< עמוס 8 >

כה הראני אדני יהוה והנה כלוב קיץ 1
رەب پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسەتتى؛ مانا، بىر سېۋەت يازلىق مېۋە.
ויאמר מה אתה ראה עמוס ואמר כלוב קיץ ויאמר יהוה אלי בא הקץ אל עמי ישראל--לא אוסיף עוד עבור לו 2
ئاندىن ئۇ مەندىن: ئاموس، نېمىنى كۆردۇڭ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: «بىر سېۋەت يازلىق مېۋىنى» ــ دېدىم. پەرۋەردىگار ماڭا: ئەمدى خەلقىم ئىسرائىلغا زاۋال يەتتى؛ مەن يەنە ئۇلارنى جازالىماي ئۆتۈپ كەتمەيمەن، ــ دېدى.
והילילו שירות היכל ביום ההוא--נאם אדני יהוה רב הפגר בכל מקום השליך הס 3
ــ شۇ كۈنى ئوردىدىكى قىزلارنىڭ ناخشىلىرى قىيا-چىيالارغا ئايلىنىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ــ جەسەتلەر كۆپ بولىدۇ؛ ئۇلار جاي-جايلاردا سىرتقا تاشلىنىدۇ. سۈكۈت!
שמעו זאת השאפים אביון ולשבית ענוי (עניי) ארץ 4
بۇنى ئاڭلاڭلار، ھەي مىسكىنلەرنى ئەزگۈچىلەر، زېمىندىكى ئاجىز مۆمىنلەرنى يوقاتماقچى بولغانلار ــ
לאמר מתי יעבר החדש ונשבירה שבר והשבת ונפתחה בר--להקטין איפה ולהגדיל שקל ולעות מאזני מרמה 5
«ئاشلىقىمىزنى ساتماقچى ئىدۇق، يېڭى ئاي قاچانمۇ ئاخىرلىشار، بۇغداي يايمىسىنى ئاچاتتۇق، شابات كۈنى قاچان تۈگەر؟» ــ دەيدىغانلار، ــ شۇنداقلا «ئەفاھ»نى كىچىك قىلىپ، «شەكەل»نى چوڭ ئېلىپ، ئالدامچىلىق ئۈچۈن تارازىنى يالغان قىلغانلار!
לקנות בכסף דלים ואביון בעבור נעלים ומפל בר נשביר 6
ــ نامراتلارنى كۈمۈشكە، مىسكىن ئادەمنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالماقچى بولغانلار، بۇغداينى سۈپۈرۈندىسى بىلەن قوشۇپ ساتماقچى بولغانلار!
נשבע יהוה בגאון יעקב אם אשכח לנצח כל מעשיהם 7
پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ غۇرۇرى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلدىكى، ــ بەرھەق، مەن ھەرگىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىدىن ھېچبىرىنى ئۇنتۇمايمەن!
העל זאת לא תרגז הארץ ואבל כל יושב בה ועלתה כאר כלה ונגרשה ונשקה (ונשקעה) כיאור מצרים 8
زېمىن بۇ ئىشلاردىن تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ماتەم تۇتمامدۇ؟ ئۇ نىل دەرياسىدەك ئۆرلەپ كېتىدۇ، ئۇ مىسىر دەرياسىدەك ئۆركەشلەپ، ئاندىن چۆكۈپ كېتىدۇ.
והיה ביום ההוא נאם אדני יהוה והבאתי השמש בצהרים והחשכתי לארץ ביום אור 9
شۇ كۈنى شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قۇياشنى چۈشتە پاتقۇزىمەن، زېمىننى شۇ ئوچۇق كۈندە قاراڭغۇلاشتۇرىمەن.
והפכתי חגיכם לאבל וכל שיריכם לקינה והעליתי על כל מתנים שק ועל כל ראש קרחה ושמתיה כאבל יחיד ואחריתה כיום מר 10
ھېيتلىرىڭلارنى مۇسىبەتكە، ھەممە ناخشىلىرىڭلارنى ئاھ-زارلارغا ئايلاندۇرىۋېتىمەن؛ ھەممە ئادەمنىڭ چاترىقى ئۈستىنى بۆز رەخت بىلەن ئورىغۇزىمەن، ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىدا تاقىرلىق پەيدا قىلىمەن؛ بۇ ماتەمنى يەككە-يېگانە بىر ئوغۇلنىڭ ماتىمىدەك، ھېيتنىڭ ئاخىرىنى دەرد-ئەلەملىك بىر كۈن قىلىۋېتىمەن.
הנה ימים באים נאם אדני יהוה והשלחתי רעב בארץ לא רעב ללחם ולא צמא למים--כי אם לשמע את דברי יהוה 11
مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، زېمىنغا قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن، ــ ــ نانغا بولغان قەھەتچىلىك ئەمەس، ياكى سۇغا بولغان چاڭقاشمۇ ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاشقا بولغان قەھەتچىلىكنى ئەۋەتىمەن.
ונעו מים עד ים ומצפון ועד מזרח ישוטטו לבקש את דבר יהוה ולא ימצאו 12
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە كېزىپ ماڭىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامىنى ئىزدەپ ئۇيان-بۇيان يۈرۈپ، ئۇنى تاپالمايدۇ.
ביום ההוא תתעלפנה הבתולת היפות והבחורים--בצמא 13
شۇ كۈنى گۈزەل قىزلار ھەم يىگىتلەرمۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ھالىدىن كېتىدۇ؛
הנשבעים באשמת שמרון ואמרו חי אלהיך דן וחי דרך באר שבע ונפלו ולא יקומו עוד 14
ھەم سامارىيەنىڭ گۇناھىنىڭ [نامى] بىلەن قەسەم ئىچكەنلەر، يەنى «ئىلاھىڭنىڭ تىرىكلىكى بىلەن، ئى دان!»، ياكى «بەئەر-شېبادىكى [ئىلاھىي] تىرىك يول بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر بولسا ــ ئۇلار يىقىلىدۇ، ئورنىدىن ھەرگىز قايتىدىن تۇرالمايدۇ.

< עמוס 8 >