ויהי אחרי מות שאול ודוד שב מהכות את העמלק וישב דוד בצקלג ימים שנים | 1 |
سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى قىرغىن قىلىپ يېنىپ كەلگەندە، ئۇ زىكلاگدا ئىككى كۈن تۇردى. |
ויהי ביום השלישי והנה איש בא מן המחנה מעם שאול ובגדיו קרעים ואדמה על ראשו ויהי בבאו אל דוד ויפל ארצה וישתחו | 2 |
ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، مانا سائۇلنىڭ لەشكەرگاھىدىن كىيىمى يىرتىق ۋە بېشىغا توپا-چاڭ چاچقان بىر ئادەم كەلدى. ئۇ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، يەرگە يىقىلىپ باش ئۇردى. |
ויאמר לו דוד אי מזה תבוא ויאמר אליו ממחנה ישראל נמלטתי | 3 |
داۋۇت ئۇنىڭدىن: نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاپ بېرىپ: ئىسرائىلنىڭ لەشكەرگاھىدىن قېچىپ كەلدىم ــ دېدى. |
ויאמר אליו דוד מה היה הדבר הגד נא לי ויאמר אשר נס העם מן המלחמה וגם הרבה נפל מן העם וימתו וגם שאול ויהונתן בנו מתו | 4 |
داۋۇت ئۇنىڭدىن: ئىش قانداق بولدى؟ ماڭا دەپ بەرگىن، دېدى. ئۇ: خەلق جەڭدىن قاچتى، خەلقتىن بەك جىق كىشى سوقۇشتا ئۆلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ئۆلدى، ــ دېدى. |
ויאמר דוד אל הנער המגיד לו איך ידעת כי מת שאול ויהונתן בנו | 5 |
داۋۇت خەۋەر ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگىنىنى قانداق بىلدىڭ؟ ــ دەپ سورىدى. |
ויאמר הנער המגיד לו נקרא נקריתי בהר הגלבע והנה שאול נשען על חניתו והנה הרכב ובעלי הפרשים הדבקהו | 6 |
ئۇنىڭغا خەۋەر بەرگەن يىگىت: مەن تاسادىپىي گىلبوئا تېغىغا چىققانىدىم، مانا سائۇل نەيزىگە يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ؛ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى قوغلاۋاتاتتى. |
ויפן אחריו ויראני ויקרא אלי ואמר הנני | 7 |
ئۇ كەينىگە قاراپ مېنى كۆرۈپ چاقىردى. مەن «مانا مەن»، دېدىم. |
ויאמר לי מי אתה ויאמר (ואמר) אליו עמלקי אנכי | 8 |
ئۇ: ئۆزۈڭ كىم بولىسەن، دەپ مەندىن سورىۋىدى، مەن ئامالەكلەردىنمەن، دېدىم. |
ויאמר אלי עמד נא עלי ומתתני--כי אחזני השבץ כי כל עוד נפשי בי | 9 |
ئۇ يەنە ماڭا: ئۈستۈمدە تۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ گەرچە جېنىم مەندە بولسىمۇ، مەن بەك ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ــ دېدى. |
ואעמד עליו ואמתתהו--כי ידעתי כי לא יחיה אחרי נפלו ואקח הנזר אשר על ראשו ואצעדה אשר על זרעו ואביאם אל אדני הנה | 10 |
شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈردۈم، چۈنكى، ئۇ شۇ ھالدا يىقىلسىلا، تىرىك قالمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاندىن بېشىدىكى تاجنى ۋە بىلىكىدىكى بىلەزۈكنى ئېلىپ مۇشۇ يەرگە غوجامغا ئېلىپ كەلدىم، ــ دېدى. |
ויחזק דוד בבגדו ויקרעם וגם כל האנשים אשר אתו | 11 |
شۇئان داۋۇت ئۆز كىيىملىرىنى يىرتىپ، تىلما-تىلما قىلىۋەتتى؛ ئۇنىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئادەملەرمۇ ھەم شۇنداق قىلدى. |
ויספדו ויבכו ויצמו עד הערב על שאול ועל יהונתן בנו ועל עם יהוה ועל בית ישראל--כי נפלו בחרב | 12 |
ئۇلار سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ ئاھ-زار كۆتۈرۈپ كەچكىچە روزا تۇتتى؛ چۈنكى ئۇلار قىلىچ ئاستىدا يىقىلىپ قازا قىلغانىدى. |
ויאמר דוד אל הנער המגיד לו אי מזה אתה ויאמר בן איש גר עמלקי אנכי | 13 |
داۋۇت ئۇنىڭ ئۆزىگە خەۋەر بەرگەن يىگىتتىن: قەيەردىن سەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: مەن بىر ئامالەك مۇساپىرنىڭ ئوغلىمەن ــ دېدى. |
ויאמר אליו דוד איך לא יראת לשלח ידך לשחת את משיח יהוה | 14 |
داۋۇت ئۇنىڭغا: سەن قانداقمۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ھالاك قىلىشقا قولۇڭنى سوزۇشتىن قورقمىدىڭ؟ ــ دېدى. |
