ושם נקרא איש בליעל ושמו שבע בן בכרי--איש ימיני ויתקע בשפר ויאמר אין לנו חלק בדוד ולא נחלה לנו בבן ישי--איש לאהליו ישראל | 1 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ يەردە بىنيامىن قەبىلىسىدىن، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا ئىسىملىك بىر ئىپلاس بار ئىدى. ئۇ كاناي چېلىپ: ــ بىزنىڭ داۋۇتتا ھېچقانداق ئورتاق نېسىۋىمىز يوق؛ يەسسەنىڭ ئوغلىدىن ھېچقانداق مىراسىمىز يوق! ئى ئىسرائىل، ھەربىرلىرىڭلار ئۆز ئۆيۈڭلەرگە يېنىپ كېتىڭلار، ــ دېدى. |
ויעל כל איש ישראל מאחרי דוד אחרי שבע בן בכרי ואיש יהודה דבקו במלכם מן הירדן ועד ירושלם | 2 |
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئادەملىرى داۋۇتتىن يېنىپ بىكرىنىڭ ئوغلى شېباغا ئەگەشتى. لېكىن يەھۇدانىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ يېرۇسالېمغىچە ئۆز پادىشاھىغا چىڭ باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. |
ויבא דוד אל ביתו ירושלם ויקח המלך את עשר נשים פלגשים אשר הניח לשמר הבית ויתנם בית משמרת ויכלכלם ואליהם לא בא ותהיינה צררות עד יום מתן אלמנות חיות | 3 |
داۋۇت يېرۇسالېمغا كېلىپ ئوردىسىغا كىردى. پادىشاھ ئوردىغا قاراشقا قويۇپ كەتكەن ئاشۇ ئون كېنىزەكنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. ئۇ ئۇلارنى باقتى، لېكىن ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەردە تۇل ئاياللاردەك ئۆلگۈچە قامالغان پېتى تۇردى. |
ויאמר המלך אל עמשא הזעק לי את איש יהודה שלשת ימים ואתה פה עמד | 4 |
ئاندىن پادىشاھ ئاماساغا: ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ، يىغىپ كەلگىن؛ ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە ھازىر بولغىن، دېدى. |
וילך עמשא להזעיק את יהודה וייחר (ויוחר) מן המועד אשר יעדו | 5 |
شۇنىڭ بىلەن ئاماسا يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنى چاقىرىپ يىغقىلى باردى. لېكىن ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشى پادىشاھ بېكىتكەن ۋاقىتتىن كېيىن قالدى، |
ויאמר דוד אל אבישי עתה ירע לנו שבע בן בכרי מן אבשלום אתה קח את עבדי אדניך ורדף אחריו--פן מצא לו ערים בצרות והציל עיננו | 6 |
ئۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئابىشايغا: ئەمدى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا بىزگە چۈشۈرىدىغان ئاپەت ئابشالومنىڭ چۈشۈرگىنىدىن تېخىمۇ يامان بولىدۇ. ئەمدى غوجاڭنىڭ خىزمەتكارلىرىنى ئېلىپ ئۇلارنى قوغلاپ بارغىن. بولمىسا، ئۇ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن، ــ دېدى. |
ויצאו אחריו אנשי יואב והכרתי והפלתי וכל הגברים ויצאו מירושלם לרדף אחרי שבע בן בכרי | 7 |
شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى ۋە كەرەتىيلەر، پەلەتىيلەر، شۇنداقلا بارلىق پالۋانلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقتى؛ ئۇلار يېرۇسالېمدىن چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى باردى. |
הם עם האבן הגדולה אשר בגבעון ועמשא בא לפניהם ויואב חגור מדו לבשו ועלו חגור חרב מצמדת על מתניו בתערה והוא יצא ותפל | 8 |
ئۇلار گىبېئوندىكى قورام تاشقا يېقىن كەلگەندە ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب ئۈستىبېشىغا جەڭ لىباسىنى كىيىپ، بېلىگە غىلاپلىق بىر قىلىچىنى ئاسقان كەمەر باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا مېڭىۋىدى، قىلىچ غىلاپتىن چۈشۈپ كەتتى. |
ויאמר יואב לעמשא השלום אתה אחי ותחז יד ימין יואב בזקן עמשא--לנשק לו | 9 |
يوئاب ئاماسادىن: تىنچلىقمۇ، ئىنىم؟ ــ دەپ سورىدى. يوئاب ئاماسانى سۆيمەكچى بولغاندەك ئوڭ قولى بىلەن ئۇنى ساقىلىدىن تۇتتى. |
ועמשא לא נשמר בחרב אשר ביד יואב ויכהו בה אל החמש וישפך מעיו ארצה ולא שנה לו--וימת ויואב ואבישי אחיו רדף אחרי שבע בן בכרי | 10 |
ئاماسا يوئابنىڭ يەنە بىر قولىدا قىلىچ بارلىغىغا دىققەت قىلمىدى. يوئاب ئۇنىڭ قورسىقىغا شۇنداق تىقتىكى، ئۈچەيلىرى چىقىپ يەرگە چۈشتى. ئىككىنچى قېتىم سېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى؛ چۈنكى ئۇ ئۆلدى. ئاندىن يوئاب بىلەن ئىنىسى ئابىشاي بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى كەتتى. |
ואיש עמד עליו מנערי יואב ויאמר מי אשר חפץ ביואב ומי אשר לדוד--אחרי יואב | 11 |
يوئابنىڭ غۇلاملىرىدىن بىرى ئاماسانىڭ يېنىدا تۇرۇپ: كىم يوئاب تەرەپتە تۇرۇپ داۋۇتنى قوللىسا، يوئابقا ئەگەشسۇن، دەيتتى. |
ועמשא מתגלל בדם בתוך המסלה וירא האיש כי עמד כל העם ויסב את עמשא מן המסלה השדה וישלך עליו בגד כאשר ראה כל הבא עליו ועמד | 12 |
ئەمما ئاماسا ئۆز قېنىدا يۇمىلىنىپ، يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتاتتى؛ ئۇنى كۆرگەن خەلقنىڭ ھەربىرى توختايتتى. ئۇ كىشى ھەممە خەلقنىڭ توختىغىنىنى كۆرۈپ، ئاماسانىڭ جەسىتىنى يولدىن ئېتىزلىققا تارتىپ قويدى ھەم بىر كىيىمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. |
כאשר הגה מן המסלה--עבר כל איש אחרי יואב לרדף אחרי שבע בן בכרי | 13 |
جەسەت يولدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھەممىسى بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانى قوغلىغىلى يوئابقا ئەگەشتى. |
ויעבר בכל שבטי ישראל אבלה ובית מעכה--וכל הברים ויקלהו (ויקהלו) ויבאו אף אחריו | 14 |
شېبا بولسا بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلگىچە ۋە بېرىيلىكلەرنىڭ يۇرتىنىڭ ھەممە يەرلىرىنى كېزىپ ئىسرائىلنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىدىن ئۆتتى. [بېرىيلىكلەرمۇ] جەم بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. |
ויבאו ויצרו עליו באבלה בית המעכה וישפכו סללה אל העיר ותעמד בחל וכל העם אשר את יואב משחיתם להפיל החומה | 15 |
شۇنىڭ بىلەن يوئاب ۋە ئادەملىرى كېلىپ، بەيت-مائاكاھدىكى ئابەلدە ئۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. ئۇلار شەھەرنىڭ چۆرىسىدىكى سېپىلنىڭ ئۇدۇلىدا بىر ئىستىھكام سالدى؛ يوئابقا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ، سېپىلنى ئۆرۈشكە بازغانلاۋاتقاندا، |
ותקרא אשה חכמה מן העיר שמעו שמעו אמרו נא אל יואב קרב עד הנה ואדברה אליך | 16 |
