלחמה נחרצת שממות | 26 |
بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. |
והגביר ברית לרבים שבוע אחד וחצי השבוע ישבית זבח ומנחה ועל כנף שקוצים משמם ועד כלה ונחרצה תתך על שמם | 27 |
ئۇ [ئەمىر خۇدانىڭ] خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر [دوستلۇق] ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» [مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ] ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، [يەنى خۇدا] بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ». |