ויקרא דוד לאחד מהנערים ויאמר גש פגע בו ויכהו וימת | 15 |
ئاندىن داۋۇت ئۆز غۇلاملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: بۇياققا كەل، ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگىن ــ دەپ بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئۇرۇۋىدى، [ئامالەك] ئۆلدى. |
ויאמר אליו דוד דמיך (דמך) על ראשך כי פיך ענה בך לאמר אנכי מתתי את משיח יהוה | 16 |
داۋۇت ئۇنىڭغا: قان قەرزىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! چۈنكى ئۆز ئاغزىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنىنى ئۆلتۈرگىنىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ ئەيىبلىدى، ــ دېدى. |
ויקנן דוד את הקינה הזאת על שאול ועל יהונתן בנו | 17 |
شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتان ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ مۇنداق بىر نەزمە ئوقۇدى |
ויאמר ללמד בני יהודה קשת הנה כתובה על ספר הישר | 18 |
(ئۇ «ئوقيا» دەپ ئاتالغان بۇ نەزمىنى پۈتكۈل يەھۇدا خەلقىگە ئۆگىتىڭلار، دەپ بۇيرۇدى. دەرۋەقە ئۇ «ياشار» دېگەن كىتابتا پۈتۈلگەنىدى): ــ |
הצבי ישראל על במותיך חלל איך נפלו גבורים | 19 |
ــ ئى ئىسرائىل، سېنىڭ گۈزەل ئەزىزىڭ يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ |
אל תגידו בגת אל תבשרו בחוצת אשקלון פן תשמחנה בנות פלשתים פן תעלזנה בנות הערלים | 20 |
گات شەھىرىدە بۇ خەۋەرنى بەرمەڭلار، ئاشكېلوننىڭ كوچىلىرىدا ئۇنى ئېلان قىلماڭلار، فىلىستىيىنىڭ قىزلىرى شادلانمىسۇن، خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى تەنتەنە قىلمىسۇن! |
הרי בגלבע אל טל ואל מטר עליכם--ושדי תרומת כי שם נגעל מגן גבורים--מגן שאול בלי משיח בשמן | 21 |
ئى گىلبوئا تاغلىرى، ئۈستۈڭلارغا نە شەبنەم بولمىسۇن، نە يامغۇر چۈشمىسۇن، نە سىلەردە كۆتۈرۈلمە ھەدىيەلەر ئۈچۈن ھوسۇل بېرىدىغان ئېتىزلار يەنە كۆرۈنمىسۇن! چۈنكى ئۇ يەردە پالۋانلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى؛ سائۇلنىڭ قالقىنى ياغ بىلەن سۈرۈلمەيدىغان بولدى. |
מדם חללים מחלב גבורים--קשת יהונתן לא נשוג אחור וחרב שאול לא תשוב ריקם | 22 |
قىرىلىدىغانلارنىڭ قېنىنى تۆكمەي، پالۋانلارنىڭ تېنىدىكى يېغىنى چاپماي، يوناتاننىڭ ئوقياسى ھېچقاچان [جەڭدىن] يانغان ئەمەس، سائۇلنىڭ قىلىچى ھېچقاچان قىنىغا قايتقان ئەمەس. |
שאול ויהונתן הנאהבים והנעימם בחייהם ובמותם לא נפרדו מנשרים קלו מאריות גברו | 23 |
سائۇل بىلەن يوناتان ھايات ۋاقتىدا سۆيۈملۈك ھەم يېقىملىق ئىدى، ئۇلار ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى؛ ئۇلار بۈركۈتلەردىن چاققان، شىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى. |
בנות ישראל--אל שאול בכינה המלבשכם שני עם עדנים המעלה עדי זהב על לבושכן | 24 |
ئى ئىسرائىل قىزلىرى، سائۇل ئۈچۈن يىغلاڭلار، ئۇ سىلەرنى بېزەپ قىزغۇچ كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، كىيىملىرىڭلارنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بىلەن زىننەتلىگەنىدى. |
איך נפלו גברים בתוך המלחמה--יהונתן על במותיך חלל | 25 |
پالۋانلار كەسكىن جەڭدە شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ!؟ يوناتان يۇقىرى جايلىرىڭدا قىرغىن بولۇپ ياتىدۇ! |
צר לי עליך אחי יהונתן--נעמת לי מאד נפלאתה אהבתך לי מאהבת נשים | 26 |
سەن ئۈچۈن ھەسرەتتە قالدىم، ئى ئىنىم يوناتان! ماڭا شۇنچە سۆيۈملۈك ئىدىڭ! ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ قالتىس ئىدى، ھەتتا قىز-ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىن ئارتۇق ئىدى. |
איך נפלו גבורים ויאבדו כלי מלחמה | 27 |
پالۋانلار شۇنداق دەھشەتلىك يىقىلدىغۇ! جەڭ قوراللىرى شۇنداق دەھشەتلىك ۋەيران قىلىندىغۇ!» |