دانىشمەن بىر خوتۇن شەھەردىن توۋلاپ: قۇلاق سېلىڭلار! قۇلاق سېلىڭلار! يوئابنى بۇ يەرگە چاقىرىپ كېلىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغىنىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار، ــ دېدى. |
ויקרב אליה ותאמר האשה האתה יואב ויאמר אני ותאמר לו שמע דברי אמתך ויאמר שמע אנכי | 17 |
ئۇ يېقىن كەلگەندە خوتۇن ئۇنىڭدىن: سىلى يوئابمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: شۇنداق، مەن شۇ، دېدى. خوتۇن ئۇنىڭغا: دېدەكلىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغايلا، دېدى. ئۇ: ئاڭلاۋاتىمەن، دېدى. |
ותאמר לאמר דבר ידברו בראשנה לאמר שאול ישאלו באבל וכן התמו | 18 |
خوتۇن: كونىلاردا ئابەلدە مەسلىھەت تاپقىن، ئاندىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ، دېگەن گەپ بار؛ |
אנכי שלמי אמוני ישראל אתה מבקש להמית עיר ואם בישראל--למה תבלע נחלת יהוה | 19 |
ئىسرائىلنىڭ تىنچ ۋە مۆمىن بەندىلىرىدىن بىرىمەن؛ سىلى ھازىر ئىسرائىلدىكى ئانا كەبى چوڭ بىر شەھەرنى خاراپ قىلىۋاتىدىلا؛ نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ مىراسىنى يوقاتماقچى بولىلا؟ ــ دېدى. |
ויען יואב ויאמר חלילה חלילה לי אם אבלע ואם אשחית | 20 |
يوئاب جاۋاپ بېرىپ: ئۇنداق ئىش مەندىن نېرى بولسۇن! مەندىن نېرى بولسۇن! مېنىڭ ھېچنېمىنى يۇتۇۋالغۇم ياكى يوقاتقۇم يوقتۇر؛ |
לא כן הדבר כי איש מהר אפרים שבע בן בכרי שמו נשא ידו במלך בדוד--תנו אתו לבדו ואלכה מעל העיר ותאמר האשה אל יואב הנה ראשו משלך אליך בעד החומה | 21 |
ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئەفرائىمدىكى ئېدىرلىقتىن بىكرىنىڭ ئوغلى شېبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى قولىنى كۆتۈرۈپتۇ. پەقەت ئۇنى تاپشۇرساڭلار، ئاندىن شەھەردىن كېتىمەن، دېدى. خوتۇن يوئابقا: مانا ئۇنىڭ بېشى سېپىلدىن سىلىگە تاشلىنىدۇ، ــ دېدى. |
ותבוא האשה אל כל העם בחכמתה ויכרתו את ראש שבע בן בכרי וישלכו אל יואב ויתקע בשפר ויפצו מעל העיר איש לאהליו ויואב שב ירושלם אל המלך | 22 |
ئاندىن خوتۇن ئۆز دانالىقى بىلەن ھەممە خەلققە مەسلىھەت سالدى؛ ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شېبانىڭ بېشىنى كېسىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب كاناي چالدى، ئۇنىڭ ئادەملىرى شۇنى ئاڭلاپ، شەھەردىن كېتىپ، ھەربىرى ئۆز ئۆيىگە قايتتى. يوئاب يېرۇسالېمغا پادىشاھنىڭ قېشىغا باردى. |
ויואב אל כל הצבא ישראל ובניה בן יהוידע על הכרי (הכרתי) ועל הפלתי | 23 |
ئەمدى يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلنىڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى ئىدى؛ يەھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بولسا كەرەتىيلەر بىلەن پەلەتىيلەرنىڭ ئۈستىگە سەردار بولدى. |
ואדרם על המס ויהושפט בן אחילוד המזכיר | 24 |
ئادونىرام باج-ئالۋانغا باش بولدى، ئاھىلۇدنىڭ ئوغلى يەھوشافات بولسا دىۋان بېگى بولدى؛ |
ושיא (ושוא) ספר וצדוק ואביתר כהנים | 25 |
شېۋا كاتىپ، زادوك بىلەن ئابىياتار كاھىن ئىدى؛ |
וגם עירא היארי היה כהן לדוד | 26 |
يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتقا خاس كاھىن بولدى